ئىرادەمدىن سېپىل سوقتۇم
قىلىپ ھۆرمەت خالايىقنى ئەبەدلىك ئېھتىرام تاپتىم،
بولۇپ بۇلبۇل ناۋا ئەيلەپ سەھەر- كەچ، ئۇز كالام تاپتىم.
بىلىمگە چىڭ چىگىپ رىشتە كىتاب ئوكيانىغا شۇڭغۇپ،
پۇچۇلماس پەر- قانات، ئۆڭمەس گۆھەر، تاتلىق قىيام تاپتىم.
بۈيۈك ئەجداد ئىزى بويلاپ كېچە - كۈندۈز بېسىپ ئالغا،
ئۆگەندىم روھ، سۇباتىدىن يېڭىلمەس كۈچ، چىدام تاپتىم.
قېزىپ چىن ئىجتىھات ئەيلەپ جاۋاھىر كانىنى تىنماي،
ۋىسال شەربەتلىرى ئوتلاش ئۈچۈن قاشتېشى جام تاپتىم.
ئۆتەركەن ئىلكىگە دۇنيا چېلىشقاننىڭ، ئېلىشقاننىڭ،
يېڭىپ مۈشكۈل ـــ رەقىبىمنى ئۆمۈرلۈك چىن خۇرام تاپتىم.
دىلىغا ياقسا كىم ئارمان ئوتى، دەپ شۇ مۇراد تاپقاي،
ھايات جەڭگاھىدا جاننى تىكىپ شەربەت تارام تاپتىم.
جاھاندا جانىدىن كەچمەي جانان ۋەسلىگە يەتكەن يوق،
كۈرەشكە ئاتلىنىپ قان - تەر تۆكۈپ روزغار، تائام تاپتىم.
تۇراتتى كۆز ئوڭۇمدا تىك قورام تاشتەك ئۇيۇل بىر تاغ،
ئۇۋاپ قىلغاندا ئۇن- تالقان كۆڭۈل تىندى، ئارام تاپتىم.
دېدى ئابدۇرېھىم: دوستلار، جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق،
ئىرادەمدىن سېپىل سوقتۇم مودام ھاسىلكالام، تاپتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 17:37