ئابدۇرېھىم زۇنۇن: ئۇيغۇر قىزى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-3 13:47:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 17:16
شىئېر غەزەللەرى كىشىگە زوق ئاتا قىلىدۇ مۇئەللىم. تېخىم ...




        تاشيولچى، سۈرەت باش بەتتە بار. شېئىرنى يوللىغان چېغىمدا، باشقۇرغۇچى قىستۇرۇپ قويۇپتىكەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-9-3 20:03:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-9-3 13:47
تاشيولچى، سۈرەت باش بەتتە بار. شېئىرنى يوللىغان ...

دىققەت قىلمايلا ئىنكاس يېزىپ يۈرۈپتىمەن. بولۇمسىزلىغىم بىلنىشىپ قاپتۇ. ئۇستازنىڭ كۆرسەتمىسىگە رەھمەت!. ئۇيغۇر تىلى ناملىق ئەسەر يۈرۈگۈمگە سىڭدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-5 11:01:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
T.Abaydulla يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 12:52
سۇرەت بىلەن شئېر  خۇددى ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۆز ماس كە ...



          شېئىرلىرىمنى قىزىقىپ ئوقۇغىنىڭىزغا ۋە ئىنكاس بىلدۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
     بۇ ماھىيەتتە ئۆزىڭىزنى تاۋلىشىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-6 16:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى  2013-9-3 20:03
دىققەت قىلمايلا ئىنكاس يېزىپ يۈرۈپتىمەن. بولۇمسىزلىغ ...




         ھېچقىسى يوق، بەزىدە بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-22 00:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  دوپپا

چىرايلىق زىننىتىم - كۆركىم، يىگىتلىك سۈلكىتىم دوپپا،
غۇرۇرۇم، ئىپتىخار، بەختىم، گۆھەر تاج، دۆلىتىم دوپپا.

نەپىسلىكتە يىگانە سەن، تېپىلماس تەڭدىشىڭ ئەسلا،
بېغىشلايسەن ھامان شادلىق يۈرەككە، زىننىتىم دوپپا.

جۇلا قىلساڭ بېشىمدا ئۇز، تېپىپ ئالەمچە قىممەت، شان،
چۆمۈپ سۆيگۈ پايانىغا، دېدىم: سەن سۆلىتىم دوپپا.

قىلىپ ئەجدادىمىز كەشپۇ ئىجاد، بەك ئەتىۋار بىلگەن،
بولۇپ بىزگە ئۇدۇم تاپتىڭ قەدىر، شان- شەۋكىتىم دوپپا.

ئەبەد پۈتمەيدىغان بايلىق، ئەقىل، تەر مېغىزى سەن دەپ،
قەدىرلەپ بىر ئۆمۈر جاندەك، كىيەرمەن ئۈلپىتىم دوپپا.

ساڭا باقسام، ئۇزايىمدا قۇياش پارلاپ، چاچار زەر نۇر،
تارار نەلەرگىدۇر كۆڭلۈم ئۆيىدىن كۈلپىتىم، دوپپا.

گاراڭلىقتۇر، نادانلىقتۇر سېنى ئاددىي بۇيۇم چاغلاش،
جاھان كار- ئىختىراسىدا يېگانە شۆھرىتىم دوپپا.

مىراسىم، زەر خەزىنەم سەن، كۆڭۈل ئۇتقان جانانىم سەن،
قىلار ھېس ئىپتىخار سەندىن ئەبەدكە مىللىتىم، دوپپا.

دېدى ئابدۇرېھىم: ئاقىل ئانا ئەجدادقا مىڭ رەھمەت،
سېنى كىيسەم ئاشار پۈتمەس جاسارەت، ھەيۋىتىم دوپپا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 00:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-8 17:43:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                   يالغان

       پېقىرىڭغا ئاتاپ قۇرغان گۈزەل گۈلشەنلىرىڭ يالغان،
بېغىمدا كۈيچى بۇلبۇلدەك خۇشال كۈلگەنلىرىڭ يالغان.

