بىر ئايدىن بۇيان ، BRT ئىككى لىنىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 250 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتتى |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە BRT دا قاتناش باشلانغىنىغا دەل بىر ئاي ۋاقىت بولدى . گەرچە BRTسىسىتېمىسىدا يەنىلا ئازدۇر–كۆپتۇر يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ، لېكىن 30 كۈن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى لىنىيەنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 250 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتكەن ، بۇ ، مەركىزىي شەھەردىكى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىدىغان ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %10 ىنى ئىگىلىگەن . BRT نىڭ بۇنداق ئالقىشقا ئېرىشىشى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىققاندا يەنىلا ئالدى بىلەن BRT نى تاللايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
مەنبە: www.xjtsnews.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/5 13:21:01 ئۇقۇلۇشى: 110 قېتىم] |
|