ياۋايىلىق
سەرگاري
2014 – يىلى 1- ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۇيغۇرستان (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋنونوم رايۇنى) بىلەن قىرغىزستان چىگرىسىدا قىرغىزىستان چىگرسىنى بۇزۇپ كىرگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىزىستان چىگرا مۇدپىئە ئەسكەرلىرى سۇرۇىشتىسىز ئتنىپ ئۆلتۇرگەن. بۇ ھېچ قانداق بىر قانۇنغا ياكى ئىنسانلىق خىسلىتىگە توغرا كەلمەيدىغان ياۋايىلىقدۇر. بۇ شىئىر شۇ ياۋايىلىققا بېغىشلاندى.
تاڭ سەھەر ياڭرىغان ئوقنىڭ ئاۋازى،
تەڭرىتاغ بەستىنى زىل- زىلگە سالدى،
ئونبىر ئۇيغۇر ياش ئىسسىق قانلىرى،
قىرغىزنىڭ بېتىگە داغ بولۇپ قالدى!
خان تەڭېرى كۆزىدىن تامچىلاپ ئاققان،
مۇىسىبەت ياشلىرى ئەسىرگە گۇۋا.
قاندىشى ئۇيغۇرنى خىتايغا ساتقان،
قىرغىزنىڭ ۋىژجدانى مەڭگۈلىك قارا.
كەڭ قورساق ئۇيغۇرنىڭ ۋىژدانى تازا،
قانداشتىن ئۆچ ئېلىش خىيالى يوقدۇر،
تەڭرىنىڭ جازاسى قىرغىزغا راۋا،
ئۇيغۇرنىڭ دۇئايى گۇۋالىق بەسدۇر.
بىر چاغدا ئورخۇندا ئۇيغۇرنى سېتىپ،
قانچىلىك پايدا ئالدىڭ قىرغىز ئېيتقىنا؟
بۈگۈن سەن خىتايدىن تىيىننى ئېلىپ،
”بەخىتلىك بولىمەن“ دەپ ئۇيلامسىنا؟
ۋىژداننىڭ داغىدۇر قانداشنىڭ قېنى،
ئويلىماي سەن بۈگۈن چىگرادا ئاتقان.
مەڭگۈلىك. ئۆچمەيدۇ ئار نۇمۇس دېغى.
ئۇ گۇدەك ياشلاردىن گۇناسىز ئاققان.
سىياسەت شەپقەتسىز ئويۇن ئەزەلدىن،
ئامماكى ئۇنىڭمۇ تەرتىبى باردۇر،
ئەخماقنىڭ قولىدا پەرقسىز چوماقدىن،
ئۇ ھەرگىز سىياسەت بىلگىن ئەمەسدۇر!
”قاندىشىم“، ”دىندىشىم“ دەمدىم مەن سىنى،
نىم دەرنى بىلمىدىم ئەمدى مەن سىنى؟.
”قاتىلىم“، ”كائىنىم“، ”خىتاي غالچىسى“،
دەپ ياكى ئاتايمۇ قىرغىز مەن سىنى؟
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ياۋايىلىق