ئابدۇرېھىم زۇنۇن: ئۇيغۇر قىزى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-21 22:57:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                         پەقەتلا تۆت كۈنلۈك تاج بىلەن شۆھرەت،
                        مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر ھېچكىمگە دۆلەت .
                        قوشكېزەك خۇشاللىق بىلەن قايغۇ-دەرد،
                        باقىيدۇر ئەبەدىي سۆيگۈ- مۇھەببەت .


           

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 13:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                بەزىلەر سۆزلەيدۇ يالغان- ياۋىداق، ئويدۇرما ساپ،     
          بىل، بولالماس ئەگرى شاخ مىڭ يىلدىمۇ كەتمەنگە ساپ .
     مەن كېرەك بولسام، مۇبادا، يىپ قىلىپ يىڭنەڭگە ساپ،
رازىمەن، بولساڭ ئەگەردە توغرا سۆزلۈك، كۆڭلى ساپ !     


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 12:58:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئەمەس مۇمكىن چىۋىنلەرگە قىلىچ شىلتىپ، قىرىپ-چاپماق،
ئۆزى ھايۋان كىشىكىم، بولسا ھايۋانغا ھۈرۈپ-چاپماق .
ئەقىل ئىشلەت جىمى ئىشتا، ئاتارمۇ پاشىغا شىر مۇشت؟
ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك نادانلار كەينىدىن چاپماق...   

           

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-6 14:31:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 14:32  



ھاياتلىق يېشىمى



«گۈل» پۇرىغان چاغدا تۇنجى رەت،
چۆمۈلىسەن تاتلىق تۇيغۇغا .
تاتلىقلىقتا تەڭ كېلەلمەس ئۇ،
سەھەردىكى شېرىن ئۇيقۇغا .

كەچمىكىڭ تەس، تاتلىق بولىدۇ
     بىلسەڭ دوستۇم، غەپلەت ئۇيقۇسى .
تاڭ بىلەن تەڭ ئېرغىپ تۇرمىساڭ،
ئۇ ئۆمۈرلۈك داغدا قويغۇسى .   
......................
تەققاسلىساڭ تاڭغا ياشلىقنى،
بىر دەمدىلا بولار چۈش، پېشىم...
بارماق چىشلەپ قالىسەن كەچتە،
بېرەلمىسەڭ سەھەرگە يېشىم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 22:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئاغرىنىش



ئوت كەتتى كەڭ تەكلىماكانغا،
ئەتراپ بۇ دەم ئاقارغان تونۇر .
بارخانلارنى يالمايدۇ گۈلخان،
يېرىلغۇدەك سوقىدۇ تومۇر .

كۆككە ئۆرلەپ يالقۇنلايدۇ ئوت،
كۆيەر ئالەم ئەركىسى قۇياش .
پاناھىڭدا ساقلا ئىلاھىم،        
يۈرەك ئېغىپ، چىڭقالماقتا باش.

ئاسفالت يول ياتار سوزۇلۇپ،
بارخانلارنىڭ باغرىدا تەرلەپ .
لېۋى گەز-گەز يېرىلغان كوڭكا،
ئالغا قاراپ ئېتىلار ھەدەپ …

ئوتقا چۈشكەن يېگانە قىلدەك
پۇچىلاندىم، تولغاندى يۈرەك .
كۆكسۈم ــ سەندەل، ئۇرۇلدى بازغان،
نەپەس ئېلىش قىيىنلاشتى بەك .
……………………
ئۆز-ئۆزۈمگە ئەيلىدىم خىتاب،
ئېيتقىنا بۇ نېمە كارامەت ؟!   
توڭغانغا ئوت، ئۇسسىغانغا سۇ
بەرمەس نېچۈن ئانا تەبىئەت ؟!


   2006-يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى (تەكلىماكان) ئاپتۇۋۇز

ۋاقتى: 2016-2-19 11:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-2-19 11:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۈر ،ئىجادىيەتلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 23:01:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





         رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 23:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




قالارسەن ئەتە دوڭغاقلاپ، بۈگۈن يۈرگەن بىلەن تاق- تاق،  
بەخت- قۇت تاقنى جۈپ قىلسا، قازا جۈپنى قىلار، بىل، تاق .
بولالماس ھېچ كىشى تۈۋرۈك جاھانغا، ئاخىرى كەتكەي،        
پەقەت ئۆلمەيدۇ مەڭگۈگە ئىجادىي تۆھپە، راسلان تاق !   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 16:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەئەل يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 11:30 AM
ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۈر ،ئىجادىيەتلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بو ...




       ئەمگەك مېۋەمنىڭ تەمىنى تېتىپ، مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
       تىلەكلىرىڭىز ئىجابەت بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 17:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



           گۈلۈم، ساڭا ئەجەل قۇشى سالدى چاڭ،               
          تەقدىر مېنى كاچات بىلەن سالدى «چاڭ»...        
          پارقىرايتتى بارىڭدا دىل ئەينىكىم،                  
          بۈگۈن مانا باستى ئۇنى توپا- چاڭ .           

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 19:09:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




كۆكسۈمگە سۆيگۈدىن سېلىپ قويدۇڭ دەم،
قىينالدىم ئالالماي ئەركىن نەپەس- دەم.
«ماقۇل»غا ئېچىلار قاچانمۇ غۇنچەڭ؟           
ئاھ! دەيمەن، ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ ھەر دەم.        


ۋاقتى: 2016-3-11 11:55:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئۇستاز ‹‹ئۇيغۇر قىزى ›› ناملىق بۇ لىرىكىنىڭ ئويناق ،پاساھەتلىك تىلىدىن ئانا تىلىمنىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم . تەنلىرىسالامەت، ئىجادىيەتلىرى ئوڭۇشلۇق،بەرىكەتلىك بولغاي

ۋاقتى: 2016-3-25 14:01:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن ، نادىر ئۈزۈندىلەر توختاپ قالمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش