بىر يىل ئىچىدە ئاشلىق باھاسى %70 ئۆرلەپتۇ |
Msn تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، كۇبا گېيگېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئاخباراتىغا قارىغاندا، دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى يېقىنقى كۈنلەردە مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:<<پۈتۈن يەرشارىدىكى ئاشلىق باھاسى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە %70 ئۆرلىدى، بۇ يىل ئىككىنچى ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەرشارىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق (شېكەردىن باشقا) نىڭ باھاسى ئۇدا سەككىز قېتىم ئۆرلىگەن. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگىنى ماي بولۇپ، ئاساسىي ئاشلىقلارنىڭ باھاسى نۆۋەتتە يەنە ئۆرلەيدىكەن. دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتىنىڭ گېيگېردا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<< ھازىرقى ئاشلىقنىڭ باھاسى 2000-يىلدىكىگە قارىغاندا %200 پوئىنتى يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلىشى گېيگېر ۋە كارىب رايونلىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى. 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان بۇ رايونغا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى يەنە بىر ئاپەت بولدى، بىز ئاشلىق كرىزىسىنىڭ ۋاقىتلىق بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز>>.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-9 22:45:50 ئۇقۇلۇشى: 213 قېتىم] |
|