ئانام كەل دىدى
ت. سەرگارى
تويدى بۇ قوساق تولمىدى ھايات،
ماكانىم مىنىڭ بولدى ماڭا يات.
باللىرىم قاچاق، يوللىرىم توساق.
”خەن ئاكام“ ماڭا ئاچتى «كەڭ قۇچاق».
سىقىلدى كۆكسىم، تۈتۇلدى نەپسىم،
ئاجىز بۇ تېنىم گوياكى ياپراق.
يەتمىدى ھاۋا سىقىلدى دىمىم،
شەپقەتسىز ھايات ماكانىم دوزاق.
كۆكسىم تولغىچە تىنماق ئىستىدىم،
ۋەتەندىن يىراق سەرسانە يۈردۇم،
گايى يىغلىدىم، گايى مەن كۈلدىم،
ئامما خوشاللىق، ئارام سەزمىدىم.
يات كەڭرى دۇنيا، ئەركلەر ھاياتى،
ھاۋادا لەيلەپ ئۇچتۇم بىر مەھەل،
ئامماكى جەننەت ياتنىڭ ھاياتى،
ئەسلەتتى ماڭا زاغرا نان ھەسەل.
ئەتراپتا كۈلكە، خوشال نەغمىلەر،
كۆڭلىمدە غىچ غەش، لىۋىمدە كۈلكە،
يىراق ۋەتەندە لوگەي تۈرمىلەر،
ئىڭرىغان جانلار، قۆيۇلغان قانلار.
بارمىدۇ دوزاق ئارتۇق بۇنىڭدىن،
ئەيتقىنا تەڭرىم نە گۇنا قىلدىم؟
ھۆرلىك ئۈمىدىم ، ئىستەكلىرىمدىن،
قالمىدى پۇراق سەرسان يىغلىدىم.
يىللارغا مىندى باھار، ياز، كۈزۈم،
خوشمۇ دىمىدى، تەمتىلەپ ئۇزدى.
زىمىستاندا مەن ئاھ ۋەتەن دىدىم،
ئانام باقىدا، كەل بالام دىدى.
2014 – يىلى19- ئاۋغۇست
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئانام كەل دىدى