قوشنىسىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا باسقۇنچلىق قىلغان ئەر 9 يىلدىن كېيىن تۇتۇلدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-03-14 08:11
خۇنەن ئۆلكىسى يۈەنلىڭ ناھىيەسى خەلق سوت مەھكىمىسى گۈدەك قىزلارنىڭ ئىپپەت-نۇمىسىغا تېگىدىغان ئىش قىلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، توققۇز يىل قېچىپ يۈرگەن ليۇ xx نى قولغا ئېلىش بويرۇقى چۈشۈرگەن. جىنايەت گۇماندارى لى ، خۇنەن ئۆلكىسى يۈەنلىڭ ناھىيىسى دۇجياپىڭ كەنتىدىن بولۇپ، دېلو سادىر قىلغان ۋاقتىدا 25 ياش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قوشنىسى بولۇپ، ئادەتتە ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى، نورمال كىرىش-چىقىش قىلاتتى. 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ليۇ xx دەل ئۆيىدە سېرىق فىلىم كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا، قىزچاق (1995-يىلى تۇغۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا 6 ياش) شاۋxx ئۇنىڭ ئۆيىگە ئويناپ كىرىپ قالغان، ليۇ xx قىزچاقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىش بىلمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، شاۋ xx نى گوللاپ، ئۇنى قۇچاقلاپ كارۋاتقا ئېلىپ چىقىپ ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، شاۋ xx نىڭ ئانىسى ليۇ xx نى شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغان، ليۇ xx سىرتقا قېچىپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بېرىپ 9 يىلدىن كېيىن، ليۇ xx جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى خۇاڭيەن ناھىيىسىدە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنىنىڭ قولىغا چۈشكەن. يۈەنلىڭ ناھىيىسى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ليۇ xx نى 14 ياشقا توشمىغان گۈدەك قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان، ئۇ نۆۋەتتە قانۇننىڭ جازالىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-15 12:18:16 ئۇقۇلۇشى: 894 قېتىم] |
|