يەنە باھار كەلدى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئۈزاق كۈتۈشلەردىن
توڭى ئېرىگەن ئەگىزلەردىن
غازاڭ ئۈچۈرتقان شاماللاردىن
ئېزگۈ تۇيغۇم ئېيتىدۇ
يەنە باھار كەلدى…
ئاخشام قىروۋ قونغان ـ
ياش تامچىيدىغان كىرپىكلەردىن
سەھەر چىققان سېرىق ئاپتاپتىن
بالدۇر ئېچىلغان باغچامدىكى
ئالا ـ چىپا چېچەكتىن
ھېجىران ئوقى خەستە قىلغان يۈرەكتىن
يىل بېشى نورۇزغا
قارا قىش تامان ئۈششۈگەن ئۈمىد
ئېرىپ كېتىشكە
يەنە كېلىپ قوشۇلدى.
باھار چىللاپ تىنمايدىغان
دېڭىز دولقۇنىغا تەڭكەش
شاماللارغا ئۇسۇل ئوينايدىغان
پەسىل قۇشلىردىن
مەھەللەمدىكى قېرى سۆگەتتە
«كاككۇك» نى چاقىردىغان
مەشۇق نالىسى زەينەپتىن
راسىت كەلگەن ئوخشايدۇ باھار…
قىش تەپتىدە مۇزلىغان يۈرەك
يەنە قايتا ئىللىدى!
2015 ـ يىلى 11 ـ مارت لوندوندا يېزىلدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: يەنە باھار كەلدى