ئەمەسمۇ
باغرى ئىللىق، كەڭ جاھان ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ؟
نۇرلۇق قۇياش، ئاي، چولپان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
ئەجرى ئالتۇن بىباھا، ئۇلۇغ پەدەر ـــ رەھنەما،
ئەڭ سۆيۈملۈك، قەدىردان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
تەن ۋە جاننى بار قىلىپ، ھاياتلىققا يار قىلىپ،
دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
نىمجان تەنگە قان بېرىپ، ئېتىقاد، تۇز-نان بېرىپ،
بېغىشلىغان كۈچ - دەرمان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
ئاق سۈت بېرىپ چوڭ قىلىپ، ئۈگۈت بېرىپ ئوڭ قىلپ،
ئاق - قارىنى تونۇتقان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
ئۆزى يېمەي يېگۈزۈپ، يېڭى، پاكىز كىيگۈزۈپ،
بىزنى يوغان چامداتقان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟
ئانا قۇشتەك پەر قېقىپ، لېۋىمىزگە لەۋ يېقىپ،
جانغا قاتقان يەنە جان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟
روزا تۇتۇپ ئىچىدە، ھېيىت ئوينىشىپ تېشىدا،
بىزگە شەپقەت ياغدۇرغان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
ئىشلەپ مەينەت-لاي دېمەي، يوقسىزلىققا «ۋاي» دېمەي،
مىڭ جاپادا ئوقۇتقان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟
يېشىمىزنى قۇرۇتۇپ، كېچىمىزنى يورۇتۇپ،
ئىقبالغا كەڭ يول ئاچقان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
كۈن چۈشۈرمەي باشلارغا، مىندۈرۈپ كۆك تاشلارغا*،
بولۇپ كەلگەن پاسىبان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
خانتەڭرىدەك يۆلەك تاغ، يازدا كەۋسەر، سالقىن باغ،
زىمىستاندا ئوت - گۈلخان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟
جەڭگاھلاردا تىغ، قالقان، سوغ تۈنلەردە نۇرئەپشان،
دىل تەختىدە شاھ - سۇلتان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
ئوتىمىزدا دەم كۆيۈپ، سۈيىمىزدە تەڭ ئېقىپ،
سەپكە قوشقان جانىجان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟
بىز يېتىلىپ توشقىچە ــ سەپ-قاتارغا قوشقىچە،
مىڭ قازاندا قاينىغان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ ھەم دېمەي: «ھاردىم، ئالاي دەم»،
نەۋرىلەرگە قاراشقان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟
ئەمدى ئالسۇن دېمىنى، تولۇقلايلى كېمىنى،
بىزگە تۆت كۈن پاك مېھمان ئاتا- ئانا ئەمەسمۇ؟
تېۋىنايلى ئىپتىدا قىلىپ دىلدىن ئىقتىدا،
چەكسىز ئۇلۇغ، مېھرىبان ئاتا - ئانا ئەمەسمۇ؟!
* «كۆك تاشقا مىندۈرۈش» ـــ بەخت-سائادەتكە، ئامەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ئىبارە.