ALES كۇرسى ئىچىلىدۇ

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار!

تۈركىيدە ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا شەرت بولغان (GRE,GMAT  نەتىجىسى بولمىسا) ALES ئىمتىھانىغا تىزىملاش باشلاندى.

/?p=1906

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىمتاھانغا تىزىملىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بۇ يىل نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ALES ئىمتىھان نەتىجىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ياكى نەتىجىسى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەرگە ئورۇنلىشالمىدى. مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاز 50-55 نومۇر ئېلىش كېرەك. ئامما باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رىقابەت قىلىپ تاللىنىش ئۈچۈن 70-90 نومۇر ئېلىشى كېرەك. بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئېلىش ئۈچۈن، ماتىماتكا ۋە تۈرك تىلىنى يۇقىرى سەۋىيدە بىلىش ۋە ئىمتاھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىالارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا،  12 -ئاينىڭ 30-كۈنىىدىن باشلاپ 7 ھەپتىلىك ALES كۇرسى ئېچىلماقچى. كۇرس تۈرك تىلى ۋە ماتېماتكا بويىچە، 2 تۈر شەكلىدا (ھەپتىدە 3 كۈن، كۇندە 3 سائەت)  داۋاملىشىدۇ.
خالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. كۇرس باشلانغاندىن كېين، يڭى كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار كۇرسقا ئېلىنمايدۇ.

ئادرېس:

Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
web:www.simvakfi.org

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى