قىزىل قۇياش
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مۇئەللەقتە قىزىل قۇياش –
كېچىچە غايىپ ئەرۋاھلار قېنىنى ئىچىپ
قاندەك قىزىرىپ سەھەردە چىقىدۇ…
كۈن چۈشتە
يۈزىدىن ئوغرىدەك تەبەسسۇم تۆكىدۇ.
پېشىنگە ياندىشىپ –
قىيسايغان مەسچىت ئۆگزىسىدە
قېرى مەزىن ئەزان توۋلىغاندا
يالغۇز توغراق مەھەللىسى ئۇستىدە كەزگەن
كۆيۈپ ھالىدىن كەتكەن قۇياش –
يۇملاق يۈزگە قان تولىدۇ!
ئىتلار قاۋاشقا –
توخۇلار چىللاشقا باشلىغاندا
قۇم باسقان ئەلنىڭ ئاسمىنىدىن
تۈن كېچىسىدە ئاي – يۇلتۇز قايتا پارلىغاندا –
مەغرىپتە قىزل قۇياش
ئۇلۇغ ئوكياننى قان رەڭگە بوياپ
ئاستا ئاستىغا چۆكىدۇ…
ئەۋلىيا سۈپەت بۇغا ئاتا-
غەمگۇزار بېشى ئاقارغان
ھارارەتتىن يالقۇنتاغ كۈندە كۆيىدۇ…
ئايدىڭ كۆل كۆزىدە مەڭگۈلۈك ياش
خانتەڭرى غەزەپتىن سۈكۈتكە پاتقان..
ھەممىسىنىڭ ئىچىگە
لىق – لىق ئەلەملەر تولغان …
دادىسىدىن يېتىم قالغان
ئانىسى ئەرگە تەككەن –
پادىچى بالا گەمىدە
ئۇ قورساقنىڭ غېمىدە
قۇمىغا ئاخشام تۇخۇم كۆمۈپ قويغان –
پىشقانمىدۇ بۇچاققا؟
تەكلىماكان بېشىغا كۈن چۈشكەن چاغ
يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيدۇ نېمىشقا؟
ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ تەڭلىمىسى
قىيامەت تارازىسىغا چۈشكەن كۈنىدە
تاڭ ئۇچۇن ئۇلۇغ چېلىشىش پۈتكەندە
شەرىق دېڭىزىدىن قان ئىچىپ
قىزىل قۇياش ئەتىسى يەنە چىقىدۇ…
چىقىدۇ… پاتىدۇ…
ئۇنىڭ كۈنى شۇنداق ئۆتىدۇ
تەكرار بۇ قىسمەت داۋام ئېتىدۇ
ھاياتنىڭ دەپتىرى ئاخىر پۇتىدۇ!
مىلادى 2015 – يىلى، 17 – ماي، لوندون.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-29741-1-1.html
http://bbs.bozqir.top/forum.php?mod=viewthread&tid=7189
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قىزىل قۇياش