خوش دوستۇم
ت. سەرگارى
(ۋەتەنسىز ۋەتەن زارىدا كەتكەن دوسلارغا)
خوش دوستۇم ئالدىراپ كىتىپسە بۈگۈن،
مەنمۇ ھەم كىتەرمەن ئەتە يا ئۆگۈن.
بىلىمەن كەلمەكنىڭ كەتمىكى چوقۇم،
ھاياتنىڭ ئاخىرى توپراق بىر ئۈچۈم.
جۇدالىق دىدارلىق چەمبەر بىر تۈگۈن،
مەڭگۈلىك ھايات يوق ۋاقىتلىق پۈتۈن.
ئايرىلدۇق مانا بىز سەن بىلەن بۈگۈن،
روھىمىز كۆرىشەر ئەتە يا ئۆگۇن.
بى ۈەتەن مەن ياپراق ھاياتىم جۇدۇن،
بۇ پانى دۇنيادا ئارام تاپمىدىم.
خىيالىم ھۆرلىكدە ھۇجۇدۇم تۈتۈن،
رەقىپلەر ۋەتەندە سەييارە ئۇچتۇم.
باش ئىگىپ دۈشمەنگە خوشلۇق كۈتمىدىم،
زەھەرلىك نەپرەتنى ئۇنىڭغا چاچدىم.
بايلىق ۋە مەڭسەپنى مەن ئاتلاپ ئۆتتىم.
تەڭسىزلىك كۆكسىگە خەنجەرنى ئاتتىم.
دوستۇم بىز سەن بىلەن ئوخشاش ياشىغان،
دۈشمەنگە تۈگۈمەس نەپرەتنى چاچقان.
ۋەتەنگە مەنپەتسىز جاننى ئاتىغان،
دوسلارغا مۈھەببەت كەڭ قۇچاق ئاچقان.
ئويلايمەن سەن كەتتىڭ مەنمۇ ھەم كەتسەم.
كىم يازار بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر دەردىنى؟
تىل، خەتدە چېچىلغان مىنىڭ ئەۋلادىم،
يا سىنىڭ تاپارمۇ بىرلىك رەشتىنى؟
خاتىرجەم بول دوستۇم باغى جەننەتدە،
پانىدا كۆرمىگەن راھەتنى كۆر سەن.
تۈگەيدۇ تۈنلەر يانىسەن ۋەتەنگە،
كۆرىسەن نەۋرەڭنى ھۆرلىكدە كۈلگەن.
كۆردىم مەن پىچاقلىق ئۇيغۇر ئوغلىنى،
ئاۋتومات تۇتقانغا قورقماي ئېتىلغان،
ئاللانى ئۇلۇغلاپ كۆرمەي ئۆلۈمنى،
ئۇيغۇرنىڭ ئەۋازىن دۇنياغا چاچقان.
تۇراقسىز بۇ دۇنيا دائىم ھەركەتدە،
موقۇمسىز غوجىلار، موقۇمسىز تۈزۈم.
كۆرەڭلەپ ئاجىزنى باسقان راھەتدە،
تۆكۇپ قان، چۆكىدۇ قانلاردا چۇقۇم.
خاتىرجەم بول! بۈگۈن پىچاق ئاتقانلار،
ئەتىلا ئەقلانە بومبىلار ئاتار.
ئۇ مۇدھىش كۇلىلىق بىزنى باسقانلار،
تەنلىرىن تاشلاپ روھىدا قاچار.
ۋەتەننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئۆلگەنلەر،
قەبرىگە ئەۋلادلار گۈلدەستە ياپار.
روھلىرى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىللە،
ۋەتەننىڭ ئۈستىدە خوشلىقدا ئۇچار.
موسكۋا. 2014. ئىيۈل
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: خوش دوستۇم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەنداشلار!
شىئىرنىڭ ماۋزۇسى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ: «ئانام كەلدى» ئەمەس، «ئانام كەل دىدى». تۈزۈتۈپ قويۇشىڭلارنى سورايمەنى.
شىئىرنىڭ مۈئەللىپى: ت. سەرگارى.
بەلكىم خاتالىق مەندىن ئۈتكەندۇر.
رەخمەت.
ت. سەرگارى
قەشقېرىم
مەن كىلىپ ئالەمگە سىەندە تۇنجا تىندىم قەشقېرىم،
كىندىكىمنىڭ تامچە قانى سەندە ئاقتى قەشقېرىم.
باغلىغان رەشتە ئانامغا جان تومۇرۇم كىندىكىم،
كەسكەن ئابدال پارچىسى جان سىەندە قالدى قەشقېرىم.
سىنىڭ باغىڭ لەززىتى كان مىۋە شاھى بەشكىرەم،
مىنىڭ ئويناپ ئۆسكەن جايىم ئەزىزانە قەشقېرىم.
بەشتوغراق باغىدا ئۆستۈم شاپتۇل ئەنجۈر مەن يىدىم،
لەززېتىن ئالەمدە ئىزدەپ ئۆزگە جايدا تاپمىدىم.
تۈركى دۇنيا سەركېسى ئول ساتۇق مىنىڭ چوڭ بوۋام،
ئاتۇشۇڭ باغرىدا ياتقان ئوغلۇڭ سىنىڭ قەشقېرىم.
ئارسىلان پەرزەندى ئاجىز*) بەشتوغراقتا قەشقېرىم،
بۇۋمەرەم خان تاۋاپ قىلىپ ئۆسكەن جايىم قەشقېرىم.
ئۆژمە قاتار ئۆسكەن كوچا ئوينىغان سەبى چېغىم،
باھارىمنىڭ لەززېتى باغ ئەزىزانە قەشقېرىم.
سىنىڭ دەنا ئۇغلۇڭ يۈسىپ دىلچىراغىم قەشقېرىم،
تۈركى تىل ئۇستازى ماھمۇد ئىلىمزارىم قەشقېرىم.
ناۋايىنىڭ غەزەللىرى خوشلۇق كۈيىم قەشقېرىم.
زەلىلىنىڭ دەستانلىرى مۇڭلۇق ئويۇم قەشقېرىم.
سۈت بىلەن ئەمگەن ئانامدىن جەۋھەر تىلىم قەشقېرىم،
يۆگىمەچدەك ئەۋرىشم خەت يازغان سۆزۈم قەشقېرىم.
چاقتى مازار مىچېتلەرنى كاپىر ئەبلەخ يىغلىدىم،
قوشۇلدى قان- ياشلىرىڭغا مىنىڭ ياشىم قەشقېرىم.
پارتلاپ ئاتوم بۇلغاندى ھاۋا، تۇپراقلىرىڭ قەشقېرىم،
نەدىن ئىزدەي ئەمدى سۈزۈك زەمزېمىڭنى قەشقېرىم؟
خەن تىلى چاپلاشتى تىلغا قۇشلاندى تىل قەشقېرىم،
ئەمدى قانداق چۈشىنەي مەن قەشقېرىنى قەشقېرىم.
قىزلىرىڭ تۇغماس قىلىندى قۇرار نەسلىڭ قەشقېرىم،
كىم سىنىڭ دۆشمەنلىرىڭنى قوغلار ئەتە قەشقېرىم.
باللىرىڭ ۋەيرانە قاچاق توزدى ھەر يان قەشقېرىم،
مەنمۇ ھەم سەرگارى شۇنداق سەندىن يىراق قەشقېرىم.
موسكۋا. 2014. 09. 24.
________________________
*) ئارسلاننىڭ پەرپەندى ئاجىز – ئارسلان خاننىڭ قىزى.