دۇنيا كۆيۈۋاتىدۇ
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
سائەت يەتتىدە سەھەردە
ياستۇقۇم بېشىدىكى رادىئو سۆزلەيدۇ:
”شىئە بىلەن سۈننىيلەر يەمەندە
ئىسلام دۆلىتى سەئۇدى
دوستى ئامېرىكا بىلەن
بومباردىماننى باشلايدۇ…
ئىراق
ئۇكرائىن
سۇمالى
يەكەن …
قارمايدىكى ئۇيغۇرنىڭ كەپىسى
ئاخشام چىققان 10 بال شامالدا
تېخىچە كۆيۈۋاتىدۇ…“
ئىنسانلىقتىن
مىڭ قېتىم ھەر كۈنى مەھرۇم دۇنيا
ئانا سۈتىگە زار بوۋاقتەك تېلىقىپ
تېلىقىپ يىغلايدۇ!
ھەر كىم ھەر ئاھاڭدا كارنىيى يىرتىلغۇچە
ئۆز مۇقامىغا توۋلايدۇ!
نەپسانىيەتتە
ئادەملەر ھەممىدىن ئۈستۈن
بىرى يەنە بىرسىنىڭ تىلىنى
دىلىنى چۈشىنىشكە ۋاقتى يەتمەيدۇ
ياكى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ!
ئىنسانلىق ھالاكەت ئالدىدا
ئاچچىق تولغىنىۋاتىدۇ
دۇنيا كۆيۈۋاتىدۇ!
ئادەملەر ياشىغىنىغا ئىنسان بولۇپ
كۈلكە يوقالغان چىرايىدىن
تالاي تالاي پۇشايمانلار تۆكىدۇ
توختىمايدۇ
كۆزلەردىن يوقالغان ھايات ئۈمىدى
غايىبانە قەيەردىدۇر يىغلايدۇ…
زاماننىڭ زۇلمەت قامچىسى
مېھرىبان يۈرەكلەرنى پارا پارە تىلغايدۇ!
بىچارە ئانىلار ھەر كۈنى
جەڭدىكى بالىلىرىغا ئامانلىق تىلەپ
دۇئا قىلىدۇ!
ھىچ كىم بىلمەيدۇ
سەۋەبى سورالمايدۇ
پۇرسەت ھەم بېرىلمەيدۇ
بوغۇلغان تىللار
خورلانغان دىللار
كېسىلىپ تۇرىدىغان باشلار
بومبىدەك پارتلاپ تۇرىغان جانلار …
سۇ بولۇپ قانلار ئاقىدۇ!
نەپىرەتلەر يامغۇردەك
كىملەرنىڭدۇر بېشىغا ياغىدۇ!
ئاجىزلەر ئۇستىدىن
تار يولدا كۈچلۈكلەر ھەر كۈنى
ئۇلارنى دەسسەپ ئۆتىدۇ
دۇنيا نەپرەتتە تاشقىن
ئىنسانلىق چۆل يولىدا ھوشسىز ياتىدۇ
ھايات شۇنداق داۋام ئېتىدۇ!
ۋاپاسىز ئادەم دۇنياسى
ئۆز ۋە ئۆزگىنى بىلەلمەي
گۇناھ بىلەن تويۇنۇپ كېتىۋېرىدۇ …
بارسا كەلمەس ئۇپۇقتىكى مەۋھۇم يولغا
مەزلۇملار يېشىدىن ئاۋۇغان
ئۇلۇغ ئوكيانغا
توپان بالىسىغا ئوخشاش گۇمران بولۇشقا!
2015 – يىلى 26 – مارت
لوندون.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: دۇنيا كۆيۈۋاتىدۇ