
6 ئاي ئۇدا ھاراق ئىستىمال قىلغان 3 ياشلىق بالا
شىنخۇا تورى 15-مارت تېلىگىراممىسى، ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ مىدلاندىس شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 3 ياشلىق بىر بالا ھاراققا ئۆگىنىپ قىلىپ، ئامالسىز دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلىپ داۋالانماقچى بولغان.
بۇ بالا 6 ئاي ئۇدا ھاراق ئىستىمال قىلغانلىقتىن ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، كېيىنچە ھاراق ئىچمىسە بەدىنى تىترەيدىغان، كەيپىياتى نورمالسىزلىنىپ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھاراق ئىستىمال قىلىشى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بالىلارنىڭ ھاراق ئىستىمال قىلىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار ئاقىۋىتىگە قارىتا تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلدى.