تۈرك تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا خوش خەۋەر

 


قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

ھەممىمىز بىلگەندەك تۈركىيىدە قاتناش ھەققى بەك قىممەت. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيە دۆلىتى تۈرك تىلى كۇرسلىرىدا ( مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلىغان رەسىمى كۇرس ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تارمىقىدىكى كۇرس) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، ئەرزان باھالىق قاتناش ھەققى رەسمىيىتى (PASO )  بىجىرىپ بېرىدىكەن ۋە 1- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ رەسىمى يولغا قويۇپتۇ. بۇ رەسمىيەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم «ئوقۇغۇچى ۋىزىسى» بىلەن كەلگەن بولىشى شەرت ئىكەن.  ساياھەت ياكى باشقا ۋىزا بىلەن كىلىپ، تۈرك تىلى كۇرسلاردا ئوقۇغانالارغا بىجىرىپ بېرىلمەيدىكەن.
بۇ بەلگىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماتىرياللارنى تەييارلاڭ:

1. پاسپورت ۋە ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنىڭ كوپىيىسى
2. 2 سۇڭلۇق رەسىم
3. 10 لىرا پۇل
4. بىۋاسىتە ئۆزىڭىز بارىسىز. ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلالمايسىز.
5. ئوقۇۋاتقان تىل كۇرستىن، «ئوقوغۇچىلىق بەلگىسى»

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى