غەزەل
مۇشەققەت دەشتىنى كەزدىم گۈزەل، ساھىبجامال ئىزدەپ،
يېتەرمەنمۇ ۋىسالىغا تېپىپ بەرقى كامال، ئىزدەپ.
پىراقى ھۆكمىدىن تەكرار يۈرەككە چۈشتى ئوت-ئاتەش،
مېنىڭ ھالىم يامان بولدى قارا قاشى ھىلال ئىزدەپ.
مېنى ئەپسانە ئەتمەڭ، ئەي بۇرادەر بولدى دەپ ئاشىق،
تىلەيمەن قۇت-ۋىسال، يۈرمەي شەپەرەڭدەك زاۋال ئىزدەپ.
جانانى ۋەسلىگە يەتكەن قاچان، كىم دەرد-پىراق كۆرمەي،
جاپا چەكسەم بىلىنگەي ئۇ ماڭا راھەت، ۋىسال ئىزدەپ.
ئىشق ئەھلى ئۈچۈن قىسمەت پۈتۈلگەن ئېھتىمال شۇنداق،
مېنى باسقاندا تەشنالىق يانارمەنمۇ شامال ئىزدەپ.
گۈزەل ئارمانلىرىم ئىشقا ئاشار دەپ چىن ئۈمىدۋارمەن،
كېزەرمەن ئىشقى دەشتىنى گۈزەل قەددى-نىھال ئىزدەپ.
1991- يىلى ماي، ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-2 16:49