قەدىرلىك قېرىنداشلار،
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز، «ئۇيغۇر تىلى» نى ئۆگىنىشكە بولغان ئارزۇلىرىغا ۋە ئانا دىيارىمىزدا، «ئانا تىلىمىزنى » قانغىچە ئۆگىنەلمەي تۈركىيىگە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن، 2- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 11:00 دە، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەركىزىدە ، ئۇيغۇر تىلى كۇرسى رەسمى باشلىنىدۇ. كۇرۇس، ھەر يەكشەنبە كۈنى 11:00-13:00 سائەتلەردە بولىدۇ ۋە ئېلىپبەدىن باشلىنىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان قېىرنداشلىرىمىزنى كۇرسقا تەكلىپ قىلىمىز.
ئادرېس:
Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77