News site - خەۋەرلەر - ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئەمىن زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟ - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى
شاكىرا يۈزسىزلىك قى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنجىلىنا جۇلى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى
ئەنجىلىنا جۇلى خەلق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ستىۋى جوبز راك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن
ستىۋى جوبز راك كېسى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر ئايدىن بۇيان ، BRT ئىككى لىنىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 250 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتتى
بىر ئايدىن بۇيان ، B..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جېكسوننىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى رەسىمى سوتتا ئاشكارىلاندى
جېكسوننىڭ ئۆلگەندى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاۋات ناھىيەسى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى
ئاۋات ناھىيەسى دۆلە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كېنتاكىي يېمەكلىكلىرى يەنە بىرقېتىم باھا ئۆستۈردى
كېنتاكىي يېمەكلىكل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:س رونالدو كۇلۇب تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى
س رونالدو كۇلۇب تەر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئەمىن زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟

غەيرەتجان ئوسمان

 

 

ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار
 

دۇنيا سىر بىلەن تولغان، ئىنسانلار ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلگەن. بەزى سىرلار يېشىلىشكە تەشنا بولغان بولسا، بەزى سىرلار بەكمۇ مۇرەكەپ بولۇپ، ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىپ كەلگەن. سىرلارنى يېشىش ئادەم بالىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەمگىكى ھېسابلىنىپ كەلگەن. سىرنى يېشىش ئۈچۈن بەزىلەر ئاڭلىق ھەرىكەت قىلسا، بەزىلەر ئىستېخىيىلىك يوسۇندا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. بەزى سىرلار يېشىلگەندىن كېيىن كىشىلەرنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا، بەزى سىرلار يېشىلمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى سۇسلاشتۇرماي كەلگەن. ئومۇمەن، سىر ئىنتىلىش، ئىجادىيەت، مۆجىزە دېمەكتۇر. سىر ئەقىللىق ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۈمىد چىرىغى، تەلپۈنۈش مەنزىلى. مۇبادا شۇنداق بىر چىراغ ئۆچۈپ قالىدىكەن ياكى تۇيۇق مەنزىل بولىدىكەن، ئىنتىلىش، مېھنەت، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات توختاپ قالغان بولاتتى.

ئالىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىش جەريانىدىكى ئىزتىراپلار

1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نامازدىگەر ۋاقتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي رايونى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 17-بىنادىكى ئۆيۈمدىن سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىۋاتسام، مەكتىپىمىز سۈت فېرمىسىنىڭ سۈت ساتقۇچىسى پالتاخۇن ئاكىنىڭ ئايالى خەيرىنساخان (ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ئۇدۇل ئىشىك قوشنىسى) ناھايىتى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا 18-بىنانىڭ 1-ئىشىكىدىن شىمال تەرەپكە يۈگۈرگەندەك مېڭىپ كەلدى. ئۇ مېنى كۆردى بولغاي،
- ئۇكام غەيرەتجان، تېز بولۇڭ، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم بولالماي قالدى، رەنا خانىممۇ، بالىلارمۇ يېنىدا يوق، تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى، - دېدى. مەنمۇ قولۇمدىكى سۈت قاچىسىنى قەيەرگە قويغىنىمنىمۇ ئاڭقىرماي، يۈگۈرگەن پېتىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيى تەرەپكە باردىم. بىناغا كىرىشىمگە پەرھاد، ئەركىن قاتارلىق ئىككى ياش قوشنىلار كۆرپىگە ياتقۇزۇلغان مۇئەللىمنى ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ، 3-قەۋەتتىكى ئۆيدىن 2-قەۋەتكىچە ئېلىپ چۈشۈۋاتقان ئىكەن. تاسادىپىيلىق ھەم جىددىيچىلىك ئىچىدە كۆرپىنىڭ يېنىنى تۇتۇشۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدۇق ھەم ئىشىك ئالدىغا چۈشتۇق. مەن مۇئەللىمنىڭ باش قىسمىنى قۇچىقىمغا قويۇپ، قوشنىلار بىلەن تاكسىغا چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يېتىپ كېلىپ، كېسەل كارىۋىتىغا ئۇلاشتۇق. دوختۇرلار ناھايىتى تېزلا سايمانلارنى تەييارلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەت ھەپىلىشىلدى. مەسئۇل دوختۇر ماڭا قاراپ،
- بۇ كىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى ئىگىسى بارمۇ، - دەپ سورىدى. مەن:
- مانا مەن ئىگىسى بولىمەن، - دېدىم ۋە، - ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمەيدىغاندۇ، بۇ مەشھۇر ئادەم، قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار، - دېدىم. مەسئۇل دوختۇر:
- بۇ ئادەم نەپەستىن قاپتۇ، - دېدى. مەن:
- نەپەستىن مۇشۇ دەقىقىدە قالدىمۇ ياكى ئىلگىرى قالغانمىكەن، - دېسەم، دوختۇر:
- بۇنىسى نامەلۇم، خېلى بۇرۇنلا نەپەستىن قالغاندەك تۇرىدۇ، - دېدى.
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ، قۇلىقىمغا قەتئىي ئىشەنمىدىم. ئۇستاز، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم مۇشۇنداق ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟ ئۆلۈش دېگەن مۇشۇنداق ئوڭايمۇ؟ بۇ مەشھۇر زاتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان مەن ۋە ئۇنىڭ بىر ئاشپەز قوشنىسى بار يەردىلا ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭ قەدىناس ئايالى، سۆيۈملۈك بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. لېكىن ئۇستازنىڭ ۋاپاتى رېئاللىق ئىدى. ئۇنى قوبۇل قىلماي بولمايتتى. ۋاقىت ئۆتمەكتە. مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى ۋاقتىدا تېڭىش لازىم ئىدى. دوختۇر-سېستىرالار ئېڭىكىنى تېڭىڭلار دەپ ئالدىراتتى. مەن مەرھۇمنىڭ يېقىن تۇغقىنىدىن بىرەرسى بولمىسا، ئېڭىكىنى تېڭىپ قويساق، ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ قويغاندەك بولمامدۇ، ئايالى، بالىلىرى كېلىپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك، ئەڭ مۇۋاپىق ئىش يەنىلا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ئېڭىكىنى تاڭسا، دەپ، دوختۇر-سېستىرالارنىڭ دالالىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم. كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئۇستازىم كۆزىنى ئېچىپ، ئورنىدىن تۇرىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. لېكىن مۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋاقىت ئۆتۈۋاتاتتى. سېستىرالار مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىۋېتىشىمنى جېكىلىدى. ئامالسىز ئەھۋالدا بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتەپ، 2.80 پۇڭلۇق داكا سېتىۋېلىپ، كىچىك چاغلىرىمدا دادام رەھمەتلىك ئۆگىتىپ قويغان سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۆزۈم بىلگەن ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىپ قويدۇم. ئۆزۈم بۇنداق ئىشلاردا تەمكىن بولساممۇ، لېكىن بۇ قېتىم خۇدۈكسىرىگەندەك بولدۇم. يەنىلا مەرھۇمنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى بۇ مۇقەددەس ئېڭەكنى تېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم.
شۇنداق دەپ قارىدىمكى، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ بېشىنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇش، ئېڭىكىنى تېڭىپ كۆزىنى يۇمدۇرۇش ماڭا نېسىپ بولغانىكەن، ئۇنى تەقدىر ماڭا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرا بولغان ئىكەن.
نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن؟ ئۇنىڭ مۇنداق سەۋەبى بار:
مەن 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئورۇندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دېگەن بىر مۇئەللىمنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى پات-پات ئىزدىدىم. 1980-يىللىرى ئۇ بىزگە «ئېستېتىكا» دەرسىنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دەسلەپ، مۇئەللىمنىڭ ئاددىي-ساددا قىياپىتىگە، لەرزان تەلەپپۇزىغا قاراپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەنسىتمەسلىكتەك نادانلىق كەيپىياتى بولۇپ قالدى. كېيىنچە مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيىلىرى ھەممىمىزنى تەبىئىي يوسۇندا ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئىستېداتلىق بىر ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە يېڭىباشتىن نامايان بولىدىغان بولدى. بولۇپمۇ مەن 1983-يىلى 3-ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ، ئۆز مەكتىپىمدە ھەم ئۆز كەسپىمدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى مەرھۇم ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستاز بىلەن مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ياخشى ساقلاپ كەلدىم. لېكىن خېلى كۆپ كىشىلەر ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئالاقە قىلىشتىن، ئوغلىنىڭ تويىغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، تىمىسقىلاپ يۈرگەن چاغلىرىدا مەن ئېغىر مەمۇرىي بېسىم ۋە سۈنئىي چەتكە قېقىلىشلارغا پەرۋا قىلماي، مۇئەللىم بىلەن بولغان ئالاقىنى باشتىن-ئاخىر ئۈزۈپ قويمىدىم. ئاسپىرانتلارغا ئۆتىدىغان دەرسلىرىنى سىرتتىن ئاڭلاپ تۇردۇم، دوختۇرخانىغا بېرىپ، ساناقلىقلا خىزمەتداشلىرى قاتارىدا يوقلاپ تۇردۇم. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كۆپچىلىك خىزمەتداشلىرى قايمۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭدىن يىراقلاپ تۇرغان چاغلاردا مەن ئەڭ يېقىن تۇردۇم. مانا مۇشۇلارنىڭ شاراپىتىدىنمۇ مەرھۇم ئۇستاز ۋاپات بولغاندا، مەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى سۈپىتىدە ئېڭىكىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاڭدىم. مەن بۇ ئىشنى تولىمۇ لايىقىدا قىپتىمەن دەپ ئويلايمەن.

