قەدىرلىك قېرىنداشلار ۋە سۆيۈملۇك ئوقۇغۇچىلار،
سۇتۇق بۇغراخان ئىلم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ قوللىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 2- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ، ۋەخپى مەركىزى ۋە ۋەخپى قىز ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىدە تۆۋەندىكى كۇرسلار ئېچىلماقچى.
1. تۈرك تىلى باشلانغۇچ سەۋىيە: 6 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ھەپتىدە 5 كۈن، دۈشەنبىدىن-جۈمەگىچە، سەئەت 09:00- 12:00 . قىز ياكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9 دىن، جەمئىي ئوقۇغۇچى سانى 18 دىن ئىشىپ كەتسە، تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە نەتىجىلىك ئوقۇتۇش ئۈچۈن، قىز ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم-ئايرىم 10 كىشىلىك سىنىپلارغا ئايرىپ، دەرس ئۆتۈپ بىرىلىدۇ.
2. . تۈرك تىلى ئوتتۇرا سەۋىيە: 6 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ھەپتىدە 5 كۈن، دۈشەنبىدىن-جۈمەگىچە، سەئەت 09:00- 12:00 . قىز ياكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9 دىن، جەمئىي ئوقۇغۇچى سانى 18 دىن ئىشىپ كەتسە، تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە نەتىجىلىك ئوقۇتۇش ئۈچۈن، قىز ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم-ئايرىم 10 كىشىلىك سىنىپلارغا ئايرىپ، دەرس ئۆتۈپ بىرىلىدۇ.
3. ئالىي مەكتەپكە تەييارلىق كۇرسى ( YÖS) باشلانغۇچ سەۋىيە: 8 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ھەپتىدە 2 كۈن. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى، سائەت: 09:00-12:00 ۋە 13:00- 16:00 . دەرسلەر ماتېماتىكا ۋە تۈرك تىلى بويىچە ئىككىگە بۆلەپ ئۆتىلىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ماتېماتىكا، چۈشتىن كېيىن تۈرك تىلى ئۆتىلىدۇ.
4. ئالىي مەكتەپكە تەييارلىق كۇرسى (YÖS ) ئوتتۇرا سەۋىيە: 8 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ھەپتىدە 2 كۈن. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى، سائەت: 09:00-12:00 ۋە 13:00- 16:00 . دەرسلەر ماتېماتىكا ۋە تۈرك تىلى بويىچە ئىككىگە بۆلەپ ئۆتىلىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ماتېماتىكا، چۈشتىن كېيىن تۈرك تىلى ئۆتىلىدۇ.
5. ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇقتا تەييارلىق قىلىش ( ALES) كۇرسى : 8 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ھەپتىدە 3 كۈن، سائەت 18:00-21:00 لەردە. ماتېماتىكا ۋە تۈركتىلى بويىچە ئىككىگە بۆلۈپ ئۆتىلىدۇ.
6. ئېنگىلىزچە باشلانغۇچ سەۋىيە: ھەپتىدە 3 كۈن، ھەر قېتىمدا 3 سائەت.
7. IELTS : كۈرىسى: ھەپتىدە 3 كۈن، ھەر قېتىمدا 3 سائەت.
8. ئەرەب تىلى كۇرسى: ھەپتىدە 3 كۈن، ھەر قېتىمدا 3 سائەت.
يۇقىرىقى كۇرسىلاردىن باشقا يەنە، ئەگەر تەكلىپ بولسا، تۆۋەندىكى كۇرسلارنى ئاچماقچى:
1. ئۇيغۇر تىلى
2. كومپيۇتور كۇرسى
3. ئېنگىلىزچە ئوتتۇرا سەۋىيە
كۇرسلار ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇر ئېلىشى ئۈچۈن، ۋەخپى مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.
ئادرېس:
Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى
مەن ئەرەپ تىلى كۇرسىدا ئوقۇماقچى ئىدىم، كۇرس قاچان باشلىنىدۇ، ھەققى قانداق بولىدۇ، مەلۇمات بەرسىڭىز.
ۋەقىپ ئالاقىلىشى تېلېغونغا تېلېغون قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