سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇكاپاتلىق ئوقۇش پۇرسىتى-يېڭىلاندى

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ،  تەبى پەن ۋە ئىجتىمائىي تۈرلىرى بويىچە تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق ئوقۇماقچى بولغان ئوغۇل ۋە توي قىلغان ئەر-ئايال ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا، ئوقۇش پۇلى، ياتاق ، تاماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە بىر قىتىملىق ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈركىيەدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. كەسىپلەر ئىچىدە، ھەر-خىل مۇتەخەسسىسلىك، ئىجتىمائىي ساھە ۋە تىببى سەھە كەسىپلىرى بار ئىكەن.

بۇ ئوقۇش پۇرسىتى يالغۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس، پۇتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ئىكەن. شۇڭا، تۈركىيە، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

تىزىملىتىش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۈركىيە ۋاقتى سائەت   23:00 گىچە بولۇپ، تەلەپ قىلىنغا ماتىرياللار بولسا:

1. پاسپورت كوپىيىسى

2. تولۇق ئۇتتۇرا دىپلومى كوپىيىسى

3. تولۇق ئۇتتۇر نەتىجىلىرى

4. ئۇنىۋېرسىتېت دىپلومى ۋە نەتىجىلىرى (ئاسپىرانتلىق ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن)

5. ئاسپىرانت دىپلومى ۋە نەتىجىلىرى (دوكتورلۇق ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن)

6. ئوقۇماقچى بولغان كەسىپى (ئەڭ ئاز 3-ئارزۇ)

7. تۆۋەندىكى توردىكى ئوقۇغۇچىلار جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ قوشۇپ يوللاڭ.

/?p=1219

يۇقىرىدىكى 7 خىل ماتىريالنى «پىرىسلاپ» تۆۋەندىكى ئېلخەتكە يوللاپ بېرىڭ.

uyguroku@gmail.com

تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەركىزىگە كىلىپ بىۋاستە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.ئادرېس:

 

Haseki Sultan Mah. Millet Cad.

Güney Ap. No:31/3Fatih / İstanbul – Türkiye

Tel-Fax: +90 212 585 01 77

www.simvakfi.org

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ،

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى