News site - خەۋەرلەر - ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى-ستىۋى جوبز ئالەمدىن ئۆتتى - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى
شاكىرا يۈزسىزلىك قى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنجىلىنا جۇلى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى
ئەنجىلىنا جۇلى خەلق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ستىۋى جوبز راك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن
ستىۋى جوبز راك كېسى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر ئايدىن بۇيان ، BRT ئىككى لىنىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 250 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتتى
بىر ئايدىن بۇيان ، B..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جېكسوننىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى رەسىمى سوتتا ئاشكارىلاندى
جېكسوننىڭ ئۆلگەندى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاۋات ناھىيەسى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى
ئاۋات ناھىيەسى دۆلە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كېنتاكىي يېمەكلىكلىرى يەنە بىرقېتىم باھا ئۆستۈردى
كېنتاكىي يېمەكلىكل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:س رونالدو كۇلۇب تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى
س رونالدو كۇلۇب تەر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى-ستىۋى جوبز ئالەمدىن ئۆتتى
  • مەنبە: www.cnbeta.com
  • 2011-10-06 11:37

  • ستىۋى جوبز ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تالانت ئىگىسى، مۇنەۋۋەر رەھبەر، قابىل باشقۇرغۇچى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، تەپەككۇرى ۋە ئىجادىي تەسەۋۋۇرى بىلەن بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا بازارغا سېلىنغان ھەربىر مەھسۇلات جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە كىشىلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇمىغا ئايلاندى. دېمەك، ئۇ جاھان تارىخىغا مەڭگۈ ئۆچمەس بىر نۇرلۇق ئىز سېلىپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئىزنالىرى يەنە كېيىنكى نەچچە ئەسىر كىشىلىرىگىمۇ زور تەسىرى كۆرسىتىدۇ. بىز تور بېكىتىمىز نامىدىن بۇ يېتۈك تالانت ئىگىسىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز.




     



    Cnbeta تورىنىڭ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈندىكى خەۋىرى، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ  قۇرغۇچىسى ۋە ئالدىنقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستىۋى جوبز 56 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى جاھان يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى بۇ يېتۈك زاتنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ تۆۋەندىكىدەك مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېلان قىلدى:
    ئالما شىركىتى ھەقىقەتەنمۇ يىراقنى كۆرىدىغان، ئىجادىي تەپەككۇرى ئوقچۇپ تۇرغان، ناھايىتى كەم تېپىلىدىغان بىر تالانت ئىگىسىدىن مەھرۇم قالدى ھەمدە جاھان ناھايىتى قالتىس بولغان بىر ئىنساندىن ئايرىلىپ قالدى. بىزدەك ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەش شەرىپىگە ئېرىشكەن بىرى قىسىم كىشىلەرمۇ بىر قەدىرلىك دوستتىن ۋە كىشىنى دائىم روھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان بىر رەھبەردىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئۇ بىزگە پەقەت ئۆزىلا قۇرالايدىغان بىر شىركەتنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار روھى ئالمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلىدۇر.

    مۇدىرىيەت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:«جوبزنىڭ تالانتى، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قايناق ھېسسىياتى شۇنداقلا ئۇنىڭ كەسىپكە بولغان زېھىن-ئىشتىياقى يېڭىلىقنىڭ مەنبەسى ئىدى. شۇ يېڭىلىقلار بەدىلىگە ئىنسانىيەت مىسلىسىز گۈزەللىككە، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بولسا يېڭى بىر قەدەم ياخشىلىنىشقا ئىگە بولغانىدى».
     فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ھەيئىتى كوك ئۆزىنىڭ ‹ئالدىن كۆرەر›،‹يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي› ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.
      كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جوبز كومپيۇتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئاتاقلىق زات شۇنداقلا ئالما كومپيۇتېرى، ipad 、iPod、iTunes Store、iPhone قاتارلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگۈچى!

    تۆۋەندىكىسى جوبزنىڭ كىچىك ئارخىپى:
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
    تۇغۇلغان جايى: سان فىرانسىسكو
    تولۇق ئىسمى: ستىۋى پائۇل جوبز (Steven Paul Jobs)
    بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى : Paul machinist ۋە Clara (Hagopian) Jobs
    ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى: Joanne Schieble ۋە Abdulfattah Jandali
    ئايالى: Laurene (Powell) Jobs 
    Laurene بىلەن بولغان بالىسى: Eve، Erin، Reed
    Chrisann Brennan بىلەن بولغان (توي قىلماي) بالىسى: Lisa Brennan-Jobs  (ئەسكەرتىش: 1978-يىلى)
    ئوقۇش ئەھۋالى: 1972-يىلى ئورېگون شتاتلىق رىد ئىنستىتۇتىدا بىر مەۋسۇم ئوقۇغان

    سىتوۋ جوبىس 1955-يىلى 24-فېۋرال تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرگە ئوخشاش تۇغۇلىشىدىنلا يىتىم ئىدى. ئەرەب قان سېستىمىسىدىن بولغان ئۆز ئاتا-ئانىسى ستېۋ جوبېسنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ھىسابلاپ باشقىلارغا بېرىۋەتكەن، تەربىيە ئاتىسى جوبېس ستېۋېننى 18 ياشقا كىرگۈزۈپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. ستېۋ جوبېس لاما دىنىدىكىلەرنىڭ بۇتخانىسىدا تاماق يەپ يىللارنى ئۆتكۈزگەن.
    ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا William Hewlett ( خۇيفۇ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى) تەمىنلىگەن بىر قىسىم ئۇششاق خىزمەتلەرنى قىلغان، كېيىن فۇيفۇ شىركىتى جوبزغا بىر پراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بەرگەن.
    1997-يىلى جوبز ئالما شىركىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يىللىق مائاشى بىر ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
    ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاپقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ سىڭلىسى Mona Simpson ئاللىبۇرۇن يازغۇچىغا ئايلىنىپ بولغانىدى.
    ئۇ تولۇق ئوتتۇرىسىكى ۋاقتىدىلا كېيىنكى كۈنلەردىكى ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان Steve Wozniak بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا جوبز ئاران 13 ياشتا ئىدى، Wozniak  بولسا 18 ياشقا كىرگەن.
    ستېۋېن جوبېس 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئورىگن شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۇملا ئوقۇغانىدى. 1974-يىلى ئۇ بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنىنى لاھىيلەيدىغان خىزمەتكە ئىگە بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جوبىس 26 ياشلىق ۋودنىئاك بىلەن بىللە بىر ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالما شىركىتىنى قۇرۇشتەك ناھايىتى مۈشكۈل لېكىن ئۇلۇغۋار قەدىمىنى باستى. 1996-يىلى، ئالما شىركىتى ئۇنى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. 1997-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە  جوبز يەنە قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولدى. 1997-يىلى ‹دەۋر ژۇرنىلى› نىڭ مۇقاۋىسىغا جوبزنىڭ كېلىشكەن قامىتى بېسىلدى. 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل نوپۇزىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ تالانتلىق CEO بولۇپ باھالاندى، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق داڭدار ئەربابى بولۇپ سايلاندى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى جوبىس باش ئىجرائىيە ھەيئەتلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىدى. جوبز بۇداد دېنىغا ئىتقاد قىلاتتى. 4 پەرزەنتى بولسىمۇ ئىدىيەدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى قۇيۇق ئەمەس ئىدى. ستېۋ جوبېسنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مال مۈلكى ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

     

    ستىۋ.جوبزنىڭ سىز بىلمەيدىغان 10 چوڭ مەخپىيەتلىكى



    سىنا تورى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىلىم-پەن بلوگى SAI دا بۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ستىۋى.جوبزنىڭ تېخى كىشىلەرگە ئايان بولمىغان 10 چوڭ مەخپىيىتى ئاشكارىلانغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، جوبزنىڭ زور تېرىشچانلىقى سەۋەبىدىن ئالما ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالما يەنىلا كەسپىي ساھەدە غايەت زور تەسىر كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىگەن. جوبزنىڭ يەنە بىز بىلمەيدىغان تۆۋەندىكىدەك 10 تۈرلۈك مەخپىيىتى بار بولۇپ، بۇلار نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ.
    1.[غەلىتە ئاكا-سىڭىل مۇناسىۋىتى]
    ئەمەلىيەتتە جوبزنىڭ بىر سىڭلىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى مونا.سىمپسون (Mona Simpson) ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ھەممە ئادەم ھېكايىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان داڭلىق يازغۇچىغا ئايلانغان. ئەمما، ئەڭ قىزىقارلىق يېرى جوبز خىلى چوڭغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر سىڭلىسىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن. مونا ئۆزىنىڭ تۇنجى ھېكايىسى <<باشقا يەرلەردە>> دېگەن ئەسىرىدە ئۆزى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساسلىق تەسۋىرلىگەن. جوبز ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىلا باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىلارغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى كۆرۈشۈش نېسىپ بولغان. جوبىز ئاكا-سىڭىللار ھەر ئىككىلىسى ئاكا-سىڭىللىق مۇناسىۋەتنى كېچىكىپ بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇرمۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان ۋە ئورتا تېرىشىش ئارقىلىق، ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ ساھەسىدە داڭلىق كىشىلەرگە ئايلانغان. 
    2.[جوبىزنىڭ دادىسى: ئابدۇلفاتاخ.جاندالى]
    بەلكىم، جوبزنىڭ دادىسىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جوبز يېرىم سۈرىيە مۇسۇلمان قان سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى يەنىلا يەھۇدىي دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇ داۋاملىق باشقىلارنىڭ تەربىيىسىدە تۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن.
    3.[جوبز قاتتىق دېتال ئويۇنچۇقى << مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش>>(Breakout) نى ياسىغان]
    ئەينى ۋاقىتتا، جوبز Atari شىركىتىگە قاتتىق دېتال ئويۇنچۇقى <<مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش>> ئويۇنچۇقىنى ياساپ بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن Atari شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانغانىدى. Atari شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نولان.بۇشنېل(Nolan Bushnell) جوبىس كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان ئاشخانا Chuck E. Cheese نى قۇرۇپ چىققانىدى.
    4.[جوبىز ئۆزىنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى رەت قىلغان]
    جوبزنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى لىسا (lisa) بولۇپ، ئەمما جوبىز ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ كەلگەن. ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گەرچە جوبز لسانى ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا لىسانىڭ دادىسىغا ئايلانغان. ئەمەلىيەتتە، جوبىز 1975-يىلىدىن باشلاپ تۇنجى شەخس كومپيۇتېرىنى ئىشلەپچىقارغان ۋاقتىدىلا، بۇ كومپيۇتېرنىڭ نامىنى ئۆزى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ كەلگەن قىزى لىسانىڭ نامى بىلەن  <<لىسا كومپيۇتېرى>> دەپ ئاتىغانىدى.
    5.[جوبز گۆشسىز تەرەپدارى ئىكەن]
    جوبز گۆشسىز تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ، گۆش تۈرلىرىدىن پەقەت بېلىق گۆشىنىلا يەيدىكەن. ئۇنىڭ تاماقلىرى ئادەتتە تۇخۇم ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن. 
    6.[جوبز ئەزەلدىن خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمىغان]
    جوبز ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق ساخاۋەت ئىشلىرىنى توختاتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:<<يەنە قاراپ باقايلى، كىرىمىمىزگە قاراپ بىر نېمە دەيلى>>. ئەمما، بۈگۈندىكى كۈندە ئالما شىركىتى غايەت زور پايدىغا ئېرىپ تۇرۇپمۇ، يەنى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈككە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگە -يەنى كەشىپ قىلىش ساھەسىگە قاراتقان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جوبز ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتەن سۆيىدىغان ئادەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كەشىپ قىلغانلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى.
    7.[ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا يالغان ئېيتقان]
    جوبز ۋوزنىك (Wozniak) بىلەن بىرلىكتە Atari شىركىتىگە <<مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش>> دېگەن ئويۇنچۇقنى ياساپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىيلەن بۇنىڭدىن تەڭ كىرىمگە ئېرىشكەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا، Atari جوبىزغا 5000 ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن بولۇپ، جوبز ۋوزنىكقا Atari شىركىتىنىڭ ئۆزىگە ئاران 700 ئامېرىكا دوللىرى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ۋوزنىك جوبىزنىڭ ئۈلۈشى بويىچە 350 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەن.
    8.[جوبز بۇددا دىنى مۇرىتى ئىكەن]
    جوبز ئىلگىرى چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ راھىب بولۇشنى ئويلاشقان. ئۇ ئەمەلىيەتتە، بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ توغرىلىق ۋەز ئېيتىدۇ.
    9.[ئۇ ئالىي مەكتەپتە تولۇق ئوقۇپ باقمىغان]
    بىل.گېيتىس بىلەن مارك.زاركىربىرگ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن چىققان. ئەمما جوبز Reed ئىنستىتۇتىدا ئاران بىر مەۋسۇم ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ باقمىغان.
    10.[جوبز گاللۇتسىنوگېنىك (باش چايقاش كۇمىلىچى) يېگەن]
    جوبز ياش ۋاقىتلىرىدا گاللۇتسىنوگېنىك يېگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، جوبىزمۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەزگىللىرىنى ئېتىراپ قىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ شوئارى <<ئاجايىپ قالتىس!>> بولۇپ، بەلكىم گاللۇتسىنوگېنىك ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن مەسىلىلەرنى ئويلاشقا ياردەم بېرەلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

    [ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2011/10/7 11:14:12  ئۇقۇلۇشى: 43 قېتىم]

