ئۇيغۇر تىل – يېزىقنىڭ دۇنياۋى بىرلىكى ھەققىدە ئويلۇنۇش
تارىم سەرگارى
مىللەتنىڭ تىلى – مىللەتنىڭ بەستى،
يېزىق بىرلىكى ئۇنڭ ساقلىق بەلگىسى.
مىللەتنىڭ دىنى – ئۇنىڭ روھىيىتى،
دۆلەت – مىللەتنىڭ پانالىق ئۆيى،
تىل – يېزىق مىللەت ھاياتلىق ئۇلى!
ھەر قېتىم ئىنتېرنېتقا كىرىپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان يازمىلارنى كۆرۈپ ئويلۇنۇپ قالىمەن، بۇ نېمە دېگەن قالايمىقانچىلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇق!
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، خىتايدا ئۇنىڭ دەۋرىدىكى يېپىلمىلىق تۈگەپ، سىرىتقا ئىشىك ئېچىلدى. شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئون يىللىقىدا سوۋېت پارچىلىنىپ، ئۇنىڭ تۆمۇر پەردىسى يىرتىلىپ، XIX ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئوتۇرا ئاسىيانىڭ تۈركى مىللەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىدە دۇنيانى ئوچۇق كۆرۇشكە باشلىدى. بۇ ھادىسىلەر – ئۇلار بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە ئىنتىلىشىنى كۈچەيتتى.
ئۇيغۇرلار- خىتاينىڭ ئاسارىتىدە زۇلۇمغا غەرق بولغان ۋەتىنىدىن ھەر تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدى. ئەمدىلاتىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش تۈركى دۆلەتلىرى ئىختىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ، خەلىقنىڭ تۇرمۇشى ناچارلىشىشقا باشلىدى. ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق ئۇيغۇرلار ياخشى تۇرمۇش ئىستەپ غەرب دۆلەتلىرىگە چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئىككى تۈركۈم ئۇيغۇر ئاخىرى غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇچراشتى. ئۇلارغا 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، شەرقى تۈركىستاننى خىتاي بېسىۋالغاندىن كېيىن ۋەتىنىدىن ھەر يانغا قېچىپ، ئاخىرى كىلىپ تۈركىيەگە جايلىشىپ ۋەتەن داۋاسى قىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەرخىل باھانە – سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىدىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە پەيدا بولدى.
ئۇيغۇرستاندىن چىققانلار – خىتاينىڭ ئاسارىتىدىكى ۋەتىنىنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلارنىڭ ئىچىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىگە چۈشۈپ قالغانلار – ”چەت دۆلەتكە چىقىپ، خەلقىمنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىمەن“، ”غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئازادلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىمەن“ دېگەن خىيالدا – ۋە ياكى جان بېقىش كويىدا چىققانلاردۇر. سابىق سوۋېت تەۋەسىدىن چىققانلار – ئاساسەن، جان بېقىش كويىدا چىققانلاردۇر.
چەت ئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە، ئالىملار، ئۇتتۇرا، ئالى ۋە باشلانغۇچ مەلۇماتلىقلار بار. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى (چۈشەنچە ئىختىدارى) – چۈشۈنىشى، قوبۇل قىلىشى، ئويلىشى، پىكىر قىلىشى، مۇلاھىزە قىلىشى – ھەر خىل. ياۋروپا تۇرمۇش شارائىتىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ۋەتەندىن چىققانلار – ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلىشىدۇ، ئامما كۆپىنچىلىرى ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىنى ياخشى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىدا (ئەرەب سىزمىلىق ئۇيغۇرچىدا)، بەزىلىرى ئاتالمىش يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىدا (لاتىن ھەرپلىك ئۇيغۇرچىدا) ئوقۇغان، كۆپ ساندىكىللىرى ئىككىلا يېزىقنى بىلىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ياۋورپا ئەللىرىدە كېرەكلىك بىرەر كەسىپكە ئىگە، تولىسىنىڭ كەسپى يوق.
سابىق سوۋېتتىن چىققانلار – ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىشەلمەيدۇ ۋە ياكى كىرىل ئېلىپبەسىنىڭ تەسىرىدە رۇس ئاتالغۇلىرى بىلەن ئەبجەشلىشىپ، بۇزۇلغان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئاتالمىش كىرىل ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ئوقۇغانلىقىدىن، ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدۇ. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلدىن بىر قەدەر پەرقلىنىدىغان سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بىلىدۇ ۋە كىرىل ھەرپلىك ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ، بەزىلىرى ئۇنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادا باي تىللارنىڭ بىرسى ۋە رۇس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. رۇس تىلىنى ئۇيغۇر تىلىدىن كوپ باي تىل ھىسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ كەسىپ ئىگىلىرى يوق دىيەرلىك.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار (بولۇپمۇ، تۈركىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەر) ئۇز تىلىدا راۋان سۆزلىشەلمەيدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى تۈركچە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىشىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل ۋە يېزىقىنى بىلمەيدۇ، لاتىن ھەرپلىك تۈرك يېزىقىنى قوللۇنىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى ۋە ئەدەبىي تىلىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىگە قارىغاندا تۈركىيەگە كۆپىرەك سادىق، تۈركىيەنى ۋە تۈرك تىلىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
مانا مۇشۇ ئۇچ تىپتىكى تۈرلۈك سەۋەپ ۋە مەقسەتلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە مۇھاجىر بولۇپ قالغان، ھەرخىل سەۋىيە ۋە تەپەككۇرلۇق قېرىنداشلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆز ئارا ئالاقىلىشىۋاتىدۇ. ئەسەرلەرنى يېزىۋاتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى، قابىلىيەتلىرىگە تۇشلۇق جارى قىلدۇرۋاتىدۇ. سابىق سوۋېتتىكى قېرىنداشلىرى بىلەن تۇراقلىق ئالاقىلىشىۋاتىدۇ. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى بىلەنمۇ مۇمكىن قەدەر ئالاقىلىشۋاتىدۇ. ھەممىسى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، دۇنياغا ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ ۋە ”ۋەتەن داۋاسى“ قىلىۋاتىدۇ. بۇ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۇن كېرەكلىك ۋە خۇشاللىق ئىش. ئامما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى ئۇلاردا ئانا تىلىغا ۋە مىللىتىنىڭ يېزىقىغا ئاز سانلىقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھۆرمىتى يوق. بۇ ئۇلارنىڭ تىل ۋە يېزىقنىڭ مىللەتنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى، ”داۋا“ قىلىۋاتقان ۋەتىنىدىكى خەلقى بىلەن تىل ۋە يېزىق بىرلىكىسىزلىكى ئۇيغۇر ئۆزلۈكى ئۈچۈن ھەركەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىنى كۆرسۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتقان بولسا كېرەك.
مەلۇمكى رەسمى مەتبۇئات بىر دۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىسىدۇر، ئۇنىڭدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى مىڭلىغان ئادەملەر ئوقۇيدۇ، شۇنىڭ ئۇچۈن نەشرىيات خادىملىرى ئۇنى تەپسىلى ئوقۇپ، تەھرىرلەپ، مۇئەللىپنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ، ئاندىن نەشىر قىلىدۇ. نەشىرگە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئۆلچەملىك قېلىپلاشقان تىلغا ۋە يېزىققا مۇۋاپىق بولۇشىغا شۇ نەشرىيات ئورۇنلىرى جاۋاپكار بولىدۇ. ئىنتېرنېت دۇنياۋى ئاخبارات ۋاستىسى، ئۇنىڭدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغانلار باسما ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغانلاردىن ھەسسىلەپ كوپ (مىليونلاپ ئوقۇيدۇ). ئۇنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا- خاتالىقىغا جىمى تەرەپىدىن مۇئەللىپ ئۆزى جاۋاپكار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر يازمىنى ئىنتېرنېتتا نەشىر قىلىشنىڭ ئالدىدا مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ساۋادىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى – ھەر قانداق باسما ئەسەرنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تولىسى ”خاتالىقسىز، توغرا يېزىلغان“ – دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالىدۇ.
ئەگەر بىز ئەسەرلىرىمىزنى چالا ۋە ياكى بۇزۇلغان ئۇيغۇر تىلىدا ئىملا خاتالىقلىرى بىلەن نەشىر قىلساق، بىزنىڭ ئۇنداق ئەسەرلىرىمىز ساۋاتسىزىراق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى قۇچۇۋېتىدۇ. ياشلار تىلىمىزنى ۋە يېزىقىمىزنى دۇرۇس ئۈگۈنەلمەيدۇ. ئۇنداق ئەسەرلەرنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپىرەك بولىدۇ. ھەم ئۇيغۇر تىل، يېزىقىنىڭ قېلىپلىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازىدىغانلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىر- بىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە خاتالىق بايقىساق، زاڭلىق قىلماي، ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن توزۇتۇپ قويۇشىمىز لازىم. ئۇنداق توزۇتىشلەردە ۋەتەندە قېلىپلاشقان تىل ۋە يېزىققا ئاساسلىنىشىمىز كېرەك. ئۇ قېلىپلاشقان ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى مېنىڭچە 1960- يىللاردىكى لاتىن ھەرپىگە ئۆتۈشنىڭ ئالدىدىكى تىل ۋە يېزىقىدۇر.
بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ئۇتتۇرا ئاسىيانى- ئۇيغۇرلارنىڭ ”ئىككىنچى ۋەتىنى“ دىيىشكە بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى ۋەتىنى شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) – نىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنى خالايدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەغدىرىنى ئويلايدۇ ۋە كۆيىنىدۇ. ئامما نىمىشقىدۇر، ئۇلار تارىخى ۋەتىنىنى – ”خىتاي“، ۋەتەنلىك قېرىنداشلىرىنى – ”خىتايلىقلار“، بەزىلىرى ھەتتا – ”خىتايلار“ – دەپ ئايرىيدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا غادىيىدۇ، ئۇلار بىلەن تىل، يېزىق بىرلىكىگە كىلىشنى ئويلىمايدۇ. لېنىن ”تەغدىم“ قىلغان يېزىقىدىن كېچىشنى ۋە بۇزۇلغان تىلىنى تۈزەشنى خالىمايدۇ. بۇ، ئەجەبلىنەرلىك ئىش!
يۇقۇرىدا ئاتاپ ئۆتۈلگەن، غەربكە چىققان ۋە سابىق سوۋېت تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركۈمىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزى بىلگەن يېزىقتا ۋە ياكى، ئۆزلىرىچە ھەممىگە ئورتاق ھىساپلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپىكە چۈشۈرۈلمىگەن لاتىن يېزىقىدا يېزىۋاتىدۇ. ھەتتا لاتىنچىنى ”ئىلغار يېزىق“ دەپ ئويلاپ، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىمۇ شۇ يېزىققا ئۆتۈشكە ئۈندەپ، خىتاينىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇۋاتىدۇ. ئۇلار، 20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى خىتاينىڭ پىن يىن يېزىقىغا ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تارىخىدىن ۋە ئەجدادلىرىدىنلا ئەمەس، ھەتتا ئاتا ئانىلىرىدىنمۇ خەت ئالاقىسىدا ئايرىۋەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە ياكى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.
مەلۇمكى، مىللەتنى يوقۇتۇش ئۈچۈن – ئۇنى ئالدى بىلەن ئۆز تارىخىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەجدادلىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل باھانىلار بىلەن مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئالماشتۇرىدۇ. يوقاتماقچى بولغان مىللەتكە – ئۇلارنىڭ سانىدىن قەتئى نەزەر، ”ئاز سانلىق“ دېگەن قالپاقنى قانۇنلۇق كەيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمدار مىللەتنىڭ (دۆلەت) تىلىنى ئۆگنىشنى مەجبۇرىيەت قىلىدۇ.
”سىلەرنىڭ تەرەققىياتىڭلارغا قولايلىق بولىدۇ“ دېگەن باھانە بىلەن يېزىقىنى دۆلەت تىل يېزىقىغا ۋە ياكى ”ئىلغار مىللەتلەرنىڭ“ يېزىقىغا (ھازىرقى زاماندا كومپيۇتېر – لاتىن يېزىقىغا) ماسلاشتۇرۇشنى ”تەكلىپ“ قىلىدۇ. ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى تەخسىكەشلەر ئۇ، تەكلىپنى ”مىننەتدارلىق“ بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. قارشى تۇرغانلارنى ”تار مىللەتچى“ (ھازىر- تېررورچى، ئەسەبىي ئۇنسۇر، بۆلگۈنچى دىگەندەك يېڭى قالپاقلار پەيدا بولدى) – دېگەن قالپاق ئاستىدا يوقۇتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ھۆكۈمدار مىللەتنىڭ سىياسى، ئىلمى، تېخنىك ۋە باشقا ئاتالغۇلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تىلى خىزمەت تىللىق سۈپتىنى يوقۇتۇپ تۈرمۇش تىلىغا ئايلىنىپ، جەمىيەتكە كىرەكسىز تىلغا ئايلىنىدۇ. ئۇ مىللەتنىڭ ياشلىرى ئۆز تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىشىدىن قاچىدۇ، مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇيدۇ – ئەجدادى يىلتىزىدىن ئايرىلىدۇ. بۇ تاشلىۋېتىلگەن تىل ۋە يېزىق بىلەن بىرلىكتە مىللەت يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ.
بۇ دۆلەتمەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى دۆلەتسىز مىللەتلەرنى يوقىتىشنىڭ ۋە چوڭ مىللەتنى ئۇششاق مىللەتلەرگە بولۇۋېتىشىنىڭ كلاسسىك ئۇسۇلىدۇر. بۇ، يانا ھۆكۈمدار چوڭ مىللەتنىڭ ئۆزىگە رىقابەتداش مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرخىل شىۋىلىك بىر تىللىق مىللەتنى كۆپ مىللەتلەرگە بۆلۈۋېتىش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل بىلەن XX ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياۋروپالىقلار مۇستافا كامال ئاتا تۈركنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيە خەلقىنى ئۆز تارىخىدىن، ئەجدادلىرىدىن ۋە باشقا تۈرك ئەللىرىدىن ئايرىۋەتتى. لېنىن روسسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ قاماللىقىدىكى تۈركلەرنى كۆپ مىللەتلەرگە بۆلۈۋەتتى. ھازىر تۈرك دۇنياسى بىر -بىرىنىڭ خېتىنى ئوقۇيالمايدىغان ۋە تىلىنى چۈشىنەلمەيدىغان، ئاخبارات پۈتۈنلىكى يوق غايىبانە بىر دۇنياغا ئايلنىپ قالدى.
پۈتۈن خرىستىئان دۇنيا مىللەتلىرى دىگىدەك يۇنان – لاتىن ھەرپىگە ئاساسلانغان يېزىقتا يازىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېچ قايسى مىللەت ئۆزىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىمىغان ۋە ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار ئۇ ھەرىپىنى بىرىنچى ئىشلەتكەن (ئىجاد قىلغان) خەلقلەرنى يۇنان (گرېك) ۋە ئىتاليانلارنى، ياۋروپا مەرىپىتىنىڭ باشلىغۇچىلىرى ھىساپلاپ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ زىمىنىنى ”مەرىپەت بۈشۈكى“ دەپ قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئاسارە – ئەتىقىلىرىنى (تارىخى مىراسىنى) ئۆزلىرىنىڭ ھېساپلايدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ۋە دۆلەت پۈتۈنلىكىنى قوغدايدۇ. ئۇلاردىن بىرىنچىلىك تالاشمايدۇ.
ياۋروپالىقلاردىن ئەۋۋەل (مىلادىنىڭ ئالدىدا) ئويما ۋە ھەرپلىك يېزىققا ئىگە، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى بىرلىكىنى تەكىتلىگۈچى، ئاتالمىش تۈرك دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھازىر جىمىسى ئورتاق ئىشلىتىدىغان خۇسۇسى ئېلىپبەسى يوق. X ئەسىردە تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئاساسى قىسمى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قاراخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆزىنىڭ خۇسۇسى (كونا ئۇيغۇر) ئېلىپبەسىنى تاشلاپ، قۇرئان خېتىگە ئاساسلانغان ئەرەب سىزمىلىق ئېلىپبەگە كۆچتى. ئەسىرلەر جەريانى ئۇنى ئۆزىنىڭ تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەتتى. XX ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋروپاغا ئەخمىقانە ئەگىشىپ ۋە ياكى مەجبۇرىيەت ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن باشقىسى لاتىن ۋە كىرىل ھەرپلىرىگە كۆچتى. تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە يالغۇزلا ئۇيغۇرلار كوممۇنىستلار دەۋرىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى يېزىقىنى ساقلاپ قالالىدى. ھازىر ئۇيغۇرستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر، قۇرئان خېتىگە ئاساسلانغان ھەربىرسىنىڭ تىلىغا ماسلاشتۇرۇلغان تۈركچىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. خىتاي باسقۇنچىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك تىللىرىنى خىتاينىڭ سۈرەتلىك خېتىگە (ئېروگلىفقا) ئۆتكۈزۇشكە ئامال تاپالماي، ئۇيغۇرىستاندا: ”قوش تىللىق مەكتەپ“ باھانىسى بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ۋە يېزىقىنى يوقىتىۋاتىدۇ.
مۇشۇ ئەھۋالدا دۆلەتمەن تۈرك قېرىنداشلار (سوۋېتنىڭ بەربات بولىشى بىلەن مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر) ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرستاندىكى قېرىنداشلىرى ئىشلىتىۋاتقان تارىخى يېزىقىغا قايتىشنى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئاخبارات مەيدانىنى ھاسىل قىلىشنى ئويلاپمۇ قويماۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ مەرىپەت بۈشۈكى بولغان شەرقى تۈركىستاننى خىتايلار تولىقى بىلەن ئىشغال قىلىۋاتسا ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى مىراسلىرىنى يوقىتىۋاتسا، ئۇلارنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، ئىشغالچىلارنى قوللاۋاتىدۇ ۋە ياكى بىتەرەپ تۇرۇۋاتىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەرىپەت باشلامچىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى يوقىتىۋاتسا، يوقاتقۇچىلارنى قۇللاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئۆز دۆلەتلىرىدە خىتايغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ”تېررورچىلار“ دەپ، ئەيىپلەۋاتىدۇ. پانا سوراپ چىققانلارنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. ھەتتا، ئۆزىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈرىكى ۋە باشلامچىسى ھېسابلىغۇچى تۈركىيە، تۈرك ئاخبارات ئومۇملىقىنى ئويلىمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىتىلىشىنى بىتەرەپ ھالدا كۈزىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇتتۇرىغا قويماۋاتىدۇ.
مانا بۇ، 200 مىليونلۇق غايىبانە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە، مەرىپەت ئوچىقىغا (شەرقى تۈركىستانغا) مەرىپەت مىراسىغا ۋە مەرىپەت باشلامچىسىغا (ئۇيغۇرلارغا) بولغان ھۆرمىتى ۋە ئەقلى بەشىرسىدۇر. مانا بۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەرىپەتكە كەلگەندە خرىستىئان دۇنياسىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقسىزلىقنى ۋە ئاجىزلىقىنىڭ بېشارەتلىرىنى كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ.
ھازىر بىزنىڭ تىل ۋە يېزىقىمىزدا بىرلىك يوق. بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى ئويلاپ، ئېتىقاد بىلەن ئىشلەيدىغان مۇتەخەسىسلەر ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ ياكى كۇندىن- كۈنگە سانى ئازايماقتا. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر تىللىق بولۇپمۇ قوش تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى بۇزۇلماقتا. ئۇ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ كۆپلىرى ھەتتا سالام خەتنى تۈزۈك يازالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىزگە مەلۇم.
چەت ئەللەردە بولسا ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ”ئاتا تۈرك“ دەپ ئاتايدىغان، ئۇيغۇرلارغا چوقۇنىدىغان تۈركىيىدە ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزى بىلەن ”بىر مىللەت“ دەپ قارايدىغان ئۆزبېك دۆلىتى ئۆزبېكىستاندا بىرمۇ ئۇيغۇر مەكتىپى يوق. ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ياشايدىغان، ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇر نوپۇسى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە بىرلا قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر بار. ئۇ دۆلەتتىمۇ مەكتەپلەر ۋە ئۇلاردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سوۋېت دەۋرىدىكىگە قارىغاندا سانى نىسبەتەن ئازايماقتا. سوۋېت دەۋرىدە بار ئۇيغۇرشۇناسلار، تىلشۇناسلار قېرىپ ياكى ئۆلۈپ تۈگىمەكتە. يېڭى ئەۋلادلارنىڭ بۇرۇنقى پىشقەدەملەرنىڭ ئورنىنى بېسىپ ماڭالىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاندىكى تىلشۇناس ۋە ئالى مەلۇماتلىق زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەرنى ئانا تىلىدا (ئۇيغۇر تىلىدا) ئوقۇمىغان. ئۇلارنىڭ تىلى، يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك كىرىل ئېلىپبەسىگە ماسلاشتۇرۇلغان ۋە رۇس تىللىق ئاتالغۇلار بىلەن ئەبجەشلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكىلەردىن خېلىلا پەرقلىنىدىغان بىر تىلغا ئايلىنىپ كەتكەن تىلدا سۆزلىشىدۇ. بۇ تىل ھەم مەكتەپ ۋە مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، ئەسەرلەر يېزىلىدۇ.
يۇقۇرىدا ئېيتىلغان سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىر ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىگە قارىسىڭىز، يازىدىغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۆز پىكرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ساۋاتلىق ئىزھار قىلىدىغانلارنى تاپقىنى بولمايدۇ ( بۇ سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرىغىمۇ خاس). ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلىرى لاتىن ھەرىپىدە يېزىپ، ئۆزىنىڭ چالا تىلىنى يەنىمۇ چالا قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ”ئەخلەتكە“ ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. ئەپسۇس بۇنىڭ بىلەن ھېچ كىمنىڭ كارى بولمايۋاتىدۇ.
بۇ ماقالىنى يېزىشىمنىڭ سەۋەبى مەن ئۆزۈمنى ئەڭ ساۋاتلىق ۋە ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل بىلگۈچىلەردىن بىرى دەپ ھېسابلىغانلىقىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۋاتقانلىقىغا قاراپ چىداپ تۇرالماي، چەت ئەللەردە چېچىلىپ، ئەركىن ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز تىلىنى ۋە يېزىقىنى ھۆرمەتلەشكە، ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگەنمىگەنلەرنى ۋە تىلىنى چالا بىلىدىغانلارنى ئۈگۈنۈشكە، بىر- بىرىنى ئۆگىتىشكە، ئۆزىنىڭ تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا) قېلىپلاشقان تىلغا ۋە يېزىققا ماسلاشتۇرۇشقا ئۈندەشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھازىر چەت ئەللەردە سەييارە ئۆز پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى“ نى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقچىمەن.
ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيادىكى يېزىقلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكىلەرنىڭ بىرسى. تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل، يېزىق، ۋە مەدەنىيەت باشلامچىسى. ھازىرمۇ ئۆز دۆلىتىنى ۋە دۆلەتچىلىكنى ئاللىقاچان يوقاتقانلىقىغا قارىماي، ئۆز تىلىنى ۋە يېزىقىنى ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى مىراسلىرىنى (كلاسسىك ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى ۋە ئەنئەنىسىنى) XXI ئەسىرگىچە ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى. بۇندىن كىيىنمۇ ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تىل يېزىقىدا تۈرك دۇنياسىغا باشلامچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە.
XX ئەسىرنىڭ بىرىنىچى يېرىمىدا شەرقى تۈركىستاندىن باشقا جايلاردىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ جىمىسى ئۆز يېزىقىنى يوقۇتۇپ بولدى. سابىق سوۋېت تەۋەسىدىكىلىرى XX ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئەدەبىي ۋە خىزمەت تىلىنى يوقاتتى. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىدە رۇس تىلىنى خىزمەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە مەجبۇر بۇلىۋاتىدۇ. ھېچ ۋاقتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى يوقاتمىغان تۈركىيەمۇ ئۆز يېزىقىدىن ئايرىلدى. ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىي مەرىپەت باشلامچىسى بولالمىدى. بۇندىن كىيىنمۇ باشلامچىلىق قىلالىشى ناتايىن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىغا باشلامچى تېپىلمىدى.
500 يىل ياۋروپا ۋە ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن ئەللىرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان قۇدرەتلىك ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى ۋە 300 يىل ھىندىستانى سورىغان داڭلىق، ئۇلۇق موغۇل – بابۇر ئىمپېرىيىلىرى ئۇيغۇر دەۋرىدە قۇدرەت تېپىپ، ئۇيغۇرلاردىن يۈز ئۆرۈپ ياتلارغا ئەگىشىپ بەربات بولدى. ئەپسۇسكى دۇنيانىڭ ئالەمشۇمۇل ۋە تارىخشۇناس ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى شەرقى تۈركستاننى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەرىپەت بۈشىكى، تەكلىماكاننى ”ئادەمزاتنىڭ كىلىپ چىقىش سىرىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن ماكان“ دەۋاتقانلىقىغا قارىماي، ھازىرقى دۆلەتمەن تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخشۇناس ۋە سىياسى ئەربابلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى شەرقى تۈركىستاننى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىي مەرىپەت بۈشىكى، ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى مەرىپەت باشلامچىسى دەپ ھېسابلىمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك تارىخىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تالاشماقتا. خىتايلار ئۇ مىراسلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتماقتا ۋە ياكى يوقاتماقتا. تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ھەر قايسىسى – بەزىلىرى ئۆزىنىڭ مىللى نامىنىڭ بۇندىن 400 – 500 يىللار ئىلگىرى تارىخى مەنبەلەردە خاتىرىلەنمىگەنلىكىگە ۋە خۇسۇسى يازما مەنبەلىرىنىڭ يوقلىقىغا قارىماي، ياۋروپا تارىخشۇناسلىرىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ ( مەسخىرىلىك كۈلدۈرۈپ) – ياۋرو- ئاسىيانىڭ جىمى قەدىمى تارىخىنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇيغۇرلارنى ياۋروپالىقلاردەك ئىنسانىيەت مەدەنىي مەرىپىتىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان مىللەت قاتارىدا ھېسابلىمايدۇ. رۇسلارنىڭ تارىخچىلىق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىشىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ رىۋايەتلىك يېڭى تارىخىي چۆچەكلىرىنى ئالدىراش يېزىۋاتىدۇ.
بۇ ئۇلارنىڭ بۇندىن 1000 يىل ئەۋۋەل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىم مىللەتلەرگە بۆلۈنمىگەنلىكىنى، ھازىر مەۋجۇت جىمى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ”تۈرك“ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ”مۇسۇلمان“ دەپ ئاتالغانلىقىنى؛ ئەدەبىي ۋە دۆلەت تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقنى دەۋرىدە ئورخوندا ئۇمۇملىشىپ ”ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى“؛ قاراخانلار دەۋرىدە قەشقەردە ئۇمۇملىشىپ ”خاقانىيە تىلى، خاقانىيە يېزىقى“؛ چاغاتاي دەۋرىدە شەرقى تۈركىستاندا راۋاجلىنىپ ”چاغاتاي تىلى، چاغاتاي يېزىقى“ – دەپ ئاتالغانلىقىنى؛ مۇقۇم چىگرالار بىلەن بۆلۇنمىگەنلىكىنى بىلمەي ۋە ياكى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخى ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. بۇ تالىشىشلار چېچىلاڭغۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشىگە ئەمەس، يوقلىشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ – تۈركلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك – ئەۋۋەل روھى كېيىن جىسمانى مۇستەملىكىلىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مىللى روھىيىتىنى يوقۇتۇپ، قۇللۇق ۋە ئەگەشمىلىك خىسلەتلىرىگە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارمۇ چەتنەپ كېتەلماۋاتىدۇ، ئەلبەتتە.
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلار مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات
XX ئەسىردە پەن تېخنىكا ۋە سودا سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار پەيدا بولدى. ئۇلار – يۇنان ۋە رىم مەرىپەتلىرىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ سەركىلىرى لاتىن ۋە رومان تىللىق مىللەتلەر تىلىدا يۇنان – لاتىن تىل يىلتىزلىرى ئاساسىدا شەكىللەندى. سلاۋيان، ئەرەب، پارس (ئىران) ۋە باشقا دۆلەتمەن ۋە دۆلەتسىز، ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغۇچى مىللەتلەر ئۇ ئاتالغۇلارنى ئۆز تىللىرىغا ماسلاشتۇردى ۋەياكى ئۆز تىللىرىدا يېڭى ئاتالغۇلارنى ياساپ چىقىشتى. ئامما تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى ۋە تۈرك مەرىپىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئۇيغۇر تىلىغا ۋە ياكى بىرەر تۈركى مىللەتنىڭ تىلىغا ئۇ ئاتالغۇلار تۈزۈك ماسلاشتۇرۇلمىدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگىدەك ئاتالغۇلار ئۇيغۇر- تۈرك تىلى ئاساسىدا پەيدا بولمىدى. بۇنى تۈرك دۇنياسىنىڭ XX ئەسىردىكى پاجىئەلىك تەغدىرى دەپ چۈشەنسەك، ھەم خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يوقلىقى قاتارلىق باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىمىز مۇمكىن. ئەمما 20- ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن كېيىن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ (بولۇپمۇ تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ) ئاتالغۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى – ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىغا بىپەرۋالىقىمدىن ھەتتا ھۆرمەتسىزلىكىدىن بۆلەك ھېچ قانداق باھانە سەۋەپلەر بىلەن چۈشەندۈرىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئاساسى سەۋەبنىڭ يەنە بىرسى 50- 60 يىللىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە (ئاساسەن: تاشكەنتتە، ئالمۇتىدا) ئوقۇدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ رۇس تىلىغا چوقۇنۇش خىسلىتىنى ۋەتىنىگە ئېلىپ كەلگەن شۇ قېرىنداشلار XX ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، رۇس تىلىدىكى خەلىقئارالىق ۋە رۇس تىلى ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تۈزۈك ماسلاشتۇرماي كىرگۈزۈشكە ۋە يېڭى سۆزلەرنى ئىجاد قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زىيالىيلىق ھۆددىسىدىن تۈزۈك چىقالمىدى. نەتىجىدە كېيىنچە خىتايچە ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر تىلىغا – رۇس تىل قائىدىسىگە خاس سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا ”ي“ ھەرىپىنى قوشۇش قائىدسى كىرگۈزۈلدى.
مەسىلەن ئەۋۋەل ئۇيغۇر تىلىدا «قەشقېرى، سايرامى، تارىخى، ئەنئەنېۋى …… » دەپ يېزىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن «قەشقەرى، سايرامى، تارىخىي، ئەنئەنىۋى …. » دەپ يېزىلىدىغان بولدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى: ”روشەن“ سۆزىنىڭ ئورنغا– رۇس تىلىدىكى ئوخشاش مەنىلىك سۆز: ”яркий “ (ياركىي – يورۇق) سۆزىنىڭ ”ك“- سىنى – ق غا، ”ي“ -سىنى – ن غا ئۆزگەرتىپ، ”يارقىن“ سۆزىنى شەكىللەندۈرۈپ كىرگۈزدى. ئۇيغۇر تىلىدا ”ئوقۇ“ دېگەن سۆز يىلتىزى بار. ئۇ يىلتىزدىن –ئوقۇش، ئوقۇغۇچى، ئوقۇمۇشلۇق، ئوقۇيدىغانلار، ئوقۇماسلىق ۋە باشقا ئوقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر شەكىللىنىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدا يەنە ئوقۇش بىلەن ئالاقىسى يوق، مال بوغاز يەيدىغان تەڭلىنى بىلدۈرىدىغان: ”ئوقۇر“ سۆزى بار. بىزنىڭ ”دانىشمەن“ تىلشۇناسلىرىمىز ئۇ سۆزنى ئۇقۇشقا مەجبۇرى ئالاقىدار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېنگلىزچە: ”Man“ (مەن) – ئادەم- دىگەننى قوشۇپ، ”ئوقۇرمەن“ دېگەن سۆزنى تىلىمىزغا كىرگۈزدى. نەتىجىدە، ئوقۇغچىلار ئۇقۇر- مەن – ئوقۇر ئادىمىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئىسلاھات ئەمەس دورامچىلىق ۋە تىلنى بۇزۇشتۇر!
ؤەتەندىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى (تىلشۇناسلارمۇ): ”بىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىمىز نازارەت ئاستىدا، ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئىش قىلالمايمىز“ دىيشىدۇ. ئامما ئۆزلىرى خەلىقنىڭ قوبۇل قىلىش ياكى قىلالماسلىقىغا قارىماي، ئۇزۇن يىللار جەريانىدا رۇس ۋە ياكى باشقا چەت تىل ئاتالغۇلىرىنى خەلىققە تاڭدى. خەلق ئۇ ئېيتىلىشقا مۇرەككەپ ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلماي، خىتايچە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلدى. ھازىر ئۇ خىتايچە ئاتالغۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇمۇملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ، چەت تىل ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇش ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا يېڭى ئاتالغۇلارنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئاۋۋالقىدەكلا ئۇلارنى ئۆز ئەينى خەلىققە تاڭماقتا. ئۆزلىرى تۇرمۇشتا – مەتبۇئاتتا، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيەلەردە ئىشلىتىۋاتقان ۋە خەلىقنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىۋاتقان ئاتالغۇلارنى ياكى ئۇيغۇر تىلىدا ئەلمىساقتىن بار ئاتالغۇلارنى ئەمەس، خىتايچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكىلەرنى خەلىققە تەكلىپ قىلدى، قىلىۋاتىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. جاھان ئەينىكى (تېلېۋىزور دېمەكچى)، تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى، پويىز ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىسى ۋە باشقىلار. خەلق ئۇلارنى – دەنشى، دەنشىتەي، خوچېزەن دەپ خىتايچە قوبۇل قىلدى. زىيالىلارمۇ ئۆزلىرى تەكلىپ قىلغان ئاتالغۇلارنى توغرا ئېيتالماي، ئېيتىشقا ئاسان بولغان خىتايچە ئاتالغۇلارنى تۇرمۇشدا ئىشلتىۋاتىدۇ.
ئوتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى رۇس ئاتالغۇلىرىنى ئۆز ئەينى قوبۇل قىلدى ۋە ئىشلىتىۋاتىدۇ. ھەيران قىلىدىغىنى شۇكى ئۇلارنىڭ جىمىسى – ياۋرۇپالىقلار ”ستان“ ئاتالغۇسىنى پارىس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىن قوبۇل قىلىپ ئۆز تىللىرىغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى بىلىدۇ. بۇ مىسال ئۇيغۇر تىلشۇناسلارنىڭ ئومۇميۈزلىك ئاجىزلىقىدىن، ئەگىشەلمىگەنلىكىدىن، بەزى بىرلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كەسپىنى ئانا تىلىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەمەس، ئابروي تېپىشى ۋە جان بېقىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ، يۇمشىتىپ ئېيتقاندا قۇرۇق شۇئار ۋەياكى ئاغزاكى مۈجمەل ھىممىتى ئىكەنىلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
يۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن مىسالدا تېلېۋىزىيە television”“ ئاتالغۇسىنىڭ بۇزۇلغىنى بولۇپ، بۇ سۆز ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. بىرىنجىسى –“ tele “ (تېلې) يۇنان تىلىدا ”يىراق“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنجىسى – «visión» (ۋىسىئون – ۋىژىن) لاتىن تىلىدا نەزەر، قاراش، كۆرۇش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئىككى قىسىم قوشۇلۇپ يىراقتىن كۆرۇش ۋە ياكى كۆرسىتىش دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئومۇملاشقان ”تېلې“ نى ئۆزگەرتمەي، ئىككىنچى قىسمىنى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزگەرتىپ، ”تېلكۆرۈش“ دەپ ئاتىسا بولىدۇ. ئۇنداقتا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى – تېلستان ياكى تېلكۆرۇش ستانى بولىدۇ. بۇ ئاساستا تېلكۆرۇش، تېلكۆرسېتىش، تېلكۆرۇىش پروگراممىسى، تېلرىياسەتچى دىگەنگە ئوخشاش يېڭى ئاتالغۇ ۋە سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى بېيىتقىلى ۋە زامان بىلەن تەڭ راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. باشقا تۈركى مىللەتلەرمۇ ئۇنداق ئاتالغۇ ۋە سۆزلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. مانا مۇشۇ تەرىقىدە، ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تۈرك تىلىدا ئاتالغۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ تىلنى تېخىمۇ بېيىتقىلى بولۇدۇ. بۇ پەقەت ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشنى، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى، ئۇنىڭ تىلىنى ۋە ئۇنىڭ (مىللەتنىڭ) ئەۋلادلىرىنى ئەجدادلىرى بىلەن ئۇلىغۇچى يېزىقىنى ھۆرمەتلەشنى ۋە ئاقىلانە ئېتىقاد بىلەن ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. (تەپسىلىيرەك مەلۇمات ئۈچۇن ت. سەرگارىنىڭ: ”ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى“ ناملىق كىتابىنىڭ ”ئاتالغۇلار“ بابىنىڭ بىرىنچى قىسمىغا قاراڭ).
ئۇيغۇر تىلى باي تىل، ھېچ قانداق ئاتالمىش چوڭ ۋە ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن قىلىشمايدۇ. ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھەر قانداق زامانىۋى ئاتالغۇلارنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى يېزىشقا ۋە ئىنتېرنېتتا ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بىر يېزىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاننىڭ خېتىگە يېقىن. ئۇنى بىلگەن ئادەم قۇرئاننى ئوقۇشنى ئاسان ئۈگىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەر قانداق مىللەت تىلىنىڭ، ھەتتا خىتاي تىلىنىڭمۇ تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئۇ ئەرەب يېزىقى ئەمەس، پەقەتلا كۆرۈنىشى ئۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە مىڭ يىلدىن ئارتۇق جەرياندا ئۇيغۇر – تۈرك تىلىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئەرەب ۋە باشقىلارنىڭ يېرىقلىرىدىن كۆپ ئىلغار يېزىقىدۇر. ئۇيغۇرىستان تۈركلىرىنى ئۇ يېزىقىدىن ئايرىۋىتىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تىل مۇستەققىلىقىنى يوقۇتۇپ، باشقىلارغا ئەگەشكۈچى، ئۆز تارىخىنى، ئەجداد ۋە ھۆرمىتىنى بىلمەيدىغان ئۇششاق مىللەتلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى تارىخنى ئارقىسىغا راۋاجلاندۇرۋېتىش دېمەكتۇر.
ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنى خەلق ئىچىگە چۆكۈپ، مىللەتكە كۆيىنىپ مۇكەممەل ئۈگۈنىپ، ئاندىن چەت تىللاردا (خىتاي تىلىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چەت تىل) مەۋجۇت ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدىغان بولساق، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئىخچام، ئېيتىشقا ئاسان ۋە چىرايلىق ئاتالغۇلارنى شەكىلەندۈرگىلى بولىدۇ.
مەسىلەن: «ئېلان» (”گۇاڭ گاۋ) سۆزى توغرىسىدا توختالساق، ”داڭلام“ -”داڭلاش“،“ تېلداڭلىمى“، “ كىنو داڭلىمى“، “ شىركەت داڭلىمى“ قاتارلىقلار بىزنىڭ تىلىمىزدا ئەلمىساقتىن بار ”داڭلاش“ سۆزى ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈلگەن بۇ ”داڭلام“ ئاتالغۇسى – قىسقا ئىككى بوغۇملۇق، ئېيتىشقا ئاسان، ئۇيغۇرلارغا مەنىسى چۈشۈنىشلىك بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ش. ئۇ. ئا . ر دا ئىشلىتىۋاتقان خىتايچە ”گۇاڭ گاۋ“ ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيادا ئىشلىتىۋاتقان رۇسچە ”رېكلاما“ دېگەن ئاتالغۇلاردىن ئۇزۇن ياكى مۇرەككەپ ئەمەس. مۇشۇ تەرىقىدە يەنە كوسموس ئىستانسىسى ئەمەس، ”كۆكستان“ دەپ ئاتىساق، ئېلېكتېر ئىستانسىسى ئەمەس ”ئېلىكتىرستان“، باشقۇرۇش نوختىسى ئەمەس ”نۇقتا“، باشقۇرۇش پونكىتى ئەمەس ”باشقۇر نۇقتا“، ئۇچاق (ئايروپلان) توشۇيدىغاننى ”ئۇچاتقۇ“ دەپ ئاتىساق، ھازىر ئۇيغۇرلار مەنىسىنى چۈشەنمەي ”ئاۋىئاماتكا“ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان نەرسىنى ”قوناق پاراخوت“ دەپ ئاتىساق نىمە دەپ بولمايدىكەن؟ مۇشۇ تەرىقىدە – تۇرمۇش، سانائەت، سىياسى ۋە باشقا ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋە جىمى تۈرك دۇنياسىنىڭ تىلىنى بېيىتىشىمىز ئەلۋەتتە مۇمكىن بولىدۇ.
1917- يىلى رۇسىيىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش ”ئۇلۇق ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن“ كېيىن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قارمىقىدىكى جىمى تۈركى مىللەتلەر قۇرئان خېتىگە ئاساسلانغان ئۇيغۇر – تۈرك يېزىقىدىن رۇسلارنىڭ كىرىل ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈلدى. تۈركى مىللەتلەر ئۇنى قارشىلىقسىز قوبۇل قىلدى. نەتىجىدە – ئۇلارنىڭ سوۋېت تەركىبىدە جۇمھۇرىيەتلىرى بار تۇرۇقلۇق تىلى ئاجىزلىشىپ، رۇس سۆزلىرىنى ئارىلاشتۇرماي سۆزلىشەلمەيدىغان، نۇرغۇنلىرى ئۆز تىلىدا گەپلىشەلمەيدىغان ھەتتا چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تىلى دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتىدى.
تۈركىيىمۇ – قۇرئان خېتىگە ئاساسلانغان تۈرك يېزىقىنى بىر نەچچە ئەسىرلەر جەريانىدا ئۆز تىلىغا تۈزۈك ماسلاشتۇرالماي، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىغا قارىماي 1928- يىلى ئۇ يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ياۋروپا خرىستىئان دۆلەتلىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ياشلارنىڭ مۇستافا كامالنىڭ (”ئاتا تۈرك“ دەپ نام ئالغان) رەھبەرلىكىدە دۆلەت بېشىغا چىقىشى بىلەن تەڭ لاتىن ھەرپىگە كۆچتى. دۇنيادا بىردىن- بىر ئۆز مۇستەققىلىقىنى ساقلاپ قالالىغان تۈرك دۆلىتىنىڭ رەھبىرى مۇستافا كامال ئاتا تۈرك تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئويلىمىدى. تۈرك يېزىقىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز خەلقىنى دىنى مىراسىدىنمۇ ئايرىۋەتتى. بۇ خىل ياۋروپاغا ئەگەشمىلىك تۈرك دۇنياسىنىڭ چېچىلىش سۈرئېتىنى جىددىلەشتۈردى.
تۈرك دۇنياسىنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتمەي، ئۇنى تۈرك تىلىغا مۇكەممەل ماسلاشتۇرغان ئۇيغۇر زىمىنىدىكى تۈركى مىللەتلەر تىلىنى تولۇقى بىلەن ساقلاپ قالدىلا ئەمەس، زامانغا لايىق راۋاجلاندۇردى. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ تىلىنى تولۇق چۈشىنەلەيدۇ ۋە خېتىنى ئوقۇيالايدۇ، ش. ئۇ. ئا. ر نىڭ تۈركلىرى ئاخبارات ئومۇملۇقىغا ئىگە. ئۇيغۇرلار غايىبانە چوڭ تۈرك دۇنياسىدىن مەجبۇرى ئايرىلىپ، ئۆز زىمىنى – ئۇيغۇرىستاندا ئىخچام ئەمەلىي تۈرك دۇنياسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئۇ زېمىندىكى قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخى يازما ئەسەرلىرىنى غەيرى تىللىق ئالىملارنىڭ تەرجىمىسىسىز ئوقۇيالايدۇ. رۇسىيە ۋە تۈركىيەدىكىدەك ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بىرلىكىنى ئۇنۇتمىدى.
200 مىلىيونلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ھازىرقى بىچارە ئەھۋالى- تۈرك مىللەتلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ دۇنيانىڭ چوڭ سىياسى سەھنىسىدە ھەل قىلغۇچ رولىنىڭ ۋە ئورۇنىنىڭ يوقلىقى ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەگەشمىلىكى، زامانغا ماسلىشىپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ماڭالمىغانلىقى ھەم دىنى خۇراپاتلىقىدىن كىلىپ چىققان. ئۇلار ئەجدادلىرىنى ئۇنۇتقاقلىقىدىن ئۆز تىلىغا، يېزىقىغا ۋە ئەجدادى ئەنئەنىسىگە ھۆرمەتسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان.
يۇقۇرىدىكى ئىزھارىيەتلەر تىل ۋە يېزىقنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ. ئۆز يۇرتىدىن، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق- تۇغقان، قوۋمى- قېرىنداش ۋە ئەل- ئاغىنىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىدىغان سۆھبەتداشقا تەشنا بولغان، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ۋە ئانا تىلىنىڭ قەدرىگە يەتكەن، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار مىنىڭ بۇ ”بىزنىڭ تىل، يېزىقىمىزنىڭ بىردەكسىزلىكى مىللىتىمىزنى يوقىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ“ دېگەن تەشۋىشىمنى چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىرادە باغلايدۇ ۋە مىللىتىنىڭ تارىخى يېزىقىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا مۇھاجىرەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە مىللەتنىڭ ئۆزلۈكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشكە قوشىدىغان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى- ئۆز تىلىنى ۋە يېزىقىنى بىلىشىدە، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىدىن قېلىشماسلىق ۋە ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان تىل ۋە ئوقۇيالايدىغان يېزىقتا يېزىشىدا، ئۇلارغا ئۆلگە بولۇشقا تىرىشىش، ئۇيغۇر تىل ئاتالغۇلىرىنى، باشقىلارنى دورىماي ۋە ئۇلارغا ئەگەشمەي، ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە، خەلقئارالىق ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىغا، تۈركلەر قوبۇل قىلالىغىدەك ئاددىيلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.
يۇقىرىدىكىلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى بىلىش ۋە ئۇنۇتماسلىق لازىم:
– ئۇيغۇر تىلى – يۇنان ۋە لاتىن تىللىرى بىلەن قەدىم زامانلاردىن تارتىپ XVII ئەسىرگىچە بەسلىشىپ كەلگەن تىل، ھازىرمۇ ھەر قانداق تىل بىلەن بەسلىشەلەيدۇ؛
– كونا ئۇيغۇر يېزىقى يۇنان يېزىقى بىلەن يىلتىزداش، ئىككىلىسى بىۋاسىتە ئارامىي يېزىقىغا ئاساسلانغان؛
– يېڭى ئۇيغۇر يېزىقى كونا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە يۇنان يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقى ئارقىلىق يىلتىزداش (ئەرەب يېزىقى نابات ۋە فىنىك يېزىقى ئارقىلىق ئارامىي يېزىقىغا تۇتۇشىدۇ). كونا ئۇيغۇر يېزىقى قاچان پەيدا بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئامما ئارامىي يېزىقىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغانلىقىغا قارىغاندا يۇنان يېزىقى بىلەن يىلتىزداش ۋە تەڭداش دەپ قاراشقا بولىدۇ.
– ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىلا يېزىقى (كونا ۋە يېڭى) ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىرىنجىسى – تەڭرى دىنى، ئىككىنجىسى – ئىسلام دىنى؛
– كىرىل يېزىقى IX ئەسىردە ئۇيغۇر-تۈرك ئەۋلادلىرى بولغان بۇلغارلار سىلاۋيانلىشىپ، تەڭرى دىنىدىن خرىستىئان دىنىغا ئۆتكەندە، ئۇيغۇر- تۈرك ۋە يۇنان يېزىقلىرى ئاساسىدا بۇلغارىيەدە پەيدا بولغان. رۇسىيىگە X ئەسىردە خرىستىئان دىنى بىلەن بىللە كىرگەن، XIV – XVI ئەسىرلەردە رۇسلاشقان. رۇسلارنىڭ ئەدەبىي تىلى XVIII ئەسىردىن باشلانغان. ئۇيغۇر- تۈركلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى VI ئەسىردە شەكىللىنىپ بولغان.
– لاتىن ۋە كىرىل (بولۇپمۇ رۇس) يېزىقلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ”ئىلغار“، رۇس تىلىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ”باي“ دەپ ئۇلارغا يېپىشىش، يۇمشىتىپ ئېيتقاندا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ۋە يېزىقىنى بىلمىگەنلىكىدىن ۋە شۇ سەۋەپلىك ھۆرمەتلىمىگەنلىكدىندۇر.
تىل – يېزىق ۋە دىن مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغان ئامىللاردۇر. ئۇلار كۈندە يۆتكەيدىغان مودا كىيىم ئەمەس. باشقا دىندىكىلەرنىڭ يېزىقىنى ئىسلام دىنىغا سۆرەپ كىرىشنى ئويلاۋاتقان قېرىنداشلار دوپپىسىنى ئالدىغا قۇيۇپ ئۇلتۇرۇپ كۆپ ئويلىشىشى لازىم. تىل، دىن ۋە يېزىق ئۇزۇن بىر تارىخى جەرياندا ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىنىڭ باشلامچىسى قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تىل، يېزىقىنى تۈرك دۇنياسى مەۋجۇدلۇقىنىڭ كاپالەتچىسى سۈپىتىدە ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. بۇندىن كىيىنمۇ ساقلىغۇسى ۋە كەلگۈسىدە زامانىۋى تۈرك دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىغۇسى. قۇدرەتلىك تۈرك دۇنياسىنىڭ دۆلەتمەن مىللەتلىرى قاتارىغا قوشۇلغۇسىدۇر.
مۇستەقىل تۈركى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىككى تىللىق ۋە ئىككى خەتلىك بىر مىللەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، مىللەتنىڭ ئاساسى قىسمىدىن تىل ۋە يېزىق بىلەن ئايرىلغان ئاز سانلىق قىسمىنىڭ باشقىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا خارلىنىپ، ئۇلارغا سىڭىپ يوقىلىدىغانلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى چۈشۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىل ۋە يېزىقىنى بىرلىكىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش لازىم. ئەگەر تۈرك مىللەتلىرى غايىبانە تۈرك دۇنياسىنى جىسمانىلاشتۇرىشنى، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنى خىرستىئان دۆلەتلىرى بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ سىياسى مۇنبىرىدىن پەخىرلىك ئورۇننى ئېلىشنى ئىستىسە ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈركلەرنىڭ ئەۋۋەلقى يېزىقىنىڭ ھازىرقى تۈرىگە قايتىشى لازىم. ئۇ يېزىق شەرقى تۈركستان تۈركلىرى ھازىرقى زامانغا لايىق راۋاجلاندۇرغان، تۇرمۇشنىڭ جىمى ساھەلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئۆز ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر (تۈركى مىللەتلەر) ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن راۋان تىللىرىدا يېزىۋاتقان، قۇرئان خېتىگە ئاساسلانغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر-تۈرك يېزىقىدۇر.
XX ئەسىردە مۇستەقىللىق ئالغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى، تۈرك دۇنياسىنىڭ يوقۇلىشى دىمەكلىكتۇر. قازاقستان، ئۆزبېكستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان (22 مىلىيونلىق ئىراندىكى –ئەزەربەيجانلار تۈركلەرنىڭ تارىخى يېزىقىنىڭ ئىران تۈرىنى ئىشلىتىدۇ)، قىرغىزىستاننىڭ تۈرك يېزىقىغا قايتىشى، تۈركىيىنى- مۇستافا كامالنىڭ تارىخى خاتالىقىنى تۈزىتىپ ئەسلى يېزىقىغا قايتىشى، تۈرك دۇنياسىنىڭ قايتىدىن بىر پۈتۈنلۈككە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مۇسۇلمان تۈركلەر، قۇرئان خېتىگە ئاساسلانغان يېزىقنى تەرك ئەتمەڭلار! باشقا دىنلىق تۈركلەر، ئۆزەڭلارنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىساڭلار بۇ چاقىرىققا سىلەرمۇ قوشۇڭلار! تىل – يېزىق بىرلىكى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىدۇر.
2014- يىلى 12 – ئاينىڭ 10- كۈنى. موسكىۋا.
(مەزكۇر ماقالىنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن تەھرىرلىدى ۋە نەشىرگە تەييارلىدى)
يازما ھوقۇقى: LUE
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر تىل – يېزىقنىڭ دۇنياۋى بىرلىكى ھەققىدە ئويلۇنۇش
رابىيە قادىرنىڭ ئورنىغا كىم سايلېنىدۇ؟
يېقىندا قەلەمكەشلەر مۈنبېرىدە: ”يالغانچىلىق ئۇزۇنغا بارمايدۇ“
دىگەن ماۋزۇلۇق يازما ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا گەپ – ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىۋاتقان، ھەريانغا چېچىلىپ كەتكەن قېرىنداشلارنى جەملەشتۈرۈپ ئۇيغۇر ئۆزلىك يولىغا باشلاۋاتقان ۋە دېموكراتىك دۇنيا ئەھلى ئىتىراپ قىلىۋاتقان – بىردىن-بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ تەغدىرى توغرۇلۇق بولغانلىقدىن، ئۇنىڭغا، رۇسىيە ئۇيغۇرلىرى نامىدىن، ئىنكاس قايتۇرماقچىمىز.
ھەر قانداق ئادەم قېرىيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىپ كۈچىدىن قالىدۇ، خىزمەت قابىلىيېتىنى يوقۇتىدۇ. رەھبەرلەرمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس، بۇتەبىئى. باشقا بىرسىگە ئورۇنىنى بوشۇتۇپ بىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن بۆلەك، دېموكراتىيە قائىدېسىگە بىنائەن رەھبەرلەرنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى لازىم. رابىيە قادىر خانىم ئون يىل جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇ، ئۈزە قارىماققا دېموكراتىيەگە خىلاپلىقدەك كۆرۇنىدۇ. ئامما ئۇيغۇر مەسىلېسىنىڭ پايدا – زىيىنىنى ئويلىغاندا قابىلىيەتلىك ۋە ئابرۇيلۇق رەھبەرنىڭ ئالماشمىغىنى دۇرۇس.
دېموكراتىيە مەسىلېسىگە كەلسەك،
1. رابىيە قادىر خانىم دۆلەت باشلىقى ئەمەس، ئاممىۋى جەمىئەتنىڭ رەھبېرى، ئاممىۋى جەمىئەتدە سايلام ئەمەس، ئىتىراپ ئەۋزەل (خەلىق ئارالىق تەشكىل ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشى).
2. رابىيە خانىم خىتاي سىياسېتىنىڭ ئەمېلىيېتىدە تەربىيەلەنگەن، خىتايدا مەلۇم مەڭسەپكە ئىرىشكەن، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تونۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن غەرىب دۆلەتلىرى ئىتىراپ قىلىۋاتىدۇ ۋە شۇ سەۋەبدىن ئۆنىڭ ئىشلىرى ئۈنۈملىك بولىۋاتىدۇ.
3. مىللى ئازادلىق ھەركېتىنىڭ رەھبېرىنى سايلىمايدۇ، ھەركەت جەريانىدا ئۆسۈپ چىقىدۇ.
4. ھەر قانداق مىللەت ئۆزلىك ھوقۇقىنى كۈرەش جەريانىدا ئالىدۇ، ھېچ كىم ئۆزلىك تەقدىم قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىللى ئازادلىق ھەركېتى دېموكراتىيە رامكىسىغا سىغمايدۇ، ئۇ، رامكىغا سولاپ
قويسا، ھەركەت ئەمەلىيەتسىز قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئەمدى، رابىيە قادىرنىڭ يېشىغا كەلسەك، ئۇ، تېخى قېرى دىگىدەك ئەمەس. تېخى يەتمىشكە بارمىدى، سالامەتلىكى ۋە خىزمەت مۈمكىنچىلىكىدىن گەپ ئاچساق، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ياشلار خانىمنىڭ ئېغىر ژۈكلىرىنى ئۆز زىممىسىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا دەم
ئېلىش ۋە داۋالىنىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بىرىشى لازىم.
ئەلۋەتتە، رابىيە خانىم مەڭگۈلىك ئەمەس. ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلتايغا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ؟ دىگەن سۇئال تەبىئى، ئامما ئۇ، سۇئال ئەتراپىدا تالىشىش ۋە بىر بىرىمىزنى ھاقارەتلەپ، ئۇيغۇر ھەركېتىگە بۆلگۈنچىلىك سىلىش، يۇمشۇتۇپ ئەيتقاندا ياخشى ئىش
ئەمەس.
بىزنىڭچە، رابىيە قادىرنىڭ ئورنىنى باسقۇچى ئادەم – ئۇيغۇر ۋەتىنى خىتاينىڭ قانۇنلىق باشقۇرىشى ئاستىدا بولغانلىقدىن – خىتاي گراژدانى ياكى گراژدانلىقدىن مەھرۇم شەخس بولىشى لازىم. ئەگەر باشقا دۆلەت گراژدانى بولسا: ”ھەر قانداق دۆلەتنىڭ گراژدانى شۇ دۆلەتنىڭ خىزمېتىنى قىلىدۇ“ دىگەن ئاساسدا، خىتاي ئۇنى: ”چەت دۆلەتنىڭ جاسۇسى“ دەپ خەلىق ئاراغا جار سالىدۇ. ئۇنىڭ ئابرۇيى سۇغا چىلىشىپ، ئۇ، خەلىق ئارادىمۇ ۋەتەندىمۇ ئىشەشلىك ئابرۇيغا ئىگە بولالمايدۇ. بىزنىڭ ھەركېتىمىز خەلىق ئارالىق ئابرۇيغا
ۋە بوھتامدىن يىراق تۇرۇشقا بەك مۇھتاج.
قېرىنداشلار ئىناق بولايلى، بوھتامدىن يىراق تۇرايلى، ئويلاپ ئىش قىلايلى!
رۇسىيە ئۇيغۇر مىللى مەدېنى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائى ھەيئېتى.