قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان بەردى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ۋە ئوقۇغۇچى سانى، ئوقۇش پۇلى ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى توردىن تەپسىلى كۆرەلەيسىلەر.
دوكتورلۇق: http://www.fsm.edu.tr/Doktora-ve-Sanatta-Yeterlik-Ogrencileri-Alinacaktir-2-Alim-Ilani-2013-07-22
بۇ تۇردە، بەزى كەسىپلەردە، 5،15،6، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 20 پىرسەنت ئوقۇغۇچى «تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالالايدىكەن. يەنە بەزى كەسىپلەردە 3 ئوقۇغۇچى ئالىدىغان بولۇپ، ھەممسى «تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالالايدىكەن.
ئاسپىرانت: http://www.fsm.edu.tr/Yuksek-Lisans-Ogrencileri-Alinacaktir-2-Alim-Ilani-2013-07-22
بۇ تۈردىمۇ، «تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلىش پۇرسىتى بار ئىكەن.
ھەقىقەتەن ئوقۇش ئارزۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 01-23 كۈنلىرى تور ئارقىلىق بولىدۇ.
سىزلەرگە ئوتۇق تىلەپ:
بۇ مەكتەپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپمۇ ياكى قانداق؟ توردىن تىزىملاتساقلا بولامدىكەن؟ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى يوقتۇ؟ ئوقۇش مۇكاپاتى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ تۈرۈكچە بىلمىگەچ تازا ئۇقالمىدىم ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم رەھمەت!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۆتكەندە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملارغا خەت يازسام ماۋۇ توردىن تىزىملتىش ئادرىسى دەپ ئەۋەتىپ بەرگەن تىزىملاتقان ، بۇ تېمىدا تىلغا ئالغىنى بىلەن بىرمۇ ياكى ئەمەسمۇ ، ئۇقالمايلا قالدىما.
ئۇلار ئەۋەتىپ بەرگەن ئادرىس http://www.fsm.edu.tr/form/iro_apply_now.php
كەسپىم مالىيە باشقۇرۇش ماڭا ماس كىلەمۇ ..ئاۋۇ تۈرۈكچە توربەتنى تازا ئوقۇيالمايۋاتىمەن …
بۇ مەكتەپتە بولمىسا، باشقا مەكتەپلەرنى ئىزدەپ باقتىڭىزمۇ؟
ئالدىنقى قىتىم سىلەگە ماتىرىيالىمىزنى يوللاپ بەرگەنتۇق ،سىلە ئىلتىماس قىپ بەارسەڭلا بۇلامدۇ ياكى ئۈزمىز قىلامدۇق ؟دىپلوملىرىمىزنى تەرتجىمە قىلدۇمىغان بولساق خەنچە يوللاۋىرمىزمۇ ؟
ئۆزەڭلار ئىلتىماس قىلىدىكەنسىلەر.
ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، سىكەن قىلىپ يوللاڭلار.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئەزىز قېرىندىشىم..مەن تۈركىيەدە ئوقۇشنى ئارزۇقىلاتتىم ئەمما مىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىم بولغاچقا …ئوقىيالمىدىم قانداق قىلسام ئوقىيالەيمەن ،،،ئەزىز قېرىندىشىم ئازغىنا ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز…..ئاللاھقا ئامانەت جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن…………………………………………………………………………………………………………………………………………………………….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئىلتىماس قىلغانتىم.بۈگۈن ئۇچۇر كەپتۇ،ماتىرياللىرىڭنى تۈرۈكچىگە تەرجىم قىلىپ يوللا دەپ.لىكىن بۇ يەردە تۈرۈكچىگە تەرجىمە قىلپ بەرمەيدۇ،شۇڭا ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ يوللاۋەرسەم بۇلامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز بۇنى بايان قىلىپ بىر يوللاپ بىقىڭ. كەلگەن جاۋاپقا قاراپ بىر يول ئىزدەيلى.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،قايسى تور بەتتىن تىزىملىتىمىز؟ئۈستىدىكى تور بەتتىن ھېچ تاپالمىدىم ،ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
توردىن ئىلتىماس قىلىش ئادرىسىنى مەنمۇ تاپالمىدىم ،تاپالىغانلار بارمىدۇ ؟تەۋپىق قېرىندېشىم ،بولسا بىر يوللىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن،رەھمەت
http://www.fsm.edu.tr/Yuksek-Lisans-Ogrencileri-Alinacaktir-2-Alim-Ilani-2013-07-22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن سىلەر كۆرسەتكەن تور بەت ئارقىلىق تىزىملاتقان ئىدىم ،ھەممە نەرسىلەرنى يۇكلەپ بولغاندىن كىيىن dosya formati word,Pfg yada JPG olmalidir دەپ خەت چىقىۋالدى .ئەممە مەن يۇكلىگەن ماتىريالىم JPG ھۆججەت شەكىلدە ئىدى . بۇ قانداق ئىشتۇ
ما مەكتەپتىن ئەجەپ ئىنكاس كەلمىدى، تېزىملىتىش بېتى تېخى شۇ پەدىدە ئىكەن، تىزىملىتامسىز دەپ چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ، 23- تىزىملاش توختىسا ئەمدىلەتىن ئاخىرقى ئۇچۇرنى بەرسە بولاتتى.
تۈنۈگۈندىن باشلان قازىقىستان ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋىرستىتىنىڭ ئاخىرقى جاۋابى چىققان ئوخشايدۇ، ماڭا ئىلخەت كەپتىكەن،ۋىزا ئەۋەتىمىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەپ، ئۇ تولۇق كۇرس بولغاچقا، تولۇق كۇرسنى قايتا ئوقۇشۇمغا ھېچكىم قوشۇلمىدى…
تىزىملاتقان بالىلار بولسا، ئىلخەتلىرىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار..
ئۇنى بىر دىمەڭە،ساقلا -ساقلا مانا 9-ئايمۇ كىرەي دەپ قالدى ،قازاقىىستاندىكى بۇ مەكتەپ توغىرسىدا ماڭا ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا بىر قازاق كىشى ئۆزىنىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناۋادا ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسا ئۇلارنىڭ ۋىزا ئىۋېرتىپ بىرىدىغانلىقى توغۇرلۇق تىىلفۇن سوقۇپتىكەن ،مىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىمغا تەپسىلىي ئۇچۇر يوللاپ بىرىمىز دىگەنتى لىكىن ھىچبىر ئۇچۇر يوق ….مەلەك قىرىندىشىم مۇمكىن بولسا كەسپىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولاتتى ،تۈرىك تىلىنى بىلگەندىكىن تەييارلىقتىن ئاتلاپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىسىڭىز ئوقۇش ھەقسىز بولغاندىكىن پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئۈگۈنۈشكە قارىتىپ كەسىپنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ئەلا ئوقۇسىڭىز ئوقۇش ۋاقتىنىمۇ قىستارتىش مۇمكىن بولاتتى ،
ماڭا ئىلخەت يوللىغۇچى شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالا ئىكەنتۇق، تىلفۇن نۇمرىنى قالدۇرۇپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەپتىكەن، ئىسمى ھەسەن ئەلى ئىكەن، مانا نۇمرى 18690246766 ئالاقە قىپ بېقىڭ، ئوتتۇرىدا ئالاقىچىلىك قىلىپ ياردەم قىلىۋاتقان بالا ئوخشايدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىر سىڭلىمىز ماۋۇ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتى پىسخولوگىيە كەسپىگە ئۆتۈپتىكەن، تام بۇرۇسلۇ دەپتۇ، تولۇق مۇكاپاتلىق بولىدۇ ھە؟! قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىقىنى ئەمدى كۆرۈپتۇ، 15-چىسلا ئەۋەتكەنىكەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى كېچىككەندە 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىكەن، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسا قانچە كۈندە چىقار؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئالدى بىلەن تەبرىكلەر بولسۇن!.
9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تىزىملاتمىسا، ۋاز كەچكەن بولىدۇ ۋە زاپاس ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ سىڭلىمىز دەرھال ۋىزىغا مۇراجەت قىلسۇن ۋە مۇراجەت قىلغان ئسىپاتىنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللاپ بەرسۇن.
بۇ سىڭلىمىز «تولۇق مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا » ئۈتۈپتۇ. بۇنداق پۇرسەت ھەممە ئوقۇغۇچىغا نېسىپ بولمايدۇ. تولۇق مۇكاپاتلىق ئوقۇش بولغاندىكىن، ۋىزا تىز چىقىشى مۈمكىن.
دىپلۇم تەڭلىك ئىسپاتىنى قايسى ئورۇندىن ئالىدۇ، بۇ جوڭگودىكى تولۇق ئوتتۇرا دىپلۇمىنىڭ تۈركىيە تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىغا تەڭلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتقۇ ھە؟! دىپلۇم ئالغان مەكتەپ ياكى مائارىپ ئىدارىسىدىن ئالامدۇ ياكى؟ئەلچىخانىدىنمۇ؟
بۇ بەلگىنى تۈركىيدىن ئالساڭلار بولىدۇ. 10-15 مۇنۇتتىلا بىرىدۇ. تولۇق ئۇتتۇرنى تاماملىغان دىپلوم ياكى تاماملىغانلىق ئىسپاتى ۋە نەتىىجىلەر بولسىىلا بولىدۇ.
مەلەك، ئۇنى ئەلچىخانىدىن ئالىدىكەن، قايسى كۈنى توردىن شۇنداق كۆگەنتىم.
ئەسسالامۇئەيكۇم! بۇ مەكتەپكە توردىن ئىلتىماس قىلغان ئىدىم ھىچ جاۋاپ كەلمەيدۇ .؟ جاۋاپ كەلگەنلەر بارمۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
قوبۇل قىلىغان بالىلارا ئاساسەن جاۋاپ يوللانغان ئوخشايدۇ.
ناۋادا تاللاغان بالىلار مەكتەپكە تىزىملاتماي قالسا، ئو ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا، «زاپاس» ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سىزەىمۇ چاقرىق كىلىپ قىلىشى مۈمكىن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن بۇ مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىققا تىزىملاتقان ئىدىم . ھىچ جاۋاپ كەلمىدى ؟ مەن تىزىملاتقاندا ماڭا بەرگەن Takip Numarası نى يوقۇتۇپ قويدۇم ؟ قانداق قىلىشىم كىرەك
uyguroku@gmail.com خەت يېزىپ سوراپ بىقىڭ.