غەزەل
يۈرەك تېپىچەكلىدى سۈبھى قۇياشتەك يۈز ئېچىپ چىقساڭ،
قېتىپ قالدى كۆزۈم قارىچۇقلىرى شولا چېچىپ چىقساڭ.
سىياقىڭغا نەزەر تاشلاپ ئۆزۈمنى يىتتۈرۈپ قويدۇم،
ئۆيۈڭدىن تاڭ ساباسىدەك تۇتۇق بەرمەي قېچىپ چىقساڭ.
خىيالىڭ ساقچىسى ئالدى مېنى ئىلكىگە، بەندەڭمەن،
چۈشەرمەن ئىزتىراپقا مىڭ ئويۇمنى ھەر كېزىپ چىقساڭ...
كۆسەي بولدى كۆيۈپ جىسمىم پىراقىڭ تەپتى ــ يالقۇندا،
ماڭا سەن ئىشق بالاسىدىن ھەمىشە ئوت ئېچىپ چىقساڭ.
يېنىڭدىن كەتمىدىم ماڭدام نېرى بولماققا ھەددىم يوق،
ساڭا تۈندە ماياك بولدۇم دېڭىزلارنى كېچىپ چىقساڭ.
تۇرالمايمەن سېنى كۆرمەي، سەۋرگە تاقىتىم يوقتۇر،
يېلىندىم: «ساڭا بىر نۆۋەت تولۇن ئايدەك بېقىپ چىقساڭ»...
تومۇزدا چاڭقىغان تەكلىماكاندەك كەڭ قۇچاق ئاچتىم،
نە بولغاي تەشنا جىسمىمغا يۇرۇڭقاشتەك ئېقىپ چىقساڭ!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-11 20:44