مەن ئاقساق ئات
ت. سەرگارى
ئانام ئۇيغۇر دادام ئۇيغۇر،
يەتمىش پۇشتۇم مىنىڭ ئۇيغۇر.
مىراس قالغان ئەژدادىمدىن،
مۇقەددەس جاي ماكانىمدۇر.
ئاسمىنىدا ماكانىمنىڭ،
غۇرۇر ئۇيغۇر روھى پەرۋاز.
توپرىقىدا ئەۋلادىمنىڭ،
قانلىق ئىزى نالېسى ساز.
ئىگىز تاغلار ئېدىر ئورمان،
كۆكەرگەن باغ، ئېتىز، خامان.
قاپارغان قول، ئىغىر كەتمەن،
دادامدن شۇ، ماڭا قالغان.
مەغرۇر خۇلۇق ئۇچار قانات،
ئۆتمۈش ھازىر ئۇيغۇرغا يات.
روھى قۇللۇق سۇنغان قانات،
مۇدھىش دەۋىر مەن ئاقساق ئات.
ۋەتەن، پەرزەنت، ئەركىن ھايات،
ياتلارغا خاس ماڭا ئۇ، يات.
كۆڭلۈم مىنىڭ قاتمۇ- قات داد،
يىغلايمە مەن يالغۇز پات، پات.
2013- يىل.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: مەن ئاقساق ئات