شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈن شاڭخەيدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2012- يىلىنىڭ تۇنجى سودا كۈنىدە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئالماشتۇرۇلۇش ئوتتۇرىچە باھاسى 6.3001 يۈەن بولۇپ، يەنە بىر قېتىم پېرېۋوت ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان.جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى مۇنداق: 1 ئامېرىكا دوللىرى 6.3001 خەلق پۇلىغا تەڭ، 1 ياۋرو 8.2204 خەلق پۇلىغا تەڭ، 100 ياپونىيە يىنى 8.2198 خەلق پۇلىغا تەڭ، 1 شياڭگاڭ پۇلى 0.81112 خەلق پۇلىغا تەڭ، 1 فوندستېرلىڭ 9.8537 خەلق پۇلىغا تەڭ، 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 6.5219 خەلق پۇلىغا تەڭ، 1 كانادا دوللىرى 6.2239 خەلق پۇلىغا تەڭ، 1 خەلق پۇلى 0.49851 رىڭگىت (مالايسىيا پۇلى) قا تەڭ، 1 خەلق پۇلى 5.0383 رۇسىيە رۇبلىسىغا تەڭ.ئالدىنقى سودا كۈنىدە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئالماشتۇرۇلۇش ئوتتۇرىچە باھاسى 6.3009 يۈەن بولغانىدى.سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پاي بازىرى كۈچلۈك ئۆرلەپ، بازاردىكى خەتەر مايىللىقىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا پۇللارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئالماشتۇرۇلۇش ئوتتۇرىچە باھاسىمۇ يېڭى يىلنىڭ تۇنجى سودا كۈنىدە يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى رېكورت ياراتتى.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号