سۇتۇق بۇغراخان كۈتۈپخانىسى خىزمەتكە باشلىدى

قەدىرلىك قېرىنداشلار،

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت  ۋخپىدە قۇرۇلغان كۈتۈبخانا رەسمى خىزمەتكە باشلىدى.  كۈتۈپخانىدا، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب بولغاندىن باشقا يەنە، ئېنگىلىزچە، ياپۇنچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئوردۇچە ۋە خەن تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ بار. ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ- خىل بولۇپ، ھېكايە، شېئر، پوۋېسىت رومان ۋە تارىخى رومان قاتارلىق  ئەدەبىي ئەسەرلەر، تىل ئۆگىنىش  ۋە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ماتىرياللىرى، سەھىيە ۋە سالامەتلىك، ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئېتىقاد، ياش-ئۆسمۈرلەر كىتاپلىرى، لۇغەتلەر، كىشىلىك قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش ۋە پەلسەپە كىتاپلىرى دىگەندەك 2000 پارچە ئەسەر بار. كۈتۈبخانا كىتاپلارنى  ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 ھەپتىلىك ھەقسىز ئارىيەت بىرىدۇ. ئىككى ھەپتە كېيىن تەلەپ قىلسا يەنە ئارىيەت ئالسا بولىدۇ.
كۇتۇپخانىدىكى تۈركچە كىتاپلار، ئستانبۇلدىكى نەشرىياتچىلاردىن تەرىپىدىن ئىئانە قىلىندى.  ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىتاپلار بولسا، ئىستانبۇلدىكى كىتاب خۇمارى قېرىنداشلىرىمىز ئىئانە قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. كىتاپلار قانچىلىك كۆپ ئوقۇلسا، ئۇ كىتاب ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسنى ياخسشى ئورۇندىغان بولىدۇ. شۇڭا سىزلەر ئارزۇلاپ ئوقۇغان ئۇ كىتابلاردىن، باشقىلارنى خۇددى سىزگە ئوخشاش ھۇزۇر ئالسۇن، باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن دەپ ئويلىسىڭىز، كىتابلىرىڭىزنى ۋەخپىگە  ئىئانە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. سىزلەر ئىئانە قىلغان قىلغان كىتابلار ۋەخپى ئسىمغا تىزىملىنىدۇ ۋە ھىچ-بىر ئادەم شەخسى ئىشلىتەلمەيدۇ.
كۈتۈبخانا بلەن مۇناسىۋەتلىك تور بېتى ھازىر تەييارلىنىۋاتىدۇ. توردىن، سىز بېغىشلىغان كاتىپلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇقۇلىشى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ تۇرالايسىز. كىتاب ياكى ئارىيەتكە بېرىلگەن بولىدۇ ياكى ۋەخپى كۈتۈپخانىسىدا بولۇنغان بولىدۇ. ئەسەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋەخپى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
كۇتۇپخانا ھەپتىدە 7 كۈن، 08:00-20:00 سائەتلەردە ئوچۇق، بۇنڭىدىن باشقا يەنە ۋەخپى تېلېفونى ئارقىلىق ئالاقە قىلىسا بولدۇ.

ئادرېس:

Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
web:www.simvakfi.org

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى