Cرونالدو ساقىتىپ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىدۇ . |

پورتۇگالىيە توپ مەستانىلىرى خاتىرجەم بولسا بولىدۇ، Cرونالدونىڭ يارىسى ساقايدى، ئوڭ ساغرا تەرىپى قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن Cرونالدو تۈنۈگۈنكى مەشىققە قاتناشمىدى، لېكىن بۈگۈن Cرونالدو كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، ئۇ پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانىغا كەلدى، پورتۇگالىيە كوماندىسى يېقىندا ئىسلاندىيە ۋە دانىيە بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ، Cرونالدو بۇ ئىككى مەيدان ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللانما مۇسابىقىسىنى قولدىن بەرمەيدۇ . Cرونالدو بارلىق پۇتبولچىلار ئارىسىدا بەدەن سۇپىتى ئەك قاملاشقان پۇتبولچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، Cرونالدو جاپاغا چىداپ مەشىق قىلغاندىن باشقا ئۇ يەنە توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى بەدەن سۇپىتىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ دوختۇرى «ماكا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا Cرونالدونىڭ مەخپىي تاماق تىزىملىكىنى ئاشكارلىدى،« ئۇ ھەرقانداق يىمەكلىكنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ، بۇ تەنھەرىكەتچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن ئۇ كاۋاپ قىلغان بېلىقنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بېلىقتىن باشقا ئۇ يەنە كۆكتات شورپىسىنى ياقتۇرىدۇ، ئۇ تاماقتىن كېيىن كۆكتات شورپىسى ئىچىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدۇ، ئۇ مېۋە شەربىتى ئىچىدۇ» دېدى .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/7 11:18:12 ئۇقۇلۇشى: 87 قېتىم] |
|