شىنخۇا تورى نىيويورىك 6-يانۋار تېلگراممىسى ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى پايدىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەسىرىدە 6-يانۋار نىيويورىك چەتئەل پۇل بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاساسلىق پۇللارغا نىسبەتەن قىممىتى ئۆستى.
ئامېرىكا ئەمگەك ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى 6-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئامېرىكىدا يېڭىدىن 200مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىلگىرىكى بازار مۆلچەردىن زور دەرىجىدە ياخشى بولغان.ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ نويابىردىكى %8.7تىن %8.5كە تۆۋەنلىگەن.
بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشەنچى ئۇرغۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆستى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى 6-يانۋار %0.33 يۇقىرىلاپ 81.21گە يەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا قەرز كىرزىسىدىن تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىچە بولغان ئۈمىدۋارلىق كەيپىنىڭ قوش تەسىرىگە ئۇچراپ، ياۋرونىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن قىممىتى داۋاملىق چۈشۈپ، 6-يانۋاردىكى بازاردا 1.2717لىك 16ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.
شۇ كۈنى نىيويورىك چەتئەل پۇل بازىرى يېپىلغىچە، 1ياۋرو ــــ 1.2724ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى 1.2782دوللاردىن تۆۋەن بولغان؛ 1فوندېستېرلىڭ ــــ 1.5426ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى 1.5483دوللاردىن تۆۋەن بولغان؛ 1ئامېرىكا دوللىرى ــــ 77.02ياپونىيە يىنى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى 77.18ياپونىيە يىنىدىن يۇقىرى بولغان؛ 1ئامېرىكا دوللىرى ــــ 0.9550شىۋېتسارىيە فىرانىكى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى 0.9533شىۋېتسارىيە فىرانىكىدىن يۇقىرى بولغان؛1ئامېرىكا دوللىرى ــــ 1.0266كانادا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى 1.0192كانادا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان.