كۇبۇچ قۇملۇقىدىكى قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر |

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: كوبۇچ قۇملۇقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان ئېلىمىزدىكى 7-چوڭ قۇملۇق، 20 يىلنىڭ ئالدىدا بىرەر تال گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان، كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈك دېڭىز دەپ ئاتالغان بۇ يەرنى ھازىر كىشىلەر قۇملۇقتىكى بوستانلىق دەپ ئاتايدىغان بولدى. قۇملۇقتا 50 نەچچە يىل ياشىغان چىمىك ئاكا، ئادەم بىلەن قۇملۇقنىڭ توختاۋسىز كۈرىشىگە شاھىت بولالايدۇ، چىمىك ئاكا مۇنداق دېدى: بۇرۇن كۆچەت تىكىش سۈرئىتى قۇم بارخانلىرىنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمىگەنلىكتىن، ئادەم داۋاملىق قۇملۇققا ئۇتتۇرۇپ قوياتتى. لېكىن بۇ بىر قانچە يىلدا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەر سۇ مىلتىقى بىلەن ئورەك كولاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، كۈچەت تىكىش سۈرئىتىنى نەچچە يۈز ھەسسە ئاشۇردى، بىر كۈندىلا قۇملۇقتا 10مۇ قۇم يۇلغۇنى تىككىلى بولىدۇ. يىلى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى مۇنداق دېدى: كارخانا تەرەققىي قىلىشنى، ئامما ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ، بىز قول تۇتۇشۇپ قۇملۇق بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتۇق. يەرلىك كىشىلەرنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، كىشىلەر بۇ قۇملار ئارقىلىقمۇ بېيىغىلى بولىدىغانلىقى بايقىدى. ئەسلىدە يىلى گۇرۇھى ھەم قۇمنى تىزگىلىنلىگىلى ھەم پۇل تاپقىلى بولىدىغان چۈچۈكبۇيانى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئىدى. كارخانا چارۋىچىلارغا ھەقسىز چىرايلىق چارۋىچىلار يېڭى كەنتى سېلىپ بەردى، ئارقىدىن بىكارلانغان يەرگە چارۋىچىلار بىلەن پاينى بىرلەشتۈرۈپ ئۆسۈملۈك دورىسى تىرىدى، چارۋىچىلار يەنە ئۆيىدە موڭغۇلچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ، ھازىر كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىش يولى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. قۇملۇق كۆكەردى، چارۋىچىلار بېيىدى، چارۋىچىلىق رايونىدىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازى تېخىمۇ ياڭراق بولۇپ كەتتى.
مەنبە: www.uycnr.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/5 13:35:40 ئۇقۇلۇشى: 57 قېتىم] |
|