
مۇتەللىپ رەجەپ(ئوڭدا) كۆرۈرمەنلەرگە ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى: ئۆكتەبىر بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، كېرىيە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تالانتلىق ئوقۇتقۇچىسى مۇتەللىپ رەجەپ 27-سېنتەبىر ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى .
كۆرگەزمىگە مۇتەللىپ رەجەپنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىجاد قىلغان، كېرىيەنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە مەنزىرىسى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 60 پارچە نادىر ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ ، كۆرگەزمە باشلانغاندىن بۇيان ، 5600 ئادەم(قېتىم) بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، بەدىئىي زوق ئالدى.