____kizilgul يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 22:58
ھە،ناملىرى تۇنۇش بولسىمۇ ،تازا ئېسىمگە ئالالمىدىم،م ...
بېلىقىز خانىم، خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ئىشلىرى چېچىدىنمۇ تولا بولىدۇ، بۇ ماڭا چۈشىنىشلىك. شۇڭا، خىجىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
نۇرمۇھەممەت ئاكامغا سالامىمنى يەتكۈزگەنلىكىرىدىن خۇشال بولدۇم. نۇرمۇھەممەت ئاكام بىلەن بىر شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ، خوتەنگە ئېلىپ كەلگەن چاغدا تونۇشقان ھەم ياردەمدە بولغان. كېيىن خوتەندە ناخشا تېكىستلىرى يىغىش ۋە تەھرىرلەش ئىشى بىلەن كېلىپ، بىر مەزگىل تۇردى، شۇ چاغدا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىللە بولۇپ، ئاغىنە بولۇپ قالغان. شۇندىن كېيىن پات-پات تېلېفون قىلىپ تۇراتتىم. بىر قېتىم رادىيودا بېرىلىدىغان «ئاق ئۆرۈك» ناملىق تېكستتىم لازىم بولۇپ قېلىپ، تاپالماي تېلېفون قىلسام، ئارخىپنى ئاقتۇرۇپ تېپىپ بەرگەنىدى... دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئالاقە قىلالمىدىم. ماۋۇ نومۇرنى خاتىرلىۋالدىم. خۇدا خالىسا، بۇندىن كېيىن يەنە تېلېفون قىلىپ تۇرىمەن.
سىلىنىڭ تېلېۋېزور ۋە رادىيودا بەرگەن بىر نەچچە قېتىملىق نۇتۇقلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم، پەخىرلەندىم...
شېئىرىلىرىمغا بەرگەن باھالىرىدىن سۆيۈندۈم. رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-12 12:40