2012-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بۇيىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا رەسمىي باشلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئېگەللىشىچە، 2011-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئىككى مىليون 176مىڭ ئادەم تىزىملاتقان،بىر مىليون 415مىڭ ئادەم سالاھىيەت تەكشۈرتىشتىن ئۆتكەن،نەزەرىيىۋى ئىمتىھانغاتوققۇزيۈز 20مىڭ ئادەم قاتناشقان.ئەڭ ئاخىرىدا، مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار 15مىڭ 290ئادەم قوبۇل قىلغان.
2012-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئىسلاھات،يېڭىلىقتا چىڭ تۇرۇش بىلەن كۆلەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش،ئادىللىق ۋە ئىلمىلىكنى بىرلەشتۈرۈش،توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش قارشىنى تىكلەش، مەركەز ئورگانلىرى مەمۇرلىرى قوشۇنلىرىنىڭ كېلىش مەنبىئەسى قورۇلمىسىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاش ، خادىملارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش پېرىنسىپى بويىچە ئېلىنىدۇ.
2012-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىش،تىزىملىتىش ۋە سالاھىيىتىنى تەڭشۈرتۈش،يېزىقچە ئىمتىھان،يۈز تۇرانە ئىمتىھان،بەدەن تەكشۈرتۈش ۋە كۆزىتىش،ئاشكارىلاش،ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق تەرتىپ بويىچە ئېلىنىپ،10-ئاينىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلىدۇ،كېيىن تېزىملىتىش ۋە سالاھىيىتىنى تەڭشۈرتۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.