كوبىي = 6مىليون700 مىڭ دوللار؟ |
شنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ،NBA دىكى كۆپلىگەن ماھىرلار باشقا ئەللەرگە بېرىپ پۇل تىپىشنى ئويلاشتى.باشقا ئەللەردىكى ۋاسكېتبول بىرلەشمىلىرىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي زور مەبلەغ ئاجرىتىپ يۇقىرى مائاش بىلەن بۇ ماھىرلارنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇندى.يېقىندا ئىتالىيە ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ بولوگنا كوماندىسى ھازىرقى NBA دىكى ئەڭ تالانتلىق ماھىر كوبىيغا باھا قويدى. خەۋەر قىلىنىشىچە بولوگنا كوماندىسى كوبىيغا بىر يىللىق 6مىليون700 مىڭ دوللارلىق توختامنى تاپشۇرغان.ئۇلارنىڭ كوبىينى تاللىشىدىكى سەۋەبى بولسا كوبىينىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى ئىتالىيىدە بولغان ،ئۇنىڭ دادىسى1991-1984 ۋاقىت ئىچىدە ئىتالىيىدە بىر نەچچە كوماندىغا تېرىنىر بولغان،ھازىر بولسا WNBA دىكى لوس-ئانژىلىس ئوت ئۇچقۇنلىرى كوماندىسىدا تېرىنىر بولماقتا.كوبىي تېخى ئىتالىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ.بولوگنا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى كوبىينىڭ مائاشىنى كانادا قۇياش ئېنېرگىيىسى شىركىتى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/25 12:26:50 ئۇقۇلۇشى: 212 قېتىم] |
|