بارمىكىن
ت. سەرگارى
(شىنجاڭ مەدەنىيەت ژورنىلىغا)
ژورنالنى ئېلىپ مەن، ئوقۇلۇم بۆگۇن،
”شىنجاڭ مەدەنىيەت“ دەپ ئۇ ئاتالغان.
بەشتوغراق پۇرىقىن ئۇنىڭدا سەزدىم،
توغراقدىن قەغەز بەلكىم ياسالغان.
بوؤام جىرىمنى تىككەندۇر بەلكىم،
دادام سۇغۇرۇپ توغراقنى ئۆستۈرگەن.
ئۇ توغراق كىسىلگەن، قەغەز ياسالغان،
بارمىكىن ئورنىدا جىرىملار ئۆسكەن؟
رەڭلىك، چىرايلىق ژورنال بويالغان،
ئۇ بوياق ، ژۇلغۇندىن بەلكىم ياسالغان.
ئەژدادىم قةبرىدە ژۇلغۇن قىزارغان،
هۆر ؤەتەن، خەلقىم دەپ قۇملۇقدا ياتقان.
كۆك سىرىق ئەبجەش روهى پۇراقى1) ،
ژورنالنىڭ يىراق يۇرتۇمدىن كەلگەن.
ئاڭلىدىم قۇملۇقدا ئۆستەڭ چېپىلغان،
بارمىكىن ئەژدادىم روهىنى تاپقان؟
ژورنال ماقالە، شىئىرغا تولغان،
ئىبارە جەؤهىرى مارجان تىزىلغان.
گايى ئانامنىڭ تىلى بۇزۇلغان،
رۇشەننىڭ ئورنىغا يارقىن يېزىلغان.
”رۇشەن“ ئورۇسچە ”ياركىي“ ئاتالغان،
تازىمكەش ئۇ گەپنى «يارقىن» دەپ ئالغان.
ئاڭلىدىم، ياشلاردا تىل بەك چېچىلغان،
بارمىكىن ئۇلارنى تىلدا باشلىغان؟
گۈللەرنىڭ جايىنى دەيدۇ ”گۈلستان“.
ئۆلگەنلەر جايىنى دەيدۇ ”گۆرستا“.
ؤاگونلار كارؤىنى – پويىز جايلاشقان،
جاينىڭمۇ نامىدۇر ئۇيغۇرچە ستان.
يىراقدىن كۆرىشكە قۇرۇلغان ستان،
ئۇيغۇرچە نامىدۇر ئۇنىڭ تېلېستان.
ستاننى پەرەڭلەر ئۇيغۇردىن ئالغان2)،
بارمىكىن تىلشوناس يۇرتۇمدا بىلگەن؟
ژورنالدا ئۆزىنى ”ئاۋتور“ ئاتىغان،
مۇئەللىپ ئۇ سۆزنى“ئىلمى“ دەپ بىلگەن.
ئىلىمنىڭ ئارقىغا ”ي“ هەرىپ قوشقان،
بىلمىگەن، ئورۇسنىڭ جىلۋى قوشۇلغان.
سۇت بىلەن ئانامدىن مەن تىلنى ئەمگەن،
ئارزۇلاپ كەمسىتمەي بۇزماي ساقلىغان.
ژورنالنى ئوقۇپ مەن مەدەت ئىزدىگەن،
بارمىكىن تىلىمنى بۇزماي ساقلىغان؟
تېلېفوننىڭ نومىرى ”با، با، جۇ“ ئىكەن،
ئويلۇدۇم ”بار، بار“ دەپ، قوغلىدىمىكىن.
ؤەياكى ”جۈر“، ”جۈر“ دەپ، تولىدىمىكىن،
بىلمىدىم، ئىزدىدىم ژورنالدىن بۈگۈن.
لوغەتدىن تاپتىم مەن، ئۇخەنچە ئىكەن،
ئىككى سەككىز، بىر توققۇز دىگەن گەپ ئىكەن.
جىمىسى يۇرتۇمدا شۇنداق دەيدىكەن،
بارمىكىن ئۇيغۇرچە تېلېفوننى دئگةن؟
هەزەلنى ئورۇسچە ”يۇمۇر“ دەيدىكەن،
كۈپنىمۇ ”تۇڭ“ ؤة يا ”بوچكا“ دەيدىكەن.
ئاشپۇزۇل دىگەننى ئەجىبا ”رىستوران“،
هاراقنى ”تىچۇ“ دەپ، زەپ ئوتلايدىكەن.
زىيالى، ئالىملار بەكمۇ جىق ئىكەن،
مىللەتنىڭ ”غېمىنى بەك جىق يەيدىكەن“.
جىقلىرى دوراشنى ئۈگەنگەن ئىكەن.
بارمىكىن زىيالى خاسلىقنى سۆيگەن؟
يازغانلار ئويلىرى بەك دۇغلۇق ئىكەن،
”بىلمەيمەن، ئاجىزمەن“ دايىم دەيدىكەن.
بىلمەيمەن دىگەنلىك كەمتەرلىك ئىكەن،
بىلمىگەن يازغاننى خةق ئوقۇمدىكەن؟
”زىيالى نىمە ”ئۇ“؟ سۇئال بار ئىكەن،
ئاتالغۇ يوق چاغدا ”ئۇ يوق“ دەيدىكەن.
ئاتالغۇ بولمايدۇ، بارلىق يوق ئىكەن،
بارمىكىن تەقؤانى «زىيالى» دىگەن؟
قانداشلار يات ئەمەس، نەلەردە بولسا،
شەپقەتسىز بۇ هايات هەر يانغا چاچقان.
دىلدا ئەمەس چىگرالار يوللاردا بولسا،
روهلارنى ئەمەس ئۇ تەنلەرنى توسقان.
تةغدىرنىڭ گەردىشى تاشلاپ هەر قايان،
ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىكىن، روهىن يوققاتقان.
قانداشنى يەكلىگەن ئىللەت چېچىلغان،
بارمىكىن روهىنى هەمدەمدە تاپقان؟
ژورنالدا يۆگۈمەچ خةتلەر يېزىلغان،
زىلۋانىڭ ئۆرىلگەن زىننېتى بوستان.
ئۇيغۇرنىڭ خېتى ئۇ، ئەژدادىن قالغان،
ناؤايى، زەلىلىى دەستانلار يازغان.
ئۇ خەتدۇر مىللەتنىڭ روهىيېتي ستان،
ئۇنىڭدا ئىزدە سەن روهنى يوقاتقان.
خةت، تىلدۇر مىللەتنىڭ جىسمېتىن قۇرغان،
بارمىكىن ئۇلارنىڭ هۆرمېتىين قىلغان؟
يازدىم مەن بۇ خەتنى ئانام تىلىدا،
بولما سەن ئەؤارە تۈزەيمەن دىمە.
ئاناڭنىڭ تىلىنى سەنمۇ هەم ساقلا،
ئەگىشىپ ياتلارغا ”با، با، جۇ“ دىمە.
گەر ئىنسان ئىكەنمىز، مەن، سەندە روھ بار،
قوشۇلسا روهىمىز مىللەتدە روھ بار.
روهىدىن مەستەسنا تازىمدا ئىگىلگەن،
بارمىكىن دىلدىشىم بۇ هةقنى بىلگەن؟
________________________
1) ئۇيغۇر، خىتاي ئەبجېشى. كۆك – ئۇيغۇر، سېرىق خىتاي- بەلگۈسى
2) پەرەڭ – ئۇيغۇرلار ئەۋۋەل ياۋروپالىقلانى شۇنداق ئاتىغان.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بارمىكىن
ت. سەرگارى
مۇھممەت قاراخاننىڭ ”مەن ئۇيغۇر“ ناملىق كىتىبىغا جۇۋاپ
خائىنغا ئۇرۇن يوق
بىر ئۇيغۇر بارئىكەن قارخان ئىسىملىك،
چىرايلىق كىلىشكەن قارغاي بەستىلىك.
