


خۈيتوڭ تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى:
ياپونىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نىيو-يۇرىكتا خام نىفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى كەڭ كۆلەمدە چۈشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ھەر تۇڭى ( بىر تۇڭ دىگىنىمىز 158.98 لىتىرغا تەڭ) 99 ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا بولماقتا.
يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، نيو-يۇرىكتا خام نىفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئەتىگەنلىك باھادىن كېيىن ئىزچىل چۈشكەن. بازارنىڭ ئوتتۇرسىدا چۈشۈپ ھەر تۇڭى(يەنى بىر تۇڭ 158.98 لىتىرغا تەڭ) 98.50 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. چۈشۈش نىسبىتى %2 پىرسەنىتتىن ئېشىپ كەتتى.
بېيجىڭ ۋاقتى 16:45 تە بۇلۈنت 4-ئايلىق خام نىفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 112.41 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 1.43 ئامېرىكا دوللىرى چۈشكەن. چۈشۈش نىسبىتى %1.26 پىرسەنىت بولۇپ، 25-فېۋىرالدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە يەتكەن. ياپونىيەدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى ئاپىتى تەسىرىدىن نىفىتقا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى.
نيۇ-يۇرىك تاۋار بىرژىسىدا خام نىفىنتىڭ 4-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى ھەر تۇڭى 100.80 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2.15 ئامېرىكا دوللىرى چۈشتى. چۈشۈش نىسبىتى %2.08 پىرسەنىت بولدى.