جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار جاڭ چۈنشيەننى‹‹مۇھاسىرە›› گەئېلىۋالدى
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 8 – مارت ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋەتتى. 61 كىشىلىك شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 90 نەچچە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ 100دىن ئارتۇق مۇخبىرىنى جەلپ قىلدى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇخبىرلار ‹‹ئەڭ ئوچۇق – يورۇق شۇجى››، دەپ تەرىپلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
بىپايان، گۈزەل شىنجاڭ كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ
رىياسەتچى ئۆمەكنىڭ قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىشىغىلا، 100دىن ئارتۇق مۇخبىر رەئىس سەھنىسى ئالدىدىكى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېنىغا ئېتىلىپ باردى، شىنجاڭ زالىدا بىردىنلا ‹‹پاتپاراقچىلىق›› يۈز بەردى، ‹‹پېشقەدەم مۇخبىرلار›› ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، رەئىس سەھنىسىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، جاڭ چۈنشيەننى قاتمۇقات قورشىۋالدى. جاڭ چۈنشيەن: كۆپچىلىك ئالدىرىماڭلار، بىر – بىرلەپ سوئال سوراڭلار، مۇخبىر دوستلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن، دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
بىر مۇخبىر جاڭ چۈنشيەندىن شىنجاڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىڭىز نېمە؟ دەپ سورىدى.
جاڭ چۈنشيەن: بىرىنچى، بىپاپان، شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، گۈزەل، شىنجاڭ ھەقىقەتەن بىپايان ھەم گۈزەل، مەنزىرىسى ئۆزگىچە، كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى، ياخشى، مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك، مول، رەڭدار، ھەر مىللەت خەلق ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەمگەكچان، قىزغىن، مېھماندوست؛ تۆتىنچى، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، بايلىقى مول، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچى بولۇپ قالىدۇ؛ بەشىنچى، ئالدىراش، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كۈندە تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار ئالدىراشلىقىدىن دېمىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ ۋاقتى يەتمەيدۇ، مەن كۈندە ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلىمەن؛ ئالتىنچى، قىيىن، شىنجاڭ يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشى، نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىشى كېرەك. لېكىن، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىم كامىل!
خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئىللىتىش
بىر مۇخبىر شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى يەنىلا شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭكىدىن جاپالىق، كىرىم سەۋىيەسىدىمۇ مۇئەييەن پەرق بار. شىنجاڭ ‹‹12 – بەش يىل››دا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىسلاھات – تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ؟ دەپ سورىدى.
جاڭ چۈنشيەن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: دەرۋەقە، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئاساسى بىر قەدەر ئاجىز، رايون تەرەققىياتى يەنىلا تەڭپۇڭسىز، خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسى تېخى يۇقىرى ئەمەس. مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زورايتتى، بۇ يىلنى شىنجاڭنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى›› قىلىپ بېكىتىپ، 140 مىليارد يۈەندىن كۆپ مەبلەغ سېلىپ، 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي قۇرۇلۇشىنىيولغا قويدى. يىلمۇ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئەھۋالىنىڭ خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىغانلىقىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيارلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مۇخبىر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىنى سورىدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم تېزدىن بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئون نەچچە تۈرلۈك ئىشتا يېڭىلىق ياراتتى ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ھۆكۈمەت مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىش، كارخانىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە سالماقنى ئاشۇرۇپ، بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
‹‹<شىنجاڭ گېزىتى>دە بۇ توغرىلىق تەپسىلىي خەۋەر ۋە چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلدى، سىلەرنىڭ <شىنجاڭ گېزىتى>نى ئوقۇپ كۆرۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن››، دېدى جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا.