ئەقللىق، بىلىملىك كائىن نەپسىلىك،
چار خەتلىك1) بوينىدا تۇمار ئېسىقلىق.
كۆڭلى كى ئاق خەسە خىتاي كەشتىلىك،
ھەژدىھار ئەيلەپتۇ ئۇنىڭغا دوسلۇق.
ئەمدى ئۇ، پەرۋانە ئۇچار قاناتلىق.
كۇلىنىڭ سوغىسى ئۇنىڭغا خۇشلۇق.
ئۇ دەيدۇ ”ئۇيغۇرنىڭ رىسقى چېچىقلىق،
ئۇيغۇرغا يۇرت، ماكان كىرەكمەس ھۆرلىك،
كىرەكمەس ئۇيغۇرغا جىدەللەر قانلىق،
بولسا گەر غوجاملار قوينىدا توقلۇق.
تاغ، چۆلنى كۆكەرتكەن ئۇيغۇر كەتمىنى،
ئۆتمۈش ئۇ. كونىلىق، كەلگۈسى يوقلۇق،
ئۇيغۇرنىڭ بايلىقىن ئالسا كۇلىلىق.
بولغۇسى زىمىندا ھەممىگە توقلۇق“.
مەن ئۇيغۇر! سۆيىمەن شەكسىز ۋەتەننى
ئەژدادىم مىراسى ئۇ مەن بىلىمەن،
ئانامدىن سۈت بىلەن ئەمگەن تىلىمنى،
چا خەتتە يېزىشقا رازى ئەمەسمەن.
بۇغرادىن مىراسقا ئالغان خېتىمنى،
تۇماردەك ساقلايمەن يېزىپ سۆزۈمنى.
ئوغۇزدىن مىراسقا ئالغان زىمىننى،
ساتمايمەن، ساقلايمەن تۆكۈپ قېنىمنى.
تارىمنىڭ بويىدا ئۆسكەن توغراقنى،
كەسكەندە يۈرىكىم سانجىپ ئاغرىيدۇ.
كۆرگەندە بۇزغاننى قەشقەرخانلىقنى2)،
ھۇجۇدۇم قاينايدۇ جەڭگە ئۈندەيدۇ،
ۋەتەننىڭ ھەر تېشى ماڭا ئەڭگۈشتەر،
جەڭلەردە ئۇ مىنى ئوقدىن ساقلايدۇ.
قەلەمنى قىلىپ مەن دۈشمەنگە نەشتەر،
سانجىيمەن ئەجدادىم شۇڭا ئۇندەيدۇ.
ئىىمانىم كامىلدۇر ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ،
كارۋانلار ئىزىدا ۋەتەن ئوغلانى.
قارخاندەك ئۇيغۇرلار دۇشمەن چىللايدۇ،
بىل ئۇيغۇر ئۇنداقنىڭ جىقدۇر بالايى.
گەر ئۇيغۇر ئىكەنسەن ۋەنەننى ساتما،
جۇپ يۈزلىك3) پو ئېتىپ مەيدەڭنى قاقما!
ھىجايغان دۇشمەننى دوسدەك چاغلىما،
دوستۇم“ دەپ ئۇنى سەن دوسلارغا تاڭما.
ۋەتەنسىز مىللەت يوق، مىللەت ۋەتەنسىز،
ئۇيۇلسىز ئۇيغۇر يوق ئۇيغۇر ئۇيۇلسىز.
خائىنغا ئورۇن يوق خەلىق رەھىمسىز،
قاغىشى خەلىقنىڭ بولماس ئۈنۈمسىز.
2014. 2. 28
_____________________
1) چار خەن – خىتاي خېتى
2) خانلىق – خانلىق مەدرىسە
3) جۇپ يۈزلىك – ئىككى يۈزلىك.