مۇقەددەس سۆيگۈ ھەققىدە پۈتۈن ئالەمگە جار سالدىڭ،
ئىكەن تەھقىقلىسەم سالغان چۇقان- سۈرەنلىرىڭ يالغان.

قەسەم ئىچكەنىدىڭ: مەڭگۈ بولاي خىزمەتلىرىڭدە، دەپ،
كېچە- كۈندۈز غېمىمنى يەپ، كۆڭۈل بۆلگەنلىرىڭ يالغان.

مىسالى رو چىۋىن يەڭلىغ مېنى ئەگىپ كېتەلمەيسەن،
ۋە لېكىن چىن يۈرەكتىن دىل بېرىپ سۆيگەنلىرىڭ يالغان.

«ئوتۇڭدا تەڭ كۆيۈپ ھەردەم، سۈيۈڭدە ئاقىمەن» دەيسەن،
بۇ لەۋزىڭمۇ ھارام، گۈلخان بولۇپ كۆيگەنلىرىڭ يالغان.

يېپىشتىڭ سالجىدەك مەھكەم قېنىمنى شورىدىڭ ھە دەپ،
ئوتۇمدا سارغىيىپ سەبدەر بولۇپ ئۆيگەنلىرىڭ يالغان.

دىلىڭنى مەھلىيا قىلغان ئەمەس مەن، بەلكى مەھرايىم،
پىراقىمدا كۆيۈپ پەرۋانىدەك ئۆلگەنلىرىڭ يالغان.

تىلىڭدىن بال تامار، ئەمما دىلىڭدا مەرگىمۇش قاينار،
سۆيەي دەپ قانچە قىلساممۇ بويۇن ئەگكەنلىرىڭ يالغان.

كىتىرلاپ ئوغرى چاشقاندەك ھامان ئۇلۇمنى كولايسەن،
ماڭا ياپقان تاۋار يوتقان، ئېسىل چەكمەنلىرىڭ يالغان.

مېنى ساغرۇ قۇلاق، كور، دۆت، نادان مەخلۇق ھېسابلايسەن،
ئەجىر- تەرىم ئۈچۈن سۇنغان تاغار، كەمچەنلىرىڭ يالغان.

ھىيلەڭدىن جاق تويۇپ كەتكەچ دېدى ئابدۇرېھىم مۇنداق:
مېلىمنى سۆيگىنىڭ راستتۇر، مېنى سۆيگەنلىرىڭ يالغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-9 00:34  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-11 00:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    ياشلىقىم __ شاھلىقىم

يېقىملىق، بىباھا غەزەل ياشلىقىم،
يارىمنىڭ كۆزىدەك گۈزەل ياشلىقىم.

رۇستەمدەك كۈچلۈك، ياز تۈنىدەك قىسقا،
باھاردەك ئۇز- كۆركەم مەھەل ياشلىقىم.

ئاجايىپ سىر- ھېكمەت، ھېسلارغا بايسەن،
سەن تاڭدا چاقنىغان زۇھەل ياشلىقىم.

تەڭداشسىز خەزىنەم، تەختى- بەختىم سەن،
سەندە بار غۇرۇر، ئىش- ئەمەل ياشلىقىم.

تاشقىنلار يۈرەكتە مۇھەببەت ھېسسى،
تۆلەيسەن ئۆمۈردىن بەدەل ياشلىقىم.

ئوڭ قىلدىڭ، ئۇچلاندى زېھنىم يىڭنىدەك،
سەن ئۆتكۈر، مېغىزلىق مەسەل ياشلىقىم.

كۈچ تاپتىم، قۇت تاپتىم، كۈلكە، شان تاپتىم،
سەن ئۆمرۈم جەۋھىرى ــ ھەسەل ياشلىقىم.

سەن بىلەن ھاياتىم تولدى مەنىگە،
دېمەك، سەن ھەممىدىن ئەۋزەل ياشلىقىم.

سۆيىمەن، كۈيلەيمەن سېنى تا ئەبەد،
ۋەسلىڭگە قانمايمەن تۈگەل ياشلىقىم.