     مەڭگۈلۈك سىر بولۇشقا يۈزلەنگەن ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايى

مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يەرلىكىدە ياتتى. شۇ كۈنى مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى دوستلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ ئون ئەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ ئۆلۈم، نەزىر ئىشى ۋە «مۇسىبەتنامە» ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولدۇق. مۇزاكىرىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ھاكىم جاپپار، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل نىياز، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد سۇلتان، ئابباس بۇرھان، ساۋۇت موللاخۇن، سېلىم توخسۇن، ئىسمائىل ئوسمان، رەنا خانىم ۋە مەن قاتارلىقلار بار ئىدۇق. مۇزاكىرىدىن ئىلگىرى ئىسمائىي نىياز، ئازاد سۇلتان قاتارلىقلار مەكتەپ ئارخىپخانىسىغا بېرىپ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ماتېرىياللارنى خاتىرىلەپ كەلدى (بۇ ئەسلىي ماتېرىيال بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ قولۇمدا). مۇشۇ ماتېرىيال ئاساسىدا ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ «مۇسىبەتنامە»سىنى تەييارلاش ئىشى قولغا ئېلىندى.
دەسلەپ گەپ مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى بېكىتىشتىن باشلاندى.
- مەرھۇمنى قەيەردە تۇغۇلغان دەيمىز؟ - دەپ سۆز باشلىدى ئارىدىن بىرەيلەن،
- ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز، - دېدى ئابباس بۇرھان ئەپەندى. ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىمۇ دەرھال سۆز ئېلىپ:
- شۇنداق، ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز، دەپ تەكىتلىدى. ئارىدىن مويدىن بەگ ئەپەندىم(بۇ ئادەم كېيىن مەرھۇم بىلەن قۇدا بولغان) سۆز باشلاپ:
- دۇرۇس گەپ قىلايلى، نېمىلا دېگەن بىلەن خۇدانى ئالدىساق بولماس، قەيەردە تۇغۇلغان بولسا شۇ يەردە تۇغۇلغان دېسەك بولمىدىمۇ. نېمە قىلىمىز كىشىلەرنى ئالدايدىغان گەپنى قىلىپ، - دېدى.
مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا مويدىن بەگ ئەپەندىم، سول يېنىمدا ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم ئولتۇرغان ئىدى. ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم بىز ئولتۇرغان كىرىسلودا دۈمبەم تەرەپتىن ئوڭ قولىنى چىقىرىپ، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول بېقىنىغا بىر قانچە قېتىم نوقۇغان ئىدى. كۆزۈم سولغا بۇرۇلغانىدى، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان ئابباس بۇرھان ئەپەندىمۇ مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ ئوڭ بېقىنىغا ھەدەپ نوقۇۋېتىپتۇ. نوپۇزلۇق ئىككى ئادەمنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن مەنىلىك ۋە قاتتىق نوقۇشلىرى، سورۇندا ئولتۇرغان يەنە بىر قانچە ئاتۇشلۇق مۇئەللىملەرنىڭ خۇددى كېلىشىۋالغاندەك(ئۇلار كېلىشىۋالغان، ئەلۋەتتە) ئارقا-ئارقىدىن تەكىتلەشلىرى ئارقىسىدا، «مۇسىبەتنامە»گە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم «ئاتۇشتا تۇغۇلغان» دېگەن مەزمۇن كىرگۈزۈلىدىغان بولدى ھەم شۇنداق تەييارلاندى.
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئابرويى خۇددى يانار تاغدەك بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىت شۇنداق ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا بىر تەرەپتىن، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇزۇن يىل بىخ ھالىتىدە تۇرۇپ، چېچەكلەپ، دەل ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئۈلگۈرۈپ مېۋە بېرىشكە، بۇ مېۋىگە قىزىققانلارنىڭ ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقا، ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى، شاگىرتلىرى ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى قىلدى، كەڭ دائىرىدە تەشۋىقات-تەرغىبات ھەرىكىتى شەكىللەندى. كېيىنچە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەرھۇمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى، كەڭ جامائەتنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇردى، ئىلىم تەلەپكارلىرىنى مول مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، تارىخىي بۇرچنى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىدى.
مەرھۇم ئۇستازنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن، مەن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئارىدىن يېرىم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇ كىشىدىن:
- مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم قەيەردە تۇغۇلغان بولغىيتتى، ئۆتكەندە مۇسبەت كۈنى ئەجەب تالاش-تارتىش بولۇپ قالدى، - دەپ ئەتەي سورىدىم. مويدىن بەگ ئەپەندى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،
- مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرەي، مەسىلىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن سىزگە ئۇچۇر قىلاي، - دېدى.
ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندىگە ۋاقىتنى خېلى ئۆتكۈزۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم. بۇ مۆھتەرەم زات:
- ئىزدىنىۋاتىمەن، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە تېلېفۇن ئۇرىمەن، - دەپ سوئالىمنى جاۋابسىز قويدى. كېيىنچە بىر قانچە قېتىملىق سورۇن-مەرىكىلەردە ئۇ كىشىنى ئۇچراتقان بولساممۇ، لېكىن جاۋاب سىر پېتى قېلىۋەردى. ئويلىدىمكى، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ مۇسبەت كۈنى ئوڭدىن ۋە سولدىن قىلىنغان زەردىلىك نوقۇشلار سەمىمىي، راستچىل، سالاپەتلىك، پەزىلەتلىك، ئابرۇيلۇق پېشقەدەم بۇ جامائەت ئەربابىنى قاتتىق چۆچۈتىۋېتىپ، ئېھتىياتچان قىلىپ قويغان بولسا كېرەك.
مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى توغرىلاشقا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەستايىدىل ئۇزۇن باش قاتۇرۇشۇمدا، بىرىنچىدىن، مويدىن بەگ ئەپەندىنىڭ: - نېمە ئۈچۈن راست سۆزلىمەيمىز، خۇدايىمنى ئالدىساق قانداق بولىدۇ، - دېگەن سۆزى كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقى، ئىككىنچىدىن، راستچىل-سەمىمىي خاراكتېرىمنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئارخىپ ماتېرىيال ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار سەۋەب بولدى.
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
بۇنى تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە رېئال سەۋەبتىن سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.


مەنبە: «دىيارىم مۇنبىرى»

http://tarix.blogbus.com/logs/330

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2011/10/7 11:01:43  ئۇقۇلۇشى: 60 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئاق يىلان رىۋايىتى» فىلىمدىكى ئاجايىپ مۇھەببەت-نەپرەت
«ئاق يىلان رىۋاي..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جۇڭگۇ فىرانسىيەنىڭ سۇنئىي ھەمراسىنى مۇۋەپپىقەتلىك قويۇپ بەردى
جۇڭگۇ فىرانسىيەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لىۋىيە سۇرىت ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا
لىۋىيە سۇرىت ئۇر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدىكى ئابدۇلەي توي قىلدى
«كۇرتلار ۋادىسى»..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:چۆل - باياۋاندىكى سىرلىق مىللەت ــــ بەدەۋىلەر
چۆل - باياۋاندىكى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى
شاكىرا يۈزسىزلىك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنجىلىنا جۇلى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى
ئەنجىلىنا جۇلى خ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كېلىنتۇن ئەر-خوتۇن ئوباماغا مەدەت تىلىدى
كېلىنتۇن ئەر-خوت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:Cرونالدو ساقىتىپ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىدۇ .
Cرونالدو ساقىتىپ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ستىۋى جوبز راك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن
ستىۋى جوبز راك كې..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى-ستىۋى جوبز ئالەمدىن ئۆتتى
ئالما شىركىتىنىڭ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى 10-ئايدا باشلىنىدۇ
دۆلەت مەمۇرلۇق ئ..

ماي زاۋۇتىغاجىددى  ئادەم لازىم. مۇقۇم مۇئاشى 2500يۈەن
پىنتوزا زاۋۇتىغا جىددىي ئەر-ئايال خىزمەتچى قۇبۇل قىلىم..
ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى تويۈنبۇغا جىددىي خىزمەتچى قۇبۇل ق..
ھۇكۇمەت تارمىدىكى كىرىمىنى  زاۋۇتىغا ھەر قايسى ناھىيە ..
ۋاخاخا   زاۋۇتىغا جىددىي 15 نەپەر قىز ئوغۇل خىزمەتچى قۇب..
يەسلخانىغا 5 نەپەرئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىمىز.
پورخش زاۋۇتقا جىددى  20نەپەرئەر-ئايال ئشچى لازىم ،
كىرمىنى زاۋۇتڭغا جىددى50 نەپەر تۇختاملىق ۋە تۇختامسز ئش..
شەھەر ئىچى قۇرۇلۇشىغا جىددى ئادەم لازىم .كۈنلۈكى 140يۈەن..
ئوي بېزەكچىلىك ئورنىمىزغا جىددى ئوي بېزەش ئۇستىسى ، سى..
شەھەر ئىچى كۆكەرتىش قۇرۇلىشغا جىددى  ئەر -ئايال ئشچى لا..
قۇرۇلۇش ئورنىمىزغا جىددىي ئىشچى قوبۇل قىلىمىز
ھۇكۇمەت تارمىدىكى ئولتۇراق رايۇنىغا جىددى 20نەپەر قوغد..
جىددىي  سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىمىز
دەرىزە زاۋۇتىغا جىددى، 20نەپەر ئەر،ئايال ئىشچى قۇبۇل قى..

سەنىئەت شۆيۈەننىڭ ئالدىدىكى بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە بىرىل..
يەنئەن يولى ئائىلىلكلەر قوروسىدىن بىر يۇرۇش ئۆيىنىڭ بى..
ئۈرۈمچى باگاڭ رايوندا بىر يۈز ئەللىك مىڭ يۈەنگە جىددى ئ..
نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان تاللا دۇكىنى ئۇتۇنۇپ بىرلىد..
ئۆي ئىجارە بېرىمەن
زىمىن سىتىلىدۇ
ئوي سېتېش
ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ياخشى ئەرزان ئۆيلەر سېتىلىدۇ
ئەرزان باھادا چوڭ زال ئجارىگە بېرلىدۇ..
ئۆي ئىجارىگە بىرىمەن
ياخشى ئۆيلەر ئەرزان سېتىلىدۇ
ئىنتايىن ياخشى ئۆي ئەرزان سېتىلىدۇ
ئۆي ئىجارە بېرىمىز
ئۆي ئىجارە بېرىش ئىلانى

Onsoz
Yurtta Ask
Of Of
Dillere Dusecegiz
تۈرۈكچە تاللانما
رەيھان كونسىرتى(2)
رەيھان كونسىرتى(1)
سۆيگۈ ئۈچۈن
مەرەز ئېلى
گۈل سەنەم
ئۇزاق يول
نامسىز !!!

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556