ئافغانىستان زۇڭتۇڭى خوتۇنىدىن قورقىدىكەن |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى 8-مارت بىر نۇتۇقتا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە خوتۇنىنىڭ «ئېزىشى» گە ئۇچىرىغانلىقىنى ئېيتقان. كارزايى شۇ كۈنى پايتەخت كابولدا ئاياللار بايرىمىنى تەبىرىكلەيدىغان بىر پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئاساسلىقى ئاياللار ئىكەن. باشقىلار زۇڭتۇڭدىن ئۇنىڭ ئايالى زىننەتنىڭ نىمىشقا كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، مەن ئۆيدە ئېزىشكە ئۇچىرايمەن. چوڭ ھوقوق ئۇنىڭ قولىدا، ئۇ كەلمەسلىكنى تاللىسا بولىدۇ. ئەگەر مەن ئۇنى كېلىشكە مەجبۇرلىسام، تازا ياخشى بولمايدۇ، دىگەن. زىننەت بولسا بىر ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى، ئۆزىنى ناھايىتى ئاز ئاشكارىلايدۇ، ئۇلارنىڭ تۆت ياشقا كىرگەن بىر ئوغىلى بار. كارزايى سۆز قىلغاندا، بىر قىسىم دىنىي زاتلار ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن: ئافغانىستاندا ئاياللارنىڭ ئورنى بىر قەدەر تۆۋەن، مەجبۇرىي توي قىلىدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، ھۆكۈمەت ئىلگىرى بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا ئاياللار پاناھلىنىش ئورنىنى باشقۇرۇشقا ھوقوق بېرىشنى ئويلىشىپ، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچىرىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-9 23:07:25 ئۇقۇلۇشى: 297 قېتىم] |
|