ئۇيغۇر ياشلىرىغا
ت. سەرگارى
جاپا – ماشاقەت ئىچرە ھالاۋەت،
تاپماي ئۇنۇمسىز قىلماڭلار ماجرا.
ئېقىل، پاراسەت، ئىنسانە خىسلەت،
بولسۇن سىلەرگە ھەر جايدا ھەمرا.
سەمىمى ھەركەت ئوقەتكە بەركەت،
ئالدامچىلىقدىن يىراق تۇرۇڭلا.
سۇخەنچىلىك ۋە قۇللۇق تاپاۋەت،
ئىنسانە خىسلەت ئەمەس بىلىڭلا.
غۇرۇرى ھەركەت، دوسلۇق ، ئادالەت،
ئىنسانە زىننەت ساتماڭلا پۇلغا.
تارلىق ئاداۋەت تاپسا كامالەت،
ھايۋاندىن ئىنسان پەرقسىز بىلىڭلا.
ئۇيغۇرمۇ ئىنسان ئاللا ياراتقان،
نۇخسانمۇ بىزدە ئارتۇق ئەمەسدۇر.
دەۋراندا ھەممە ھۆرلىكنى تاپقان،
قۇللۇق، خوشامەت، نۇمۇس دىمەكدۇر.
بىلىم ئېلىڭلا، بىلدىم دىمەڭلا،
گۇھەرنى تاشدىن ئايرىپ ئېلىڭلا.
يالغاننى راس دەپ ئابرۇي ئۈچۈنلا،
مۈنبەرگە چىقسا دەنا دىمەڭلا.
بىلىم ئېقىلغا دەنا يۈلەكدۇر،
ئېقىل گەر شەمشەر بىلىم بىلەيدۇر.
بىلگەن ئېقىلسىز مايمۇن سىياقدۇر،
ئېقىل بىلىمسىز ئوقسىز ياراقدۇر.
ئىككى مۆجىزە ئەمگەككە ئىرىم،
مەنبەئى بەخىت ۋە يا پاجىئە.
ھۇسۇلى ئېنىڭ كاززاپقا كىرىم،
ئەل گەر بولمىسا ئۆز يۇرتقا ئىگە.
كەسمەيدۇ شەمشەر غىلاپتا ياتقان،
داتلاپ، بىلەيسىز قوزۇققا ئاسقان.
تاپمايدۇ ئىنسان ئەقلانە ئىخسان،
ئەركسىز كۈشەندە قازناقدا ياتقان.
تېپىڭلا دوسلا بىلىمدە ئەشيا،
قازناقنى ئۆتەپ يېقىشقا گۈلخان.
بىلىڭلار ئولجا بولمايدۇ ئەسلا،
تايغانغا توشقان ئۇ ئودا تۇتقان.
بۇ ئوق ئەمەسدۇر جەڭلەردە ئاتقان،
بەربات راۋاقنى تىكلەشكە ھامان.
زۇننار نابات بۇ، سەرگارى چالغان،
ئەۋلادنى تولاپ ھىجراندا ئازغان.
2003- يىل.
___________________________________
1) زۇننار نابات – زۇننارنىڭ (كولدۇرمىنىڭ) تةشۋىشلىك چاقىرىق ئەۋازى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر ياشلىرىغا