بۇ كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قوڭغىراق بىلەن تەڭ ئويغۇنىمەن
ئۆيۇمدىن يۈگىرەپ چىقىمەن…
ئاۋال شەھەرنىڭ سەھراسىدىكى
ئاپتوبۇستا…
ئاندىن يەر ئۇستى پويېزدا
ئاندىن يەر ئاستىدىكى –
سەكسەن پۇتلۇق تومۇر جانىۋىرىدا
ياشاش ئۇچۇن كۈندە چاپىمەن….
خۇدانىڭ ھەر كۈنى ئوخشاش
تەكرار تونۇش شۇ بېكەتتىن
يەنەسەكسەن پۇتلۇق تومۇر شوتا بىلەن
يەر ئۇستىدە تەكرار تىرىلىمەن…
ئاخشام ھارغىنلار ئۈچۈن بەزمە بولغان
سەھەردە قاڭسىق پۇراشقا باشلىغان
ئاۋۇ قاۋاقخانا دوقمۇشىدىن …
ھەركۈنى ئىككى رەت ئۆتىمەن!
يولۇمدا مەن كۆرگەن
چىرايلارنى بىرىنى قويماي خاتىرىگە ئالىمەن
بېرىلگەن ئون بەش مىنۇتلۇق چۈشلۈك ئارامدا
چارچاشتىن
ئەتىگەندىكى ئالدىراشنى بىراقلا ئۇنتۇيمەن
ھەممىنى تامىقىمغا قوشۇپ يېۋىتىمەن….
قايتىش يولۇمدا
يەنە شۇ يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىمەن
يەر ئۇستىگە چىقىپ تۇرمەن
ماڭىمەن…
قىزىل چىراقتىن
يېشىل چىراقنى كۈتۈپ تۇرىمەن
ئاخىر ئۆيۈمگە يېتىپ بارىمەن
ئۇماق بالىللىرىم ماڭا ئېتىلىغاندا
ھەممىنى ئۈنۈتۈپ…
بۇ ھايات ئەسلى گۈزەلكەن دەپ كۈلىمەن!
بىر كۈننى شۇنداق تۈگىتىمەن!
گەجگەمدىن بېسىپ تۇرغان
كۈن ھاردۇقنى
ئۇيغۇر لەغمىنىنى تازا سېغىنىپ تۇرۇپ
قىزىمنىڭ يات تىلدىكى چۈچۈك گەپلىرىنى
ئارام بىلەن ئۇيغۇرچىغا ئارىلاشتۇرۇپ
مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان
تائاملارغا قوشۇپلا يېۋىتىمەن….
ھەر كۈنى ئىشقا بارىمەن
قايتىپ كېلىمەن
سائەتلەپ پويىزدا ئادەملەر بىلەن قىستىلىشىپ
بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي
شەھەر ئەرۋاھلىرى بىلەن تەڭ
ئۇن – تىنسىز قايتىمەن!
لوندوندا قاچان كۈن ئاتىدۇ؟
قاچان پاتىدۇ
بۇنى بىلمەيمەن
ھەم بىلىشنى خالىمايمەن
چۈنكى مېنىڭ سەھەر ۋە ئاخشىمىم
يەر ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ
يۈركىمدىن ئوخچۇپ چىقىدىغان
ھەركۈنى يېلىنجاپ تۇردىغان سېغىنىش ئۆتلىرى
ئالدىمدىكى كوپىيۇتېرنىڭ ئېكىرانىدا
مەن ھەر قېتىم «ۋەتەن» دىگەن خەتنى –
يازغىنىمدا كۈيۇپ كېتىدۇ…
بۇ يەردە تۇرمۇش ھاياتىنى
ھەر كۈنى ئالدىدا يۈگۈرتۈپ ماڭىدۇ
ئولتۇرۇش يوق
مەشرەپ – كېپەنيۈزىدە قالغىلى نە ۋاق
بۇ كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ
قوغلىشىپ بىر بىرلىرىنى
بىلمەيمىز يەنە قانچىسى ئۆمۈر گۈللىردىن
ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن يىراق –
لوندون دېگەن بۇ شەھەردە ئۈچۈپ كېتىدۇ!
2015 – يىلى 24 – مارت لوندون يەر ئاستى پويىزنىڭ شىمالىي لىنيەسىدە كېتىۋاتقاندا يېزىلدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بۇ كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