قىز ئوقۇغۇچىلار مەركىزى ئېچىلدى

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

ئىستانبۇلدا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە يىڭى كېلىپ ئالىي مەكتەپلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ياردىمى بىلەن ئسىتانبۇلدا مەخسۇس قىز ئوقۇغۇچىلارغا پائالىيەت مەركىزى ئېچىپ بېرىلدى. قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم كىلىپ-كېتىشى ۋە بۇ مەركەزدىن ياخشى پايدىلىنىشى ئۈچۈن، قاتنىشى ناھايىتى قۇلاي بولغان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىگە قوشنا بىنادىن خىزمەت بىرىشكە باشلدى. بۇ مەركەز، جەمئىي 2 سىنىپ، بىر دەرس ئۆگىنىدىغان كۈتۈپخانىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۇتۇپخانىدىكى ئاشخانىدىن ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز پايدىلانالايدىكەن.
مەركەز ھەپتىدە 7 كۈن، سائەت 09:00- 18:00 لەردە ئوچۇق بولىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەكرارلاش، ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. پائالىيەت مەركىزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، بولۇپمۇ، ئىمتىھان ۋاقىتلىرىدا سائەت 10:00 گىچە ئوچۇق بولىدىكەن. بۇ مەركەز پۈتۈنلەي قىز ئوقۇغۇچىلار باشقۇرىشىدا بولۈپ، ئۆز ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن ۋە پايدىلىنىدىكەن.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن، سىنىپلاردا  خىلمۇ-خىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى، كۇرسلار ئېچىلىدىكەن. ھازىرمۇ سىنىپلاردا باشلانغۇچ سەۋىيىدە تۈرك تىلى كۇرسى داۋام قىلىۋىتىپتۇ.
پائالىيەت مەركىزى، شەرتسىز ۋە ھەقسىز بارلىق قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئوچۇق بولۇپ، قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم دەرس تەكرار قىلىش ۋە ئوقۇشلىرىنى خاتىرجەم ۋە نەتىجىلىك تۈگىتىشىگە ياردەم قىلشىنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ۋەخپى يەنە باشقا تەلەپلەر بولسا، ۋە ۋەخپىنىڭ شارائىتى يار بەرسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئورۇنداپ بىرىشكە تىرىشىدىكەن.

بۇ سەۋەپتىن، بارلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەركىزىگە ئىككىلەنمەي كېلىشىنى، دەرسلىرىنى تەكرار قىلىشىنى، ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنى، ئوقۇش تەجىرىبىللىرىنى پايدىلىنىشنى، ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپ، ئۆز ئارا بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى، ئۆزلىرى ياخشى بىلىدىغان ساھەدىن لېكسىيە، ھەتتا كۇرس ئىچىپ، بىلگەن بىلىملىرىنى باشقىلارنىمۇ بەھرىمان قىلىشىنى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە تەكىلىپ بىرىپ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئەركىن- ئازادە پايدىلىنىپ قىلىشىنى، دىيارىمىزدىن يىراقلاردا بولساقمۇ، ئۆز تىلىمىزدا پاراڭلىشىدىغان، ئۆز ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ سىردىشىپ ئۆتۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئادرېس:

Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى