يادنامە
ــ شائىر روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
روزانكا، نامىڭىز بار ئەل دىلىدا: «كاتتا شائىر...»، دەپ،
«ئۇلۇغ دېھقاننى كۈيلەشكە ئىدى ئۇ بەكمۇ ماھىر»، دەپ.
«نەزم ئىشقىدا پەرۋانە كەبى كۆيگەچ كېچە-كۈندۈز،
ئۇنىڭدىن قالدى يادنامە بولۇپ يەتتە جاۋاھىر*»، دەپ.
قەلەم تۇلپارىڭىز چاپچىپ تۇراتتى، سىز دېۋىتكەچكە:
«شېئىر – زۆھرە، مانا مەن دەل ئۇنىڭ ئىشقىدا تاھىر»، دەپ.
قىزىيتتى ئەنجۈمەن، سورۇن، چىقىپ ئەۋجىگە شاد كۈلكە،
ئالاتتۇق سىزنى ئەلقىسسە «ھەزىل- چاقچاققا ماھىر»، دەپ.
ئېچىلسا ئاغزىڭىز، ھاڭ-تاڭ قالاتتى ئەھلى سورۇن، راست،
مانا تەرىپلىشەر ئەل- يۇرت: «ئىدى دىل، پىكرى زاھىر»، دەپ.
تۆكۈپ ياش ھەم كۈلۈپ دېھقان بىلەن تەڭ، كۆڭلىنى ئۇتقاچ،
ئاۋام يادلايدۇ سىزنى: «ئۇ ئىدى بەك ياخشى كادىر»، دەپ.
بۈگۈن ھەممە ئېغىزلاردا مۇبارەك نامىڭىز زىكرى،
ئەدىبلەرمۇ دېمەكتە:«ئۇ كۆيۈمچان، پىر مۇھەررىر...»، دەپ.
ئاسانمۇ ئەل دىلىدىن شۇنچىلىك چوڭقۇر ئورۇن ئالماق؟
سېغىنغاچ ھەممە سەپ ئېيتتى: «ئۇ كۆپ ئىشلارغا قادىر...»، دەپ.
ئېغىزدىن چۈشمىدى، چۈشمەس، ئەبەدكە نامىڭىز ئۆلمەس،
بىلەر ئەل – يۇرت قەبلەردە «بۇ شائىر مەڭگۈ زاھىر»، دەپ.
2006.12.2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-11 16:08