سەن ھەممە بەختنى بەرگەن شاھلىقىم،
مەڭگۈلۈك ئارمىنىم ــ گۈزەل ياشلىقىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-11 00:29  


ۋاقتى: 2013-10-25 12:24:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكا،ھارمىغايلا،شىئىرلىرىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۈيۈندى،بىر تەكلىۋىم ئىنكاس شەكىلدە يوللىغان شىئىرلىرىنى مۇنبەرگە يوللىغان بولسىلا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ھۇزۇرلانغان بولاتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-27 01:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزىۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-25 12:24
ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكا،ھارمىغايلا،شىئىرلىرىنى ئوقۇپ ك ...



      سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا. ئويلىشىپ كۆرەي. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-10-27 17:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازغۇچىلار تورىغا بۈگۈن تۇنجى كىرىشىم ،كىرىپلا ‹‹ئۇيغۇر قىزى›› دىگەن شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇنى ئىجازەتسىز مىسرانىمغا يوللىغان ،ئۆزرۈلۈكمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 18:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-28 14:13:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-27 17:47
مەن يازغۇچىلار تورىغا بۈگۈن تۇنجى كىرىشىم ،كىرىپلا ‹‹ ...




     خەۋە تاپتىم، مەن تورغا چىقمايمەن. شۇڭا،  كەڭ تاراپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلارسىز، دوستۇم.

ۋاقتى: 2013-10-28 17:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 14:13
خەۋە تاپتىم، مەن تورغا چىقمايمەن. شۇڭا،  كەڭ تارا ...

ئىشەنچىڭىزگە ئېرىشىمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-30 23:28:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 17:19
ئىشەنچىڭىزگە ئېرىشىمەن...



     شۇنداق قىلىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-1 17:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


            ھەركۈنى

ئەتراپىمنى ئەگىدى يار ھەركۈنى،
كۆردى بەلكىم ئۆزىگە پار ھەركۈنى.

ئوينىتىپ قاش- كۆزلىرىنى ئۇتتى دىل،
كۆيدى قەلبىمدە پىراق- نار ھەركۈنى.

باغلىنىپ بالدەك سۆزى، ناز، خۇلقىغا،
ئاقتى كۆزدىن ئەشكى- خۇنبار ھەركۈنى.

قۇت - ۋىسالىنى تىلەپ بولدۇم جۇنۇن،
ئەيلىدى ۋەسلىگە مىڭ زار ھەركۈنى.

چۆرگىلەپ يۈردۈم قۇيۇن تازدەك ھامان،
ئۇ ئەزىز، بولدى پېقىر خار ھەركۈنى...

دېسىمۇ: كەل، سۆي ئېزىپ، مەھكەم قۇچۇپ،
چىقتى كۆڭلىدە ياساپ دار ھەركۈنى.

يۈرىكىمگە ئاتتى ئوق، قىرچىلدى جان،
كەڭ يولۇمنى ئەيلىدى تار ھەركۈنى.

تىلىدا دوستانىلىق، سۆيگۈ زىكىر،
دىلىدا ئوغا - زەھەر بار، ھەركۈنى.

سۆيمىدى، سۆيدۈردى مەھكەم قۇچتۇرۇپ،
«سۆيىمەن» دەپ سالسىمۇ جار ھەركۈنى.

يا سۆيەلمەي، يا كېتەلمەي ئاھ دېدىم،
باشتا سايە، دىلدا دىشۋار ھەركۈنى...

تارتقۇلۇقتۇر بۇ ساڭا ئابدۇرېھىم،
يوق ئامالىڭ ياغسىمۇ قار...ھەركۈنى
!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-1 17:16  


ۋاقتى: 2013-11-1 17:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇسام-ئوقۇسام تېتىيدو بالدەك،
جۇملىدىن ئوت يانغان مىسرالىرىڭىز.
ئوق بولوپ تېگىدو يۇرىگىمگە دەل،
مەجنۇندەك  سەمىمى نىدالىرىڭىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش