راس ئۇيغۇرمۇ سەن؟
تارىم سەرگارى
مەن ئۇيغۇر دەيسەن، راس ئۇيغۇرمۇ سەن،
راس بولسا نىچۈن چېچىلىپ ياشايسە؟
مەن ئىنسان دەيسەن راس ئادەممۇ سەن،
راس بولسا نىچۈن ئىگىلىپ ياشايسەن؟
تۆكۈلگەن قانلار، قىيىلغان جانلار،
قۇملار ئاستىدا ئۈستىدە ژۇلغۇن.
قالمىدى ھەتتا ئوغلىڭغا سايلار،
نەۋرەڭ كىم بولار ئۇنى كىم بىلسۇن؟
ئۇېغۇر ماكانى ۋاڭلارغا پالاس،
سەن ئۇ زىمىندا ئەخلەتكە ئوخشاش.
يوقاتتىڭ غۇرۇر خىسلېتىڭنى خاس،
بولامدۇ ئۇيغۇر ماڭقۇرتقا ئوخشاش؟
****
ئادەمنى تەڭرى ئەركىن ياراتتى،
سۇلتانى يوللۇق بۇ ماددا دۇنيا.
زىمىندا كەڭرى ئىنسان كۆپەيدى،
يارالدى قۇللۇق رىقابەت دۇنيا.
ئېقىل پاراسەت تەڭرى مۇكاپات،
يىگانە تەڭرى ئىشەنجە پەيدا،
ئورانى بىرلىك ئىچرە رىقابەت،
”ئۇيغۇرى“ مىللەت زىمىندا پەيدا.
****
يىگانە تەڭرى ئۇيغۇر ئىگىسى،
ئۇنىڭغا ھۆرمەت ئۇنىڭغا تازىم،
ئۇيغۇر روھىتى بىرلىك رەشتېسى،
ئۇيۇللىقدا كۈچ ھۆرلىككە لازىم.
****
مەن ئۇيغۇر دەيسەن، راس ئۇيغۇرمۇ سەن؟
نىچۈن سەندە بۇ قۇللۇق خىسلېتى؟
ياكى ئۇ نىقاپ ئامالسىز كەيگەن،
ئەۋلادى ئۇيغۇر روھى خىسلېتى؟
شەرىققە قاراپ يالغان كۇلىسەن،
غەرىپكە قاراپ سەن يالۋىرىسەن.
دوسنى تاتىلاپ، ياتلارنى سىلاپ سەن،
ئەيتقىنا قانداق ئۇيغۇر بولىسەن؟
ۋاقىت غەنىمەت نىقاپنى تاشلا،
ئۇنىڭدا روھىڭ تاپمىسۇن قازا.
ئەۋلادىڭ سىنىڭ ئۆسكەن نىقاپدا،
ئۇيغۇر روھىغا تۇتمىسۇن ھازا.
تارىخنى ئاچ سەن ئەژدادقا قارا،
كۆزىڭنى ئاچ سەن ئاسمانغا قارا.
بېشىڭدا ئۇچقان ئەژداد روھىغا،
كۆكسىڭدە كەڭرى ئورۇننى راسلا.
سايلاردا قالغان ژۇلغۇننى يىغ سەن،
ژۇلغۇن بولمىسا قۇراينى يىغ سەن.
گۇگۇت بولمىسا قوياشدا ياق سەن،
كۆيدۇر چاۋانى قەلبىڭنى ياق سەن.
كۆيگەن يۈرەكدە ۋىژدانمۇ قاينار،
قىرغاقدىن تاشار قۇدرەتمۇ تاپار.
ئىگىلگەن باشلار غۇرۇرلۇق تاپار،
دۈشمەنگە قورقماي ئوقلارنى ئاتار.
****
راس ئۇيغۇرمۇ سەن، داۋانى قوي سەن،
ياشلارنى تۆكمەي قانلارنى تۆك سەن،
غالىپقا سود يوق كۇرەشكە قوپ سەن،
ئاجىزنى سۇدلار ھەر جايدا بىل سەن!
2014. 11. 27.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: راس ئۇيغۇرمۇ سەن؟