ياخشى تۇلپار يولدا سىنىلار
چىن يۈرەكتىن سۆيدۈم كەسىپ- كارىمنى،
سۆيگەندەك بار ئىشقىم بىلەن يارىمنى.
كۆيۈپ ئۇنىڭ ئوت - ئىشقىدا كۈنۇتۈن،
بېغىشلىدىم زېھىن، ۋاقىت، بارىمنى.
قىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بەخشەندە،
ئۈگۈت ئەتتىم ئايرىپ بوغۇم- چارىمنى.
بالدەك يۇتۇپ ھەردەم جاپا ــ ئوغىنى،
بىلدۈرمىدىم كۆپكە ئاھۇزارىمنى.
ئىلگىرىلىدىم ئەگرى- توقاي يوللاردا،
تەسنى ئاسان، كەڭرى قىلدىم تارىمنى.
ئىجتىھاتىم، سۇباتىمدىن مەڭدەتتىم،
باشتا ئەگىپ سايە سالغان «سار»ىمنى.
دەيدۇ: «ياخشى تۇلپار يولدا سىنىلار» ،
ھاردۇردۇم چۆل كېمىسى شاش نارىمنى.
نەگە تىكسە، ئاشۇ يەردە كۆكلىدىم،
يىغىپ تويماس بالا نەپسىم ــ غارىمنى.
ئابدۇرېھىم دېدى: ئۈنسىز ئىشلىدىم،
ئولتۇرمىدىم ھېچ جاكارلاپ جارىمنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-15 10:37