ئۇيغۇر قىزى
(شائىر روزى سايىتنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)
چاپتى كىشنەپ زەر قەلەم تۇلپارى دەپ: ئۇيغۇر قىزى،
شوخ، قارا، ئويناق كۆزى گويا دېڭىزنىڭ قۇندۇزى،
ئۇز-گۈزەللىكتە يېگانە، ئاڭا قايىل يەر يۈزى،
كۆر ئەنە بىر قىزكى چېھرى، مېھرى نۇر، ئاتەش ئۆزى،
زىلۋا بوي، سەرۋى بەدەن، چولپان كەبى پارلار كۆزى.
بويىدىن تارقار ئىپار- ئەنبەر، سىياقى گۈل- چېچەك،
تەبىئىي ئۇز، ئاڭا كەتمەس قىلچە پەرداز-گۈل بېزەك،
ئۇزلىقى توزدەك جۇلا يايغان جاھانغا كەڭ ئېتەك،
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك، كىرپىكى تال-تال يىپەك،
مەڭزى ئانار، لېۋى ياقۇت، خۇددى ئاي رۇقسار ـــ يۈزى.
ئۆڭى سۈتتەك ئاق، شامالدەك يۈرىشى سىلىق ئەجەب،
بوغۇزىدىن كۆرىنەر سۇ ئىچسە، جۈپ جىنەستە لەب،
تۇنجى كۆرگەنلەر سورار: «سۈرەتمۇ بۇ، ئادەممۇ؟» دەپ،
قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا، چىشى سەدەپ،
ھەم ئۇزۇن، ھەم توم، قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى.
شۇنچىلىك ئوڭلۇق، مۇلايىم، ھەم ئەقىلدە بەركامال،
چېھرىدىن كەتمەس تەبەسسۇم، مىسلى بىر ساھىبجامال،
تۆكۈلەر غۇنچە لېۋىدىن سۆزـــ سۇخەن، دۇردانە، بال،
چامدىشى ئوخشار كېيىككە، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال،
شەرم-ھايالىق باقمىشى، شۇنچە ئەدەپلىك گەپ- سۆزى.
قالدۇرار ئادەمنى تاڭ تەمى ئەگەر ئەتسە غىزا،
قىلىدۇ تۆرگە ئېلىپ مېھماننى ھۈرمەت ھەم رىزا،
يار ئاڭا شەرم-ھايا، بارچە ئېسىل خىسلەت، ئىزا،
سۆيگۈگە سادىق، ۋاپالىق، قەلبى ئاپتاپتەك تازا،
ئاچقۇزار خۇش ھىد چېچەكنى گۈل قولى، باسقان ئىزى.
نۇرلىنىپ چىقسا، رەشىك ئەيلەپ، مۆكەر شەمشى، قەمەر،
ئەجىر-تەرى، مېھرىدىن گۈللەر، كۆچەتلەر سۇ ئىچەر،
چەكسە گۈل رەختلەرگە ئۇ بۇلبۇل ناۋا ئەيلەپ كېتەر،
ناخشا ئېيتسا، تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر،
چالسا دۇتار، شوخ ئۇسسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى.
بۇ ئانا تارىمدا ئۇ يىلتىزلىغان چوڭقۇر-تېرەن،
يۈز،چىچى ـــ ئاي، تۈنگە رەڭ بەرگەن، ئۆزى نازۇك بەدەن،
ئۇ غەزەل، ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ پىرى، تاپماق تەس ئېۋەن،
كۆڭلىكى توزنىڭ قاناتى، دوپپىسى ـــ رەڭدار چىمەن،
چىگكىنى ياغلىق دېمەڭ، ئىپپەت-نومۇسنىڭ ئەندىزى.
«پەرىپەيكەرنىڭ ئۆزى بۇ...» دەيدۇ يۈرگەنلەر ئۇنى،
«ئوتمۇ بۇ، ئاتەشمۇ بۇ، ۋاھ!...» دەيدۇ كۆيگەنلەر ئۇنى،
«بالمۇ بۇ، قەنتمۇ، ناۋاتمۇ؟...» دەيدۇ سۆيگەنلەر ئۇنى،
«پاھ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ؟...» دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى،
جەننەتۇل پىردەۋستىمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى.
«ئۇ پەرى، بولمايدۇ ئادەم زاتى مۇنداق»، دەرسىلەر،
«توۋا دەپ، چىشلەپ ياقا، ئادەم ئەمەس، ياق!» دەرسىلەر،
«بولسا ئادەم ئۇ گۈزەللىكتە پەقەت تاق»، دەرسىلەر،
«سىرت- سىياقى شۇنچە، ئەمما كۆڭلى قانداق؟» دەرسىلەر،
ئۇــــ ئەقىل، ئەخلاق، لاتاپەتتە جاھاننىڭ يۇلتۇزى.
قەلبى ئاپتاپ، ئاي مەسەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
تىلى شېرىن بال- ھەسەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
بۇلىقى ناخشا- غەزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
ئىچ- تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
كىم دېسەڭ، ئۇ مەرد، غۇرۇرلۇق، شەر*ق گۈلى ئۇيغۇر قىزى.