ھەر مىللەت خەلق ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاق
شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى تارىختىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. مۇخبىرلار جاڭ چۈنشيەندىن ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئەتراپتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ؟ سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزدىكى ئۇزاق ئەمىنلىك قانداق؟›› دەپ سورىدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››، زوراۋانلار، تېررورچىلار ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىغا قەتئىي زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. زوراۋانلارنىڭ گۇناھسىزلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈپ، دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان قىلمىشلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ. ھازىر بىز ‹‹ئىككىنىڭ ئالدىنى ئېلىش››نى نىشان قىلىپ، 32 كونكرېت تەدبىرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى كۈچەپ قوغداۋاتىمىز.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. بىر رايوننىڭ دېموكراتىك سىياسىسى ياخشى بولسا، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ، مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ، كىشىلەر ئازادە، بەختكە ئىنتىلىدىغان، دەۋر تۇيغۇسى بولغان مۇھىتتا ياشىغاندىلا، بۇ رايون ھاياتىي كۈچكە تولغان رايون بولىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەتراپ ۋەزىيىتى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۆزگەرمەيدىغىنى ئاۋامنىڭ قەلبى ۋە رايى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىدۇ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى كامىل، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم.
جاڭ چۈنشيەن: ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە بولغان ئىشەنچەم كامىل!›› دېدى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
مىكرو بىلوگنى ئېچىپ، خەلق رايىغا قۇلاق سېلىش
‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە جاڭ چۈنشيەن مىكرو بىلوگنى ئېچىپ، خەلق رايىغا قۇلاق سالدى، مىكرو بىلوگ توغرىسىدىكى تېمىلار مۇخبىرلار بەس – بەس بىلەن سوئال سورايىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تور، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىلى بىلەن مىكرو بىلوگنى ئېچىپ، خەلق رايىغا قۇلاق سالدىم. يىغىن مەزگىلىدە مەن مەركەزلىك ھالدا مىكرو بىلوگدىن خەلق رايىنى ئىگىلىدىم. بۈگۈن سەھەرگە قەدەر ماڭا قالدۇرۇلغان خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە يەنە ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق ئېلان قىلىپ تۇرىمەن.
جاڭ چۈنشيەن: خىزمەت خاراكتېرى تۈپەيلىدىن، ئۇزاق مۇددەت مىكرو بىلوگ يېزىشقا ئىمكانىيەت يوق، لېكىن ‹‹ئىككى يىغىن›› تۈگىگەندىن كېيىن، تور قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق خەلق رايىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرىمەن، دېدى سەمىمىي ھالدا.
‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نى تەكىتلەش
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جاڭ چۈنشيەننى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نى تەكىتلەپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلار ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، پۇقرالار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك. شىنجاڭ چوقۇم ئىككى قولدا تۇتۇشى، ۋاقتىدا چوڭ تورت ياسىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقىملىققا دىققەت قىلىشى كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ شۇجىسى سۈپىتىدە، مەسىلىلەرگە سەل قاراشقا ھەقىقەتەن جۈرئەت قىلالمايمەن، ھەر قانداق ئىشنى پۇختا ئىشلەيمەن، ھەم تەرەققىياتنى، ھەم مۇقىملىقنى چىڭ تۇتىمەن، بىرىگە سەل قاراپ، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشنى قىلمايمەن.››
‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ
بىر مۇخبىر: ‹‹12 – بەش يىل››دىكى نىشان – ۋەزىپىلەر ئورۇندالغاندا، شىنجاڭدا قانداق مەنزىرە شەكىللىنىدۇ؟ دەپ سورىدى.
‹‹ئۇ چاغدا شىنجاڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ››، دەپ جاۋاب بەردى جاڭ چۈنشيەن.
ئۇ: سىياسىي جەھەتتە پاك – ئاشكارا بولىدۇ، ئىقتىسادى ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، خەلقى ئىناق – خاتىرجەم، جەمئىيىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا باسقان بولىدۇ، دېدى.
جاڭ چۈنشيەن 40 نەچچە مىنۇت داۋامىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا جاڭ چۈنشيەن: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە تەشۋىقاتىدىن ئايرىلالمايدۇ، دېدى. ئۇ مۇخبىرلارنى شىنجاڭغا كۆپرەك بېرىپ، شىنجاڭنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.