ياركەنت كېچىسى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق….
بىراق ياركەنت كېچىسى ماڭا پىچىرلايدۇ
يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ
قاراڭغۇ كېچىدە ئۇلار كۆپ چىقىپتۇ
ۋەلىۋاينىڭ مەسچىتى ئۇستىگە
ماڭا تونۇش ئاي شولىسى يەنە چۈشۈپتۇ.
چىڭپەنزىنى مەن بىلـمەيمەن…
ئاق ساقال بوۋاي قولىدا
يېرىم ئەسىر ئىلگىرى قۇيۇلغان ئەتكەن چاي ئىچىپ
ئۇ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىپ
ماڭا ئوخشاشلا
بىردەملىك مۇڭغا پېتىپتۇ…
ئۇ ۋەتىنى ھەققىدە توختىماي سۆزلەيدۇ
مەنمۇ قوشۇلۇپ سۆزلەيمەن
ھاياجاندىن ئاۋازلار تەڭ تىتىرەيدۇ….
خورازنىڭ چىللىشىنى كۈتمەي
ئەمدى مەن ئۇخلاي دېسەم ـ
«ئەۋلىيا ياغاچ» نىڭ قاغجىراپ كەتكەن
شاخلىرى ئۇستىدە قېرى ھۇقۇش
تارىمدا مەن ئاڭلاپ كۆنگەن
ئوخشاش نەزمىگە ھۇۋلايدۇ…
سەھەردە ئويغانسام
يۇلتۇزمۇ يوق، بوۋايمۇ يوق
ھەممىسى خاتا يېزىلغان بىر پارچە شېئىردەك
كۆزۇمدىن غايىپ بولۇپتۇ
ئۆيۇمنىڭ ئىچىدە
ئاتامنىڭ يېشى بىلەن تەڭ
ئۆز تىلىمدا پۈتۈلگەن
رەڭگى ئۆچۇپ سارغىيىپ كەتكەن قەغەزلەر
ھەممە يەردە چېچىلىپ يېتىپتۇ…
2015 ـ يىلى، 3 ـ ئاۋغۇست، ياركەنت، قازاقىستان
ــــــــــــــــــــــــــ
яркәнт кечиси
әзиз әйса әлкүн
көңлүмниң арами йоқ….
бирақ яркәнт кечиси маңа пичирлайду
юлтузлар җимирлайду
қараңғу кечидә улар көп чиқипту
вәливайниң мәсчити устигә
маңа тонуш ай шолиси йәнә чүшүпту.
мән чиңпәнзини бимәймән
ақ сақал бовай қолида
йерим әсир илгири қуюлған әткән чай ичип
у туғулған юртини яд етип
маңа охшашла
вәтини һәққидә тохтимай сөзләйду….
авази һаяҗандин титирәйду….
әмди мән ухлай десәм ـ
”әвлия яғач“ ниң қағҗирап қуруп кәткән
шахлири устидә һуқуш
таримда мән аңлап көнгән
охшаш нәзмигә һувлайду…
сәһәрдә ойғансам
юлтузму йоқ, бовайму йоқ
һәммиси хата йезилған бир парчә шеирдәк
көзумдин ғайип болупту
оюмниң ичидә
атамниң йеши билен тәң
өз тилимда пүтүлгән
рәңги өчуп сарғайған қәғәзләр
һәммә йәрдә чечилип йетипту…
2015 ـ йили, 3 ـ авғуст, яркәнт, қазақистан
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-32645-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ياركەنت كېچىسى