ئىران پۈتۈن دۇنيانى يادرو ماتىرياللىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكچى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-03-14 03:14
ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فېردۇننىڭ دىيىشىچە، ئىران پۈتۈن دۇنياغا يادرو ماتىرياللىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغان. ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فېردۇن، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو ماتىرياللىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دىگەن. ئۇ يەنە ئىراننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن يادرو ساھەسىدە ھەمكارلىشىشى تەكلىپىنى بەرگەن. ئىران يادرو ئېلېكتىر تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىران ئاللىقاچان يادرو يىغىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئورگاننىڭ تور بېكىتىدە شۇ كۈنى دىيىلىشىچە، ئىران يادرۇ يىغىلىش ساھەسىدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان، لىكىن توردا، ئۇلارنىڭ يادرو يىغىلىش تەجىرىبىسىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېلىپ بارغانلىقىى توغۇرلۇق ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. ئىراننىڭ ئالتە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېقىندىكى بىر قېتىملىق سۆھبىتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان. ئىككى تەرەپ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە تامامەن قارشى پىكىردە بولغاچقا، سۆھبەت ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان. ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى بۇ يىل 1-ئايدا، ئىران ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، روسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بىلەن ئورتاق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-14 20:27:26 ئۇقۇلۇشى: 175 قېتىم] |
|