بېكخام تۇغۇلماقچى بولغان بالىسىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى |
پۇتبول چولپىنى بېكخام تۇنجى قېتىم ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان تۆتىنچى بالىسىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلگىرى ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئاشكارلىغان بولسىمۇ، بېكخام ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان ئىدى، بېكخام:«يەنە بىر بالىمىزنىڭ تېزرەك تۇغۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى بۇ قېتىمقى بالىمىز قىز بوۋاق»دېگەن. بېكخامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دەسلىپىدە، ئالدىنقى ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى ئوغۇل بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى بالىمۇ ئوغۇل بولىدۇ دەپ قاراپ ھامىلىنىڭ قىز بوۋاق ئىكەنلىكىگە تازا ئىشىنىپ كەتمىگەن ئىكەن، ئۇ بۇ قېتىمقى ھامىلىنىڭ قىز بوۋاق ئىكەنلىكىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە بېكخامنىڭ ئايالى Victoriaنىڭ ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ھامىلە 7 ئايلىق بولغان بولۇپ، بالىسىنى ئامېرىكا لوس ئانژىلىستا تۇغماقچى بولىۋېتىپتۇ. بېكخامنىڭ ئېيتىشىچە، يىل ئاخىرىدا ئۇ لوس ئانژىلىستىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيگە بېرىپ توپ تىپىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىدا توپ تېپىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىل بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-14 20:22:39 ئۇقۇلۇشى: 135 قېتىم] |
|