      
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«ئاق يىلان رىۋايىتى» فىلىمدىكى ئاجايىپ مۇھەببەت-نەپرەت
    «ئاق يىلان رىۋاي..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جۇڭگۇ فىرانسىيەنىڭ سۇنئىي ھەمراسىنى مۇۋەپپىقەتلىك قويۇپ بەردى
    جۇڭگۇ فىرانسىيەن..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لىۋىيە سۇرىت ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا
    لىۋىيە سۇرىت ئۇر..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدىكى ئابدۇلەي توي قىلدى
    «كۇرتلار ۋادىسى»..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:چۆل - باياۋاندىكى سىرلىق مىللەت ــــ بەدەۋىلەر
    چۆل - باياۋاندىكى..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى
    شاكىرا يۈزسىزلىك..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنجىلىنا جۇلى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى
    ئەنجىلىنا جۇلى خ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كېلىنتۇن ئەر-خوتۇن ئوباماغا مەدەت تىلىدى
    كېلىنتۇن ئەر-خوت..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:Cرونالدو ساقىتىپ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىدۇ .
    Cرونالدو ساقىتىپ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ستىۋى جوبز راك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن
    ستىۋى جوبز راك كې..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى-ستىۋى جوبز ئالەمدىن ئۆتتى
    ئالما شىركىتىنىڭ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى 10-ئايدا باشلىنىدۇ
    دۆلەت مەمۇرلۇق ئ..

    ماي زاۋۇتىغاجىددى  ئادەم لازىم. مۇقۇم مۇئاشى 2500يۈەن
    پىنتوزا زاۋۇتىغا جىددىي ئەر-ئايال خىزمەتچى قۇبۇل قىلىم..
    ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى تويۈنبۇغا جىددىي خىزمەتچى قۇبۇل ق..
    ھۇكۇمەت تارمىدىكى كىرىمىنى  زاۋۇتىغا ھەر قايسى ناھىيە ..
    ۋاخاخا   زاۋۇتىغا جىددىي 15 نەپەر قىز ئوغۇل خىزمەتچى قۇب..
    يەسلخانىغا 5 نەپەرئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىمىز.
    پورخش زاۋۇتقا جىددى  20نەپەرئەر-ئايال ئشچى لازىم ،
    كىرمىنى زاۋۇتڭغا جىددى50 نەپەر تۇختاملىق ۋە تۇختامسز ئش..
    شەھەر ئىچى قۇرۇلۇشىغا جىددى ئادەم لازىم .كۈنلۈكى 140يۈەن..
    ئوي بېزەكچىلىك ئورنىمىزغا جىددى ئوي بېزەش ئۇستىسى ، سى..
    شەھەر ئىچى كۆكەرتىش قۇرۇلىشغا جىددى  ئەر -ئايال ئشچى لا..
    قۇرۇلۇش ئورنىمىزغا جىددىي ئىشچى قوبۇل قىلىمىز
    ھۇكۇمەت تارمىدىكى ئولتۇراق رايۇنىغا جىددى 20نەپەر قوغد..
    جىددىي  سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىمىز
    دەرىزە زاۋۇتىغا جىددى، 20نەپەر ئەر،ئايال ئىشچى قۇبۇل قى..

    سەنىئەت شۆيۈەننىڭ ئالدىدىكى بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە بىرىل..
    يەنئەن يولى ئائىلىلكلەر قوروسىدىن بىر يۇرۇش ئۆيىنىڭ بى..
    ئۈرۈمچى باگاڭ رايوندا بىر يۈز ئەللىك مىڭ يۈەنگە جىددى ئ..
    نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان تاللا دۇكىنى ئۇتۇنۇپ بىرلىد..
    ئۆي ئىجارە بېرىمەن
    زىمىن سىتىلىدۇ
    ئوي سېتېش
    ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
    ياخشى ئەرزان ئۆيلەر سېتىلىدۇ
    ئەرزان باھادا چوڭ زال ئجارىگە بېرلىدۇ..
    ئۆي ئىجارىگە بىرىمەن
    ياخشى ئۆيلەر ئەرزان سېتىلىدۇ
    ئىنتايىن ياخشى ئۆي ئەرزان سېتىلىدۇ
    ئۆي ئىجارە بېرىمىز
    ئۆي ئىجارە بېرىش ئىلانى

    Onsoz
    Yurtta Ask
    Of Of
    Dillere Dusecegiz
    تۈرۈكچە تاللانما
    رەيھان كونسىرتى(2)
    رەيھان كونسىرتى(1)
    سۆيگۈ ئۈچۈن
    مەرەز ئېلى
    گۈل سەنەم
    ئۇزاق يول
    نامسىز !!!

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556