2 – تۈركۈمدە بېيجىڭغا بېرىپ داۋالانغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرلەر شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى |
مەنبە: www.xjtsnews.com
2011-03-10 06:27
9 – مارت ، بېيجىڭدىكى پايتەخت ئايرودۇرۇمى زالىدا ، شىنجاڭدىن كەلگەن تۆت ياشلىق قىز نادىرە ( ئوتتۇرىدا ) ئۆزىدىن خەۋەر ئالغان سېستىرا ھەدىسى بىلەن خوشلاشماقتا . شۇ كۈنى 2 – تۈركۈمدە تۇغما يۈرەك كېسىلى بويىچە داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئالتە نەپەر كىچىك دوست ئاتا– ئانىسى ۋە ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر ، سېستىرالارنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭدىكى پايتەخت ئايرودۇرۇمىغا كېلىپ ، جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋىئاتسيە شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى . ئۇلار جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەتچىلەر باش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ غۇنچىلار قۇرۇلۇشى ›› پائالىيىتىدە نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ئىكەن . شىنجاڭلىق 51 نەپەر تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈر 2 – ئايدىن باشلاپ ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-11 10:59:11 ئۇقۇلۇشى: 187 قېتىم] |